سابىق ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1 مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇرنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنى خورلاۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى، بۇ جىنايەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
مايىك پومپېيونىڭ باياناتىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ئانتونىي بىللىنكېن ئاخبارات ئېلان قېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، پومپېيونىڭ بۇ قاراىغا قوشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىنمۇ پرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى نەق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز،» دېگەن ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ‹رىقابەتچى› ۋە مەلۇم نۇقتىلاردا ‹تەھدىت› دەپ قارايدۇ، لېكىن خىتايغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر ۋە سىياسەتلىرىدە ئازراق يۇمىشىشى مۇمكىن. بۇرۇنقىدەك ئۆزى يالغۇز ھەرىكەت قىلماستىن، باشقا دۆلەتلەرنى بىللە ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەر ئەگىشىشكە تىگىشلىك ئىمپورت چەكلىمىسى، مەجبۇرى ئەمگەك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› كېلىشىمنامىسى ۋە باشقا كىلىشمنامىلەرگە ئاساسەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى تاقاشمۇ ئويلىشىدىغان قەدەملەرنىڭ بىرى. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ خىل ۋەھشىيلىك خەلقئارالىق بىرلىك تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە قانچىلىك چىڭ تۇرۇشىغا باغلىق. ئەپسۇسلىنارلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قا قارىتا قانداق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىدىغانلىقى ۋە پوزىتسىيەسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.»
مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى ئومۇمىي يىغىندا 193 ئەزا دۆلەتنىڭ تولۇق ئىمزا قويۇشى بىلەن، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە قارارنامە ماقۇللانغان. قارارنامىدە «بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىپ دىپلوماتىك، ئىنسانىي ۋە باشقا تىنچ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت نوپۇسنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش جىنايىتى، ئېتنىك تازىلاش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› تىن قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا ئىقتىسادىي بېسىم چۈشۈرۈشى ئاقىلانە تەدبىر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشى كېرەك. بىز خىتاي كومپارتىيەسىگە كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىمىز، يەنى كۈچلۈك ئىقتىسادى بېسىم چۈرۈرۈشىمىز كېرەك. ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ خىتايدىكى سودىلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشى، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى بايدىن ھۆكۈمىتىنى سىناپ بېقىشى مۇمكىن، بايدىن ھۆكۈمىتى چوقۇم قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھىيلىگەرلىك تاكتىكىلىرى بىلەن ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كىڭەيمىچىلىكىگە داۋام قىلىدۇ.»
ئاندېرس كور ئەپەندى يەنە شۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنى بايقۇت قىلىشى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. ئامېرىكا قانداق قىلىپ تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق دۆلەت ساھىبخانلىق قىلغان ئويۇنلارغا قاتنىشىشقا ئەۋەتەلەيدۇ؟ ئەگەر خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى بولسا، ئۆزلىرى ئىجابىي بىر قەدەم ئېلىشى كېرەك، ئاندىن بىز ئوتتۇرا نۇقتىدا كىلىشسەك بولىدۇ.»
ئامېرىكادىكى مىراس فوندىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەت ئانالىزچىسى ئولىۋىيا ئېنوس «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتكە قىلغان سۆزىدە بايدېن ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، زۇلۇمغا چېتىشلىق تېخىمۇ كۆپ شەخس ۋە ئورۇنلارغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش مەسىلىسىنى مۇھىم مەسىلە قىلىپ بېكىتىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى كۈرەش قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئادرىيان زېنىز ئەپەندى ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈشكە تېگىشلىك ئىستىراتىگىيەلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئەڭ مۇھىم ئىستىراتىگىيەلەرنىڭ بىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلسى ھەققىدە جىددى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن مەسىلىنىڭ ئىقتىسادى پايدا-زىيىنى مۇھىم. خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلە پۇلغا بېرىپ تاقاشقاندا، ئاندىن باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدۇ. شۇڭا خىتايغا بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەنگە ئوخشاش يۇقىرى سوممىلىق سودىلار تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا سۇنۇلغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نىڭ ماقۇللىنىشى بەك مۇھىم. چۈنكى بۇ قانۇن لايىھەسى شىنجاڭدىن چىققان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئىمپورت قېلىنىشىنى چەكلەيدۇ. ھەمدە مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىشلىق ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ خىتايدىن چىقىشىنى چەكلەيدۇ.»
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆزەتكۈچىلەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنىڭ ناھايىتى دادىل ۋە جايىدا بېرىلگەن ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇ سۆزنىڭ دادىل، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئالدى ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. ئۇلار ئەگەر بايدېن ھۆكۈمىتى «سۆز ئويۇنى ئويناش» بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقىبىتى داۋام قىلىدۇ، دېيىشمەكتە.
ئامېرىكانىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرى خىتايغا قارىتا قانداق يېڭى ئىستىراتىگىيەلەرنى قوللىنىش مۇمكىن؟ ئامېرىكا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە بىر ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە پىروگراممىمىزنىڭ كىيىنكى قىسىمدا تەپسىلىي توختىلىمىز.