تور مۇھاكىمە يىغىنى: «نېمىشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سالغان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىدۇ؟»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.03.16
«خىتايچە خاراكتېرگە ئىگە» ئىسلام!
Yettesu

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى رۇسىيە پەيدا قىلغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مەركەزلەشكەن بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققەت نەزەرىدىن چەتتە قېلىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تەتقىقات ئورۇنلىرى، غەرب ئەللىرىدىكى بەزى سىياسەتچىلەر ۋە دىپلوماتلار بۇ مەسىلىنى يەنىلا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرماقتا.

3-ئاينىڭ 15-كۈنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى تەتقىقات مەركىزى (CSEAS) «نېمىشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سالغان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىدۇ؟» دېگەن تېمىدا خەلقئارا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەر، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە تا ھازىرغىچە كۈچلۈك ئىنكاس ۋە قارشىلىق بىلدۈرمىگەنلىكىنىڭ، ھەتتا خىتاينى سۈكۈت ئىچىدە قوللىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلدى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇيغۇر رايونى ۋە ئۇيغۇرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك جاي ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ خەلقئاراغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىدىكى مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي بازىسىغا ئايلانغانلىقىنى، بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ سىياسىي زۇلۇمى، ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىقى ۋە مەدەنىيەت يوقىتىشىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەييارلىغان دوكلاتلارنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلدىن بۇيان مىليونلىغان مۇسۇلمان خەلقنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامالغانلىقى، 16 مىڭدىن كۆپ مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى، 1000 دىن كۆپ ئىمام ۋە 312 داڭلىق زىيالىينىڭ تۇتۇلغانلىقى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە «ھالال ئورگان» سودىسىنىڭ كۆپەيگەنلىكى قاتارلىق جىنايەتلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى، ئاندىن دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇ زۇلۇمغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«2012-يىل 23-دېكابىر كۈنى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› خىتاينىڭ جىنايىتىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ يەكۈن چىقاردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتىمۇ خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيبلىدى. ئەمما كۆپلىگەن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ زور كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە سۈكۈت قىلماقتا ياكى ئۇنى قوللىماقتا. خىتاي قوشنا ھۆكۈمەتلەرگە ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى سۈكۈتتە تۇرۇشقا ۋە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قوللاشقا قىستىماقتا».

ئاۋسترالىيە لا-تروبى ئۇنىۋېرسىتېتى (La Trobe University) نىڭ پروفېسسورى، ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى جەيمېس لېيبولد (James Leibold) ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايلار تارىختىن بېرى شىمالدىكى ئاتالمىش «ياۋايى مىللەتلەر» نى بويسۇندۇرۇپ ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن تەرغىپ قىلىۋاتقان «بۈيۈك جۇڭخۇا ئائىلىسى»، «مىللەتلەرنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ قوشۇلۇشى» دېگەنلەر تامامەن خىتاينىڭ «ئەجداد روھى» غا ۋارىسلىق قىلىشى ھسابلىنىدىكەن. خىتايلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقنى خىتايلاشتۇرغاندىلا مەقسىتىگە يېتىدىكەن.

جەيمېس ئەپەندى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا كۆز يۇمۇشىنىڭ 3 خىل سەۋەبىنى بايان قىلدى. بىرىنچى سەۋەبى، خىتاينىڭ خاتا ئۇچۇر تارقىتىشى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى 18 ئاي مەخپىي تۇتقان ۋە بۇ جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان. پاكىتلار ئاشكارىلانغاندا لاگېرلارنى باشقىچە ئاتاپ يالغانچىلىق قىلغان؛ 2018-يىلدىن كېيىن تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن. ئىنگىلىزچە، ئەرەبچە قاتارلىق چوڭ تىللاردا چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا خىتاينى ئاقلايدىغان ماقالىلەر ئۈزۈلمەي بېسىلىپ تۇرغان. ئىككىنچى سەۋەبى، ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىدىغان ئۇچۇرلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ بەكمۇ كەمچىل بولۇشى. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ جىنايىتىنىڭ پاش بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلغان. ئۈچىنچى سەۋەبى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت باغلىشى. خىتاي مۇھىم ئىسلام دۆلەتلىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سودىسىنى كۈچەيتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ھىندىستان كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندى (ORF) نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئاياز ۋانى (Ayjaz Wani) مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىپلا قالماي، بەلكى بۇ جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مىسىر ھۆكۈمىتى 2200 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا قايتۇردى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن 150 ئوقۇغۇچى قايتۇرۇلدى، پاكىستاندا 50 قېتىم قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش يۈز بەردى. سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ شۇنداق بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى بولغان تۈركىيەمۇ 250 دىن كۆپ ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، بەزىلىرىنى خىتايغا قايتۇردى. ھازىر كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش› كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ دېگەنلىك، تۇتقۇن قىلىنغانلار ئاساسەن خىتايغا قايتۇرۇلىدۇ دېگەنلىكتۇر».

ئاياز ۋانى ئەپەندى كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىگە كۆز يۇمۇشى ۋە ئۇنىڭغا شېرىك بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى:

بىرىنچىدىن، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى كۈچى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئورنىنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، مىسىر، ئالجىرىيە، پاكىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 100 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان ۋە قەرز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام بانكىلىرىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان، بۇ بانكىلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئاز ياكى يوق دىيەرلىك بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىمۇ سۈيئىستېمال قىلىپ، 30 نەچچە ئىسلام دۆلىتىنىڭ بانكىسىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ قويغان. ئۇيغۇر رايونى بولسا خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروئاسىياغا كىرىش ئېغىزىغا، ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تۈگۈنىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن قويۇق ھەمكارلشىش ئارقىلىق بىر ياقتىن ئۇلاردىن نەپ ئالسا، بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان نېفىت دىپلوماتسىيەسىنى كۈچەيتكەن. 2019-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدىى ئەرەبىستان، ئوممان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەخمىنەن 75 مىليارد دوللارلىق نېفىت ئىمپورت قىلغان.

ئۈچىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان؛ شۇنداقلا ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلەردىكى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئاممىۋى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن.

تۆتىنچىدىن، مۇھىم ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى ياقلايدىغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىران، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە سۆز ئەركىنلىكى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىغان؛ شۇڭا ئۇلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە پەرۋا قىلمايدۇ.

ئاياز ۋانى ئەپەندى خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئالغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق ئېلىپ بارسا، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىشقا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئاخىرىدا مۇتەخەسىسلەر ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يالغانلىقى، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئالداۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا ئوخشاش كۈچلۈك دىققەتكە سازاۋەر بولۇشى ۋە ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.