كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: «ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى قوزغاش ناھايىتى مۇھىم»

0:00 / 0:00

2018-يىلى ئاخىرلىشىپ 2019-يىلنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا كانادادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا مۇسۇلمان جامائىتى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى قوزغاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە كانادادا ئېلىپ بارغان بۇ جەھەتتىكى بەزى ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئاڭلاتتى.

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى 2018-يىللىق خىزمىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارىتا داۋاملىق سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى جامائەتنى قوزغاش ۋە ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق خىزمەت نىشانى قىلغان ئىكەن.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى سۆزىدە يەنە نۆۋەتتە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە بولغان ئىنكاسلار كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىق سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ھازىرقى شارائىتتا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇنىڭغا باغلانغان مەنپەئەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى بۇنداق شارائىتتا ئالدى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى كەڭ جامائەتنى قوزغاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ 2018-يىللىق خىزمىتىدە مۇھىم نۇقتىنى كانادادىكى مۇسۇلمان جامائىتىگە قاراتقانلىقىنى، يەنى كانادانىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئىچىدە مۇسۇلمان جامائىتى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، كانادادىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز شارائىتى يار بەرگەن دائىرىدە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شەھەر ۋە رايونلاردىكى مەسچىتلەردە ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئىشىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتە مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تۇرنىسا مەتسىدىق خانىم ئۆتكەن ھەپتە كانادادا ئېچىلغان «RIS»، يەنى «ئىسلام روھىنى ئۇرغۇتۇش» يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بىر ئۇيغۇر.

تۇرنىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەزكۇر يىغىندىن ئىلگىرى ۋە يىغىن مەزگىلىدىكى تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان جامائىتى ئارىسىدا تەسىر كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم تونۇلغان ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تونۇشقان ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇنىڭغا يازغان جاۋاب خەتلىرىدە ئۆز تەسىرى ئارقىلىق مۇسۇلمان جامائىتىگە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ۋە مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ بېسىمى ئارقىلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھايات-ماماتلىق بۇ ۋەزىيەتكە نىسبەتەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىدەك پاسسىپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە بۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەھۋالى ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى مۇسۇلمان جامائىتىگە ئاڭلىتىشنى ئۆز خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەمەت توختى ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى بولۇشتەك سالاھىيىتىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كانادا ھۆكۈمىگە ئاڭلىتىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى يەنە كانادادىكى مۇسۇلمان جامائىتى توپلىنىدىغان تۈرلۈك يىغىلىشلاردىمۇ ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.