مالايشىيالىق لېكتور ئەيسا ما: خىتايدىكى مۇسۇلمان ياشلارنىڭ مەسىلىسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-03-19
Share
heytgah-namaz-qeshqer.JPG مالايشىيا كۇئالالومپۇر ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى ئەيسا مانىڭ «خىتايدىكى مۇسۇلمان ياشلارنىڭ مەسىلىسى» ناملىق تەتقىقات ماقالىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Qutluq

مالايشىيا كۇئالالومپۇر ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى ئەيسا ما خىتايدىكى مۇسۇلمان ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

ئۇ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «خىتايدىكى مۇسۇلمان ياشلارنىڭ مەسىلىسى» ناملىق تەتقىقات ماقالىسىدە خىتايدىكى تۇڭگان، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي جەمئىيىتىدىكى كۆپلىگەن مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالغان.

ئەيسا ما ماقالىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان كوممۇنىستلارنىڭ ئاتىزم تەلىماتى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ستالىننىڭ سىياسىتىدىن ئۈلگە ئېلىنغانلىقىنى، خىتايدا يالغۇز مۇسۇلمانلار ئەمەس، بەلكى باشقا غەيرىي دىندىكى ئىنسانلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئاتىزم تەلىماتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئەيسا ما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 1979-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتايدا رەسمىي يولغا قويۇلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە خىتايدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ يېڭىدىن قايتىدىن ئېچىلغان مەسچىتلەردىكى ئىماملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆز دىنىي كىملىكىنى قايتىدىن تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ بۇ قىسمىدا خىتايدىكى بىر قىسىم ئازسانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى سانىنىڭ تولىمۇ پەرقلىق ھالدا ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق توختالغان: «ئۇيغۇرلاردىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە تاجىك قاتارلىق مۇسۇلمانلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتاي جەمئىيىتىدە يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىن ئازلاپ كېتىشىدىكى سەۋەب خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەبمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مۈشۈكئېيىقنى قوغدىغاندەك قوغدىمايدۇ؟» دېيىلگەن.

ئەيسا ما ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قازاقىستان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مەملىكەتلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى شۇنداقلا تۈركىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەرگىمۇ يەرلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن خىتايلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان تۈركىي خەلقلەردىن ئىكەنلىكىنى، كارىزدىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىلىك سۇغۇرۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، قۇملۇق ئىچىدىكى بۇ بوستانلىقتا ياراتقان بىر قىسىم ئالەمشۇمۇل دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتايدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى جەھەتتىكى پەرقنىڭ تولىمۇ زورلۇقىنى، مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى مەكتەپ شارائىتىنىڭ تولىمۇ ناچارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتور ئۆزى بىۋاسىتە خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ۋە شۇنداقلا مۇسۇلمانلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بۇ رايونلاردا ھالال يېمەكلىكلەر شىركىتى ۋە سودا-مەركەزلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مېڭە يۇيۇش مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىسىدا خۇيزۇ، دۇڭشاڭ، سالا قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدىن بولغان قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردىكى دىنىي تەلىماتلاردىن خەۋەرسىز قالغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئەيسا ما ماقالىسىدە خىتايدىكى مۇسۇلمان ياشلىرى ئاساسلىق دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان. بىرىنچى نۇقتىدا بولسا، مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى، ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى ھۆكۈمەت ۋە شەخسىي ئىگىلىكتىكى كارخانا، شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىقى خىتاي ياشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىك مۇسۇلمان ياشلىرىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، مۇسۇلمان ياشلىرى قانچىلىك ئوقۇسىمۇ ئەمەلىيەتتە خىزمەتكە ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ يەنىلا تۆۋەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىككىنچى نۇقتىدا، مۇسۇلمان ياشلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرسىمۇ ئۇلارنىڭ يەنىلا خىزمەتكە ئورۇنلىشالماي ئىشسىز قىلىشى شۇنداقلا ئۇلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مائارىپىدا ئوقۇپ تەربىيىلىنىش نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ ئىمانىي ۋە ئېتىقادىنى يوقىتىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن بىر قىسىم مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە ئوقۇتۇپ ئۇندىن كېيىن توختىتىپ قويۇشى ئارقىسىدا مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ ئەتراپلىق بىلىم ئېلىپ تەربىيىلىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۈچىنچى نۇقتىدا بولسا، خىتاي 30 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ تەربىيىسىدە يەنىلا ماركسىزم ئىدىيىسى ۋە تەلىماتى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ، ئۇلاردىكى ئېتىقادنى يوقىتىپ، ئېتىقاد ۋە ئەخلاقنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى قىممىتىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرمەستىن، پۇلنىڭ ھەممىدىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە ياشلاردىكى ئېتىقاد ۋە ئەخلاقنىڭ ئاساسەن يوقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۆتىنچى نۇقتىدا بولسا، خىتاي جەمئىيىتىدىكى تولىمۇ ناچار مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ مەسچىتلەرگە بېرىپ ناماز ئوقۇشى، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەدىرىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىشى قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ دىنىي ۋە پەننىي جەھەتتىن پەقەتلا چىقىش يولىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت