ئامېرىكا ئانتروپولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى: «خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇم توختىتىلىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى تۈپتىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى يەنىمۇ كۆپ كىشىلەر ۋە ئورگانلارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەكتە. جۈملىدىن يېقىندا ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ئورگانلاردىن بولغان «ئامېرىكا ئانتروپولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى» بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە قاراتقان يوقىتىش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئامېرىكىدا 1902-يىلى قۇرۇلغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئانتروپولوگىيە ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە تەتقىقاتچىلار جەمئىيىتى بولغان بۇ ئورگاننىڭ باياناتى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

«خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇم توختىتىلىشى كېرەك» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا كۈچلۈك نارازىلىق ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭدا «خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» دېيىلگەن.

باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر ساھەدىكى زىيالىيلارغا بەرگەن زەربىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ۋە زوراۋان كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش سەپسەتىسى ئاستىدىكى ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ 400 دىن ئوشۇق مەدەنىيەت باشلامچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىدىن قاتتىق ئۆكۈندۇق. بۇنداق زىيالىيلار، ئالىملار، ئارتىسلار بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى يازىدىغانلارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇش-بولالماسلىقىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. مانا بۇ زىيالىيلار ئارىسىدا بىزنىڭ كەسىپدىشىمىز، دۇنيا بويىچە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن پروفېسسور راھىلە داۋۇتمۇ بار ئىدى»

بىز بۇ ھەقتە راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىپادە قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا مونتانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ئېرىك شىلۇسسېل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ۋە شەرقىي ئاسىيا تىللىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىمۇ ئىنتايىن راۋان سۆزلەيدۇ. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى نىشانغا ئېلىشتىكى سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پىكىرلىرىدىكى يېڭىلىق روھىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى چۆچۈتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئىچىدىكى خىتايچە بولمىغان تىللاردا مۇستەقىل پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن بەكمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ زادى نېمە دەۋاتقانلىقىنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، بولۇپمۇ راھىلە داۋۇت، ئابدۇغاپپار قاتارلىق ئۇيغۇر ئانتروپولوگلار ۋە ئېتنوگرافلاردىن قارايدىغان بولساق، ئۇلار تولىمۇ يېڭى بولغان ئېقىملارنى شەكىللەندۈرگەن. مەنچە خىتاي، بۇ خەلقنىڭ پارتىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنمىغان، ئەكسىچە خەلقئارالىق پىكىر ئېقىمىغا ماسلاشقان بىر سىستېمىلىق پىكىر ئېقىمى ۋە بىر ئىدىيە گۇرۇپپىسى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى سەزگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن پىكىرلەردىن قورقىدۇ. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىرلىرى، نۇتۇقلىرى بولسا ئەكسىچە ئىنتايىن يېڭى ۋە تولىمۇ ئىجادچانلىققا ئىگە. مەسىلەن، بىز يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە، سىزنىڭ كۈتكىنىڭىزدىن تولىمۇ پەرقلىق. مانا بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ياش ئەۋلادلارنى ئۆز ئانا تىلى ئارقىلىق پىكىر يۈرگۈزۈش، كەشىپ قىلىش ۋە ئىپادە قىلىشقا يېتەكلەيدىغان دىنامىكا ۋە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى خىتايدەك ھاكىممۇتلەق بىر ھاكىمىيەت ئۈچۈن خەتەردىن دېرەك بېرىدۇ.»

«ئامېرىكا ئانتروپولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى» ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەرخىللىرىنى يوقىتىش، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئائىلە مازارلىقلىرى، تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس ئورۇنلىرى، مەسچىت ۋە شۇنداقلا ئەنئەنىۋى ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىكلىرى، مەھەللە-كويلىرىنى ۋەيران قىلىش، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى، تىرىكچىلىك ئۇسۇلىنى بۇزۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى يەرلىك خەلقلەرنى خانىۋەيران قىلىشنىڭ ئەڭ زوراۋان ۋاسىتىلىرىدۇر،» دەپ كۆرسەتكەن.

باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بىر مىليون ئەتراپىدا يەرلىك مىللەتلەرنى ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ 70 پىرسەنتىنى دۆلەت كونتروللۇقىدىكى يېتىمخانىلارغا يىغىۋالغانلىقى، پۈتكۈل رايوننىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان نازارەت سىستېمىسى بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان.

ياردەمچى پروفېسسور ئېرىك شىلۇسسېل بولسا گەرچە بۇنداق سىياسەتلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكى ئېغىر زىيانلارغا ئۇچرىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئىنتايىن قەيسەر. بۇنداق ۋەقەلەر ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن ۋە ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئامان قالغان. ئەلۋەتتە بۇ ھۇجۇملار ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارغا قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىدۇ. ئەلۋەتتە راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش زىيالىيلارنىڭ تۇتۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، ئۇيغۇر ئاغزاكى مەدەنىيىتىگە ئېغىر زەربىلەرنى بەردى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بىراق ئۇلار يوقالمايدۇ. ئۇلار كۈچلۈك. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنى ساقلاش، ئىلمىي ژۇرناللارنى چىقىرىش قاتارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇلارمۇ نەتىجىسىز قالمايدۇ»

مەزكۇر ئورگان باياناتى ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئانتروپولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان مۇستەقىل، سىياسەتتىن مۇستەسنا، مەنپەئەت كۆزلىمەيدىغان بىر خەلقئارالىق پەن-مائارىپ تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچۇر ئېقىمىنى ياقىلىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. باياناتتا: «ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان بۇ ھەرىكەتلەر خىتاينىڭ ئانتروپولوگىيە تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بولغان خەلقئارالىق ئىلمىي ھەمكارلىقلىرىمىزغا كۆلەڭگە چۈشۈرمەكتە. شۇنداقلا يەنە خىتاي بىلەن ئانتروپولوگىيە ساھەسىدە ھەمكارلاشماقچى بولۇۋاتقان خىتاي بولمىغان تەتقىقاتچى-ئىلمىي خادىملارغا نىسبەتەن بىر ئەخلاقىي سوئال پەيدا قىلماقتا. بىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى كۈچلۈك يوسۇندا تەلەپ قىلىمىز، ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشنى، ئۇلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.

دوكتور ئېرىك شىلۇسسېل ئەپەندىمۇ يۇقىرىدىكى باياناتنى قوللاپ، «بۇ ھەممىمىزگە قىلىنغان زىيانكەشلىك» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ خەلقئارادىكى ئىلىم ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ بىر قىسمى. ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتلەر ئىنسانلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىنى كۆرمەسكە سالماقتا. راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى چەتئەللەردىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن. ئۇلار ئاللىقاچان خەلقئارا ئىلىم جامائىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ بولغان. شۇڭا ئۇلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك، ھەممىمىزگە قىلىنغان زىيانكەشلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ»

ئېرىك شىلۇسسېل يەنە ئامېرىكا ئانتروپولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بۇ باياناتىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتى ناھايىتى ئېنىق ۋە كۈچلۈك شەكىلدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بىر بايانات بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.