مۇستافا ئاقيول: «مۇسۇلمان رەھبەرلىرى نېمىشقا خىتايغا رەھىمدىل مۇئامىلە قىلىدۇ؟»

0:00 / 0:00

مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە جامائەت يېتەكچىلىرى نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇر قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماپ، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىشىغا سۈكۈت قىلىدۇ؟ بۇ 2018‏-يىلى غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر ئەڭ كۆپ سورىغان سوئاللارنىڭ بىرىدۇر. غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى خىتاي بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئالاقىسى، خىتاينىڭ مەبلىغى، ئۇنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى.

ئەمما 2‏-يانۋار كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر ماقالىدە بۇنىڭ سەۋەبى پەرقلىق نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈلگەن.

ماقالىنىڭ ئاپتورى تۈركىيەلىك يازغۇچى، ژۇرنالىست، ئامېرىكا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول، خىتاينىڭ سىياسىتى مۇسۇلمان خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىسلامغا قارىتىلغان ھۇجۇم بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا مالايسىيالىق سىياسەتچى ئەنۋەر ئىبراھىم، پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرى نۇرۇل ھەق قادرىدەك قىسمەن شەخسلەرنىڭ سىرتىدا، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇستافا ئاقيول «مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ خىتايغا بۇنچىلىك رەھىمدىللىق» قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىپ، بۇنىڭدا 3 خىل ئامىلنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىرىنچى خىل ئامىل سودا-ئىقتىساد بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، خىتاي ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ئىكەن. ئىككىنچى خىل ئامىل خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىشلىتىۋاتقان تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئاپتور، خىتاينىڭ قانۇن-تەرتىپنى قوغداش، دېگەن بۇ خىل ئىستىبدات تىلىنى مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۈچىنچى خىل ئامىل مۇسۇلمانلاردىكى «غەرب» كە قارشى دىنداشلىق چۈشەنچىسى بىلەن ئالاقىدار ئىكەن. ئۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ «غەربلىك ئەزگۈچىلەر» نى «چوڭ شەيتاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى كاپىتالىستلار، ھېدونىستلار، زىئونىستلار»، دەپ تەرىپلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ ئىسلامچىلارنىڭ «پۈتۈن دىنداشلار غەربكە قارشى كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشى، ‹كوڭفۇزى-ئىسلام› ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، غەربكە قارشى تۇرۇشى كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇستافا ئاقيول زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسى بۇ مەسىلىدە ئاجىز پوزىتسىيەدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىرقانچە خىل سەۋەبى بار. بۇنىڭ بىرى، مۇسۇلمان دۇنياسى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان زۇلۇم غەربتىن كەلسە، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەدىن كەلسە تېخىمۇ قاتتىق رېئاكسىيە بىلدۈرىدۇ. بۇنداق بىر تارىخى پوزىتسىيە مەۋجۇت. بۇ خاتا. زۇلۇم كىمدىن كەلسە كەلسۇن رېئاكسىيە كۆرسىتىش كېرەك. ئىككىنچى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادى ئالاقىسى بار. ئۇلار خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى، خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى ئىستەيدۇ. شۇڭا، خىتاينىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ. ئۈچىنچى خىل ئامىل، بۇ بىر ئاز ئىستىبداتلىق رېجىم مەسىلىسى. مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەر ھۆكۈم سۈرىدۇ. شۇڭا، ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشمىسۇن، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلسۇن، دېيىلسە بۇ كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ قۇلىقىغا خوش ياقىدۇ.».

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كاتو ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر يىغىندا مۇخبىرىمىزغا قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ خىتايغا يېقىنلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىلمەكتە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلى مەن تۈركىيەنىڭ بۇ ئىشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى ئىستەيتتىم. تۈركىيە بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خېلى چوڭ ياردەملەرنى قىلاتتى. تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر خىتايغا يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە ئارقىغا چېكىندى. ھەتتا بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەسلىك پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ تۈركىيەدىكى ھەممە ئادەم ھۆكۈمەت ئويلىغاندەك ئويلىمايدۇ. تۈركىيەدە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە قويۇۋاتقان، ئۇنىڭغا سەزگۈر مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئىنسانلار بار.»

مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئاساسى جەمئىيەت ئېقىمى داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ قىلمىشى يېقىندىن بۇيان ھىندونېزىيە، مالايسىيا، بانگلادېش، تۈركىيەدەك بەزى دۆلەتلەردە قىسمەن نارازىلىقلارغا ئۇچراشقا باشلىدى. يېقىندا ھىندونېزىيە ئۆلىمالار كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنى خىتاي بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سۆزلىشىشكە چاقىرغان. ئارقىدىنلا ھىندونېزىيە ئاۋام پالاتاسى ھۆكۈمەتنى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىنى قوللاشقا ئۈندىگەن. مالايسىيانىڭ كېلەر نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سۆزلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەبنەر ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى ئىستانبۇل ئاتا-تۈرك ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئارقىدىنلا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ 11 نەپەر مۇساپىرنى قويۇپ بەرگەن ئىدى.

لېكىن غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينى تەنقىدلەپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇنىڭغا قارشى كونكرېت جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنىشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفىيە رېچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار( غەرب) ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن توغرا گەپلەرنى قىلىپ كەلدى. ھازىر ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا ھەقىقىي بېسىم بولىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىش ۋاقتى كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى بىلىشى، ئۇ چاقىرىقلارغا قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىپلا قالماي، ئامېرىكا يۈرگۈزگەن جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ بىر بەدىلى بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنىڭ بىر بەدىلى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بەك مۇھىم. بۇ دېگەنلىك قانۇنسىز ئىشلارغا ئارىلاشقان ئەمەلدارلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلەش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقانلىقى يېتەرلىك دەلىلگە ئىگە بۇ ئەمەلدارلارنى جازالاشنىڭ يولىنى تېپىشتۇر. بۇ دېگەنلىك يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋەقەلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش دېگەنلىكتۇر. شۇنداق قىلغاندىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى دۇنيانىڭ ئۇنىڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشتە قانچىلىك جىددىي ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.»

مۇستافا ئاقيول «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدىكى ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلار سۈنئىي ئىسلامنىڭ زامانىۋى ئېقىمىغا تەۋە بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۆزى بارلىق دىنلارنى خۇراپاتلىق، دەپ قارايدىغان كومپارتىيەنىڭ ئۇلارنى «نېرۋا كېسىلى» گە چىقىرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك باھانە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «مانا بۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى، رامزاندا روزا تۇتۇشىنى چەكلىشى، ئىسلامدا مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ، چوشقا گۆشى يېيىشكە ۋە ھاراق ئىچىشكە زورلىشىدىكى سەۋەب ئىكەن».

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى» نى باھانە قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، بۇ ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئېتنىك مۇستەملىكە سىياسىتى پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «تارىخ خىتاينىڭ ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ئىجابىي نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ كاللىسى بۇنى چۈشىنىپ يېتىشكەن قادىر ئەمەس» ئىكەن.

ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى گۇەنتانامو لاگېرىغا سېلىشتۇرغانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتىمىز دېگەن سۆزى ھېچبىر ۋاقىت ئىشەنچ بېرەلمەيدۇ. توغرا، ئامېرىكا ئادەملەرنى گۇەنتانامو لاگېرغا سولىدى. گۇەنتانامودىكى تۇتقۇنلار 50 دەك كىشىگە بارىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغان ۋاقىتلىرىدا بىر قانچە يۈزگە يېتىپ بارغان. بۇ كىشىلەر ئەل-قائىدە سەپلىرىدە ئۇرۇشۇۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىدى. لېكىن سىز بۇ يەردە پۈتۈن بىر خەلقنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماۋاتىسىز. قولىدا قورال بار خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوراللىقلارنى قامىغان بولسا ھېچكىم بىر نېمە دېمەيتتى. چۈنكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە قورال كۆتۈرگەن كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى بار. لېكىن سىز بۇلارنىڭ ئىچىدە تېررورچىلار بار دەپ پۈتۈن بىر خەلقنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتىنى يورۇتۇشقا ئۇرۇنسىڭىز، سىز ئۇ تېررورچىلاردىنمۇ زور تېررورلۇق قىلىۋاتىسىز، يەنى دۆلەت تېررورلۇقىنى سادىر قىلىۋاتىسىز دېمەكتۇر.»

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، غەرب ئەللىرىدە ئىسلام ۋەھىمىسى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ تاراتقۇلاردا تەنقىدلىنىپ، سوت ۋە لىبېرال ئورگانلار ۋە ئەنئەنىلەر تەرىپىدىن چەكلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدىغانلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدەك ئورگانلارغا سايلىنالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئەركىنلىك بىلەن دىكتاتورىلىقنىڭ بىرىنى تالاش مۈشكۈل ئەمەس. ئەركىنلىكتە سىز بىر مۇسۇلمان بولسىڭىزمۇ، بىخەتەرلىك ۋە غۇرۇرىڭىز بىلەن ياشىيالايسىز. دىكتاتورىلىقتا خىتاي بىزگە كۆرسىتىۋاتقاندەك سىزنىڭ ئاقىۋىتىڭىز قايتا-تەربىيەلەش لاگېرىدا ئاخىرلىشىشى مۇمكىن» دېدى.