ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

بۇ، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە 2‏-قېتىم يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى، لاگېرلار مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشىدۇر. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى پائالىيىتىنى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ «مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ئورنى» ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدىكى ئۆزگىرىشىگە قاراپ بۇ قېتىمقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدون رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە مۇزىكاشۇناسلىق پەنلەر دوكتورانتى ئەلىس ئاندېرسون خانىم، ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شون روبېرتس، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لۇئىسا گرېف ۋە مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەللەر دوكلات بەرگەن.

يېتەكچى پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ باشچىلىقىدا مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ساھىپخانلارنىڭ بىرى دوكتورانت ئەلىس ئاندېرسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى كۆزدە تۇتۇپ 2‏-قېتىم بۇ يىغىننى ئۆتكۈزۈشنى توغرا تاپقان. ئۇ 19‏-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر تىلىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «10-ئايدىن بېرى ۋەزىيەتتە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولغان. مەسىلەن، بۇ لاگېرلارنىڭ سانى، ئومۇمى كۆلىمى چوڭىيىپ، سانى كۆپىيىپ ئاشۇنداق بىر ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تونۇلغان پروفېسسورلار بولسۇن، ناخشىچىلار، مۇزىكانتلار، ئارتىسلار بولسۇن تېخىمۇ كۆپ ئادەم يوقاپ كەتتى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆزدە تۇتۇپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىم بولغان گاردنېر بوۋىڭدون بىلەن بىز 2‏-قېتىملىق بۇ يىغىننى ئېچىشنى توغرا تاپتۇق».

ئەلىس ئاندېرسون خانىم يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىر جىمجىتلىق پەيدا قىلىپ، بۇ بوشلۇقنى ئۆزلىرىنىڭ تولدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەلىس ئاندېرسون: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بىر خىل جىمجىتلىقنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئىككىنچىسى، بۇ جىمجىتلىق دېگىنىم بىر بوشلۇق، بۇ تولدۇرغىلى بولىدىغان بىر خىل بوشلۇق، دەپ قارايمەن. ئۈچىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى پەيدا قىلغان بۇ بوشلۇقنى ئۆزى تولدۇرماقچى، دەپ خۇلاسە چىقاردىم. بۇ بەك قورقۇنچلۇق ئىش. لېكىن مېنىڭچە بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى، بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى يوقاتماقچى. بۇ ھەممىمىزگە ئايان».

يىغىنىدا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شون روبېرتس ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقى نۇقتىغا كېلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇ 19‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مەن يىغىندا بەرگەن دوكلاتىمدا خىتايدىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى قانداق قىلىپ ھازىرقى نۇقتىغا كېلىپ قالدى، دېگەن مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالدىم. شۇنىڭدەك مەن يەنە دوكلاتىمنى مەزكۇر رايوندا نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر ئومۇمى ئۇچۇرنى تونۇشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈردىم. چۈنكى، مەن بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالاقىدار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزۈم تونۇيمەن.

يىغىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتىنىڭ قانداق قىلىپ ئىنسان لاھىيەلەش قۇرۇلۇشىغا ئۆزگەرگەنلىكىگە چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن توختالغان نۇقتىلار ئاساسەن ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتنىڭ بىر كۈن ياكى بىر قانچە ئايدا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئىشمۇ ياكى يىللاردىن بېرى تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان ھالەتمۇ؟دېگەندىن ئىبارەت. مەن ئۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەنكى 50‏-60 يىللىق كەچۈرمىشىنى سېلىشتۇرۇپ ئۇنىڭغا چۈشەنچە بەردىم. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي لايىھەلەش قۇرۇلۇشىنى بۈگۈنكى كۈندە ئىنسان لايىھەلەش ئارقىلىق ۋە شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاخىرقى ئۇسۇلىنى تاپقانلىقىنى چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ».

نۇرىي تۈركەل دوكلاتىدا يەنە ئوقۇغۇچىلارغا بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتلەرنى، جەمئىيەتنى ۋە دىنىي گۇرۇھلارنى ئىشقا سېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭدىن كېيىن غەرب ئەللىرىنىڭ بولسۇن، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بولسۇن نېمىشقا مۇشۇنداق ئېغىر بىر ۋەزىيەتكە جىددىي مۇئامىلە قىلمايدۇ، بۇنىڭغا قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەسىلەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىنى، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى، ھەتتا دىنىي گۇرۇھلارنى ئىشقا سېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، تەكلىپ ۋە پىكىرلەردە بولدۇم».
شون روبېرتس زىيارىتىمىزدا قوبۇل قىلغاندا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنىڭ رادىكاللىققا قارشى نوقۇل بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىگە قارىتا قايتا لايىھەلەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. شون روبېرتسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ، بۇ مەسىلىنى ب د ت غا ئېلىپ چىقىشى ھەم بۇ ئىشقا قاتناشقان كارخانىلارنى جازالىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئاخىرى بۇ مەسىلە خەلقئارانىڭ تەدبىر قوللىنىشى ئۈچۈن ب د ت غا ئېلىپ چىقىلىشى كېرەك. بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە پىداكارلىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە كانادا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇنىڭغا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭمۇ ۋە شۇنداقلا بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدەك قوشنا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە بۇ خىتايغا بېسىم شەكىللەندۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى. بۇ مەسىلىدە مەن يەنە خىتاينى مۇرەسسەگە كەلتۈرۈشنىڭ يەنە بىر يولى لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادى ساھەلەرگە بېسىم قىلىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە قاتناشقان كارخانىلارنى بايقۇت قىلىش دەپ قارايمەن.»

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى «مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ئورنى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مەزكۇر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنى تەڭ تەكلىپ قىلىشىدىكى مەقسىتى كىشىلەرنىڭ مەزكۇر رايوندا يۈز بېرىۋاتقان كرىزىسنىڭ «دەرىجىسى ۋە كۆلىمىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىشىنى ئالغا سۈرۈشكەن». 18‏-فېۋرال كۈنى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گۈزەل سەنئەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى: نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ ۋە نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» تېمىسىدىكى مەزكۇر يىغىن ناھايىتى زور قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، قاتناشقان ئادەمنىڭ كۆپلۈكى ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە بولدى.