ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مىسلىسىز زۇلۇم تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغاندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. ھالبۇكى ھەرقايسى جايلاردىكى ئاۋام خەلقنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان سىياسىي ۋە دىنىي باستۇرۇشلاردىن خەۋەرسىز قېلىشى ئۇيغۇر داۋاسىدىكى يەنە بىر زور بوشلۇقنى تېزدىن تولدۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئاشكارا قىلىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىل ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كارخانىچىلار تورى ۋە ئادامس مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتى 18-يانۋار كۈنى كەچتە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەردىن بىرى بولغان «ئادامس مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلدى.
ئالدى بىلەن ئادامس مەركىزىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن روبېرت ماررو ئەپەندى سۆز ئېلىپ دىنىي ئېتىقادنىڭ ئىنسانلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي ھەقلەردىن ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ھەقلەردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك قانداق زۇلمەتكە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇشنى ب ب س قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئىشلىگەن سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشكە ھاۋالە قىلدى.
سىن ماتېرىياللىرى ئارقىلىق ئالدى بىلەن يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان، ئەمما ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «دىنىي ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق ئىنسانىي ھەقلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلاردىن مىليونلاپ كىشىنىڭ ھازىر لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە بۇنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى شەخسلەرنىڭ بىرى، ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «ئۇيغۇر كارخانىچىلار تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاي سۆز ئالدى. ئۇ ئالدى بىلەن يىغىن ئەھلىگە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئورتاق بولغان «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم» دەپ سالاملىشىشنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ دائىرىدە مەنئى قىلىنغانلىقىنى ئېيتقاندا ھەممەيلەن بۇنىڭدىن تولىمۇ تەئەججۈپ ھېس قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتە ئۈچ مىليونچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، بۇ خىل ئاچچىق رېئاللىققا قارىتا ھۆكۈمەتلەر بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئەھۋالدا ئاۋامنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، شۇ ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە سۆز قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
قۇززات ئالتاي شۇنىڭدىن كېيىن زالدىكىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى، «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ماكاننى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەتتىن مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇش جەريانىدا قانداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ جاينىڭ تارىخىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بويىچە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ كېلىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي تازىلاشنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرىنى، جۈملىدىن مەدەنىيەت، دىن، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت ساھەسىدىكى قىرغىنچىلىقنى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايلاشتۇرۇشنى، يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋە ئالىملىرىنىڭ نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى رەسىم ۋە سىن ماتېرىياللىرى ئارقىلىق كۆرسەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇيىزا گرېۋ خانىم سۆز ئېلىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نى تەدبىقلاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخى بىر كۈن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك پالاتا ئەزالىرىغا خەت يېزىشقا، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ قانۇن لايىھەلىرىگە ئىمزا قويۇشقا چاقىرىشىنى سورىدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر ئەزىز مېھمان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدىن بولغان ئەزاسى جېننېفېر ۋېكستون خانىم ئىدى. ئۇ سۆزگە چىقىپ يىغىن ئەھلىگە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرگەندە كۆپچىلىك بۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندى. جېننېفېر خانىم سۆزىدە ئاساسلىق قىلىپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى نىڭ مەقسىتى ۋە مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ۋەقە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ماھىيەتتە يالغۇز دىنىي مەسىلىلا ئەمەسلىكىنى، بۇ رايوننىڭ خىتايدىكى يەر ئاستى بايلىقى ئەڭ زور بولغان بىر ماكان ئىكەنلىكىنى، شۇڭا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمدا كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلىپ، يىغىن ئەھلىدىن بۇ قانۇن لايىھىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى سورىدى.
جېننېفېر خانىم سۆزىنى تۈگەتكەندە قۇززات ئالتاي ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نەپىس دوپپىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئانىلارنى، شۇنىڭدەك خانىم-قىزلىرىنى قوغداشتىن ھەر زامان پەخىر ھېس قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بۇنداق قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋە قىزلىرىنىڭ ھىمايىسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى لاگېرغا قامالغان بولسا يەنە بىر قىسمى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا «مۇكاپات» تەرىقىسىدە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭدىن مۇشۇ دوپپىنى ئۆز ئىشخانىسىغا قويۇپ قويۇشنى، بۇ دوپپىنىڭ ئۇنىڭغا لاگېرلاردىكى ئاشۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا زالدا ئالقىش ياڭرىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن «ئادامس مەركىزى» نىڭ ئىمامى باشلىق بىر قىسىم دىنىي ئۆلىمالار بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇيغۇر شاھىتلارنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە نەق مەيداندا گۇۋاھلىق بېرىشى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى يىغىن ئەھلىگە نەق مەيداندا يەنە بىر قېتىم جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش سورۇنىمۇ بولدى. ۋىرجىنىيە ۋە قوشنا شتاتلاردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى خالىس تەييارلاپ كەلگەن رەڭگارەڭ ۋە تەملىك ئۇيغۇر تائاملىرى يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى تولۇق كۆرسەتتى. تائاملارنىڭ پاك-پاكىزە تۈگىشى بولسا تاماقلارنىڭ ھەممەيلەنگە تېتىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
مېھمانلار ئۇيغۇرچە تائاملاردىن لەززەت ئېلىۋاتقاندا بىز «ئادامس مەركىزى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن روبېرت ئەپەندى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەت توغرىلىق سۆزلەشتۇق. ئۇ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇرغىلى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ قانداق زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، يازما شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان خەۋەرلەردىن كۆرە مۇشۇ خىلدىكى جانلىق سۆھبەتلەر كىشىلەرگە ئەھۋالنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرەلەيدىكەن. بۇ بولسا تېخىمۇ كەڭ مىقياستىكى جامائەت پىكرىگە سەۋەب بولىدىكەن.
تاماشىبىنلار قاتارىدىكى تىم نېلسون بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە كەلگەن خرىستىئانلارنىڭ بىرى ئىدى. بىز ئۇنىڭدىن «سىز قانداق بولۇپ بۈگۈنكى پائالىيەتكە كەلدىڭىز؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ نۆۋەتتە مىليونلاپ ساندىكى ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىۋاتغاندا دۇنيانىڭ يەنىلا بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى لازىم، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك بۇنداق زۇلۇمغا ئۇچرىشى ھېچقانداق قانۇنغا چۈشمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز سۆھبەت جەريانىدا لۇيىزا گرېۋ خانىمدىن «بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قانداق ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارنى ئاڭلىغان مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئاللىقاچان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، بۈگۈن مۇشۇ مەركەزدىكى بىرنەچچە ئىمامنىڭ ئاللىقاچان باشقا جايلاردىكى ئىماملارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن كېيىنكى جۈمە كۈنى ئوقۇلىدىغان خۇتبىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى شۇ جايلاردا ئاڭلىتىشنى سورىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاخىرىدا بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان قۇززات ئالتاينى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئۈچ ئايدىن بېرى كۆپ تەرەپلىمە تەييارلىق قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى دىنىي جامائەتنى قوزغاشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ بۇ ئىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى سۈپىتىدە بۈگۈنكى پائالىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق جامائەت قاتناشقان بولۇپ، يىغىن زالىغا پاتماي ئۆرە تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۆپلۈكىنى كۆرسىتەتتى. نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىنىي جامائەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېگىشلىك مەلۇماتلار بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
0:00 / 0:00