جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولماسلىق تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

0:00 / 0:00

23-فېۋرال، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتتىكى دېموكراتلار، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە ئاتىنا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، لاگېر گۇۋاھچىسى زۇمرەت داۋۇت قاتارلىقلار قاتناشقان، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىدىن ئەلىس ئاندېرسون سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇ پائالىيەت ئاساسەن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلدۈرۈش ھەمدە ئۇلارغا بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش يوللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ھەمكارلىقى بولغان، شۇنداقلا خىتايدىكى قۇل ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەرنى بۇ جىنايەتكە شېرىك بولماسلىققا چاقىرىق قىلىشقا ئۈندەش مۇھىم نىشان قىلىنغان.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ۋە لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت بۇ سۆھبەتنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بايان قىلدى. زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۆھبەت ئارىلىقىدا مەكتەپتە جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسىمۇ، يېرىم سائەتتىن كېيىن پائالىيەت يەنە داۋاملاشقان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان.

بۇ پائالىيەتتە روشەن ئابباس خانىم سۆز قىلىپ، ھەر قانداق ئۇنىۋېرسىتېت خىتايدىن مال سېتىۋالسا خىتايغا ياردەم بەرگەن بولىدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ نۇقتىدىن ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بېسىم ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» تەستىقلانغان بولسىمۇ ئەگەر ئۇنى ئىجرا قىلمىسا ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى، دۇنيا سىياسىتىنىڭ مەركىزى بولغان ۋاشىنگتوندا بۇ قانۇننى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەر، بولۇپمۇ سىياسەتچىلەر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە تەربىيە ئىشلەپ، ئۇلارنى خىتاي بىلەن سودا قىلىشتىن توسۇش ئارقىلىقمۇ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈپ تاپقان ھارام پۇلى بىلەن باشقىلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى. جىنايەتچىلەر ھوقۇق بىلەن پۇلغا ئېرىشكەن چاغدا غالجىرلىشىدۇ، بۇنداق چاغدا ئىنسانلار ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقى ھەمدە ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك».

روشەن ئابباس خانىم ئوقۇغۇچىلار قىلالايدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى سودىسىغا زەربە بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق كىيىم كېچەكلىرى ۋە باشقا ماللىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، بۇ ماللارنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش، مەكتەپ مۇدىرىدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلارغىچە بۇنى بىلدۈرۈش، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇتۇش ۋە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئامېرىكادىكى ئالىي مەكتەپلەرگە خىتابەن مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنى ئادالەتكە چاقىرىش ئۈچۈن بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلار خىتايدىن مەبلەغ چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشسا ياخشى. بۇ ئۇلارنىڭ مۇشۇ ساھەدە باسقان تۇنجى مۇھىم قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ياخشى ئىشنىڭ ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىزنىڭ ئاخىرقى چېكىمىزدۇر».

روشەن ئابباس خانىم بۇ سۆھبەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقىنى ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە يول سورىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكادىكى ئالىي مەكتەپلەرنى خىتاي بىلەن سودىلاشماسلىققا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولماسلىققا چاقىرىدىكەن ۋە كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش سېپىگە قېتىلىشقا ئۈندەيدىكەن.