ئامېرىكىلىق بىر ستۇدېنتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-03-20
Share
Tempul-uniwersiteti-oqughuchi-Maykul-Esser-305.jpg پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى تەمپۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مايكول ئېسسېر ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2014-يىلى مارت، ئامېرىكا.
RFA/Qutlan

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن جىددىيلىشىشى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر رېئاللىق خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭمۇ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى تېمپۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاساسىي مائارىپ ۋە تارىخشۇناسلىق كەسپى بويىچە ئوقۇۋاتقان مايكول ئېسسېر ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە قىزىققۇچى ئامېرىكىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

مايكۇل ئېسسېر يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە قىزىقىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى: «مېنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تونۇشۇشىم بىرقانچە يىللار ئىلگىرى باشلانغان ئىدى. مەن تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە مىللىي خاسلىققا ئىگە بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.»

ئۇ سۆزىدە، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارغا مەلۇم دەرىجىدە «ئىسلامدىن قورقۇش» كەيپىياتى سىڭگەن بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ ياندىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى: «مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قانداقتۇر ‹ئىسلام ئاشقۇنلىقى› بىلەن ئەيىبلەيدىغان، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق قارشىلىقىنى چېكىدىن ئاشقان مىللىي ۋە دىنىي رادىكاللىق بىلەن قارىلايدىغان خاھىش مەۋجۇت. بۇ ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس. سەمىمىيەتلىك بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار تىنچلىقنى سۆيىدىغان، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان شۇنداقلا زوراۋانلىقنى قوللىمايدىغان بىر خەلق. يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەر ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ باشقا ھېچقانداق تاللىشى قالمىغانلىقىدىن بولغان.»

ئۇ، كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مېنىڭ ئويلىشىمچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. بولۇپمۇ ئىككى مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قايسى مەيداندا تۇرۇپ قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تېما تۇغۇلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى ‹ئىسلام ئاشقۇنلىقى› غا باغلاپ ئەيىبلەيدىغانلىقى دىققەتنى چېكىدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىشى ۋە بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا قاراتقان بېسىم سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە.»

مايكۇل ئېسسېر زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ۋە ھادىسىلەردە ئاخباراتنى قامال قىلىدىغانلىقىنى، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ۋەقەنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى: «مەيلى ئۆتكەن يىلىدىكى تيەنئەنمېنغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بولسۇن ياكى بۇ يىل 1-مارتتىكى كۇنمىڭ ۋەقەسىدە بولسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا ھەرقانداق مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنىڭ يۇقىرىقى ۋەقەلەرنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ خەۋەر قىلىشىغا يول قويمىدى. نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيا كۇنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدە پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان خەۋەرلەرگىلا تايىنىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنداق ھۆكۈمەت غەرىزى ئارىلاشقان تاق مەنبەلىك ئاخبارات مەنبەسى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلار ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.»

ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن تيەنئەنمېنغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تيەنئەنمېن مەيدانى خىتايغا نىسبەتەن سىمۋوللۇق مەنىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىر جاي. 1989-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىمۇ تيەنئەنمېن مەيدانىنى بازا قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېنغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. ۋەھالەنكى، بۇ ۋەقە پەقەتلا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىلدى. ئۇنىڭ تەپسىلاتى، سەۋەبى ۋە مەقسەت-مۇددىئالىرى ھەققىدە قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈش بېرىلمىدى. نەق مەيداندىن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار كىشىلەردە گۇمان قوزغىدى. ئادەتتە كۆپ مەنبەلىك ئەركىن ئاخباراتقا كۆنگەن ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن خىتاينىڭ تاق مەنبەلىك ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى تارقاتقان خەۋەرلىرى ئىشەنچسىز تۇيغۇ بېرىدۇ.»

ئۇ بۇ يىل يانۋاردا تۇتقۇن قىلىنغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى توغرىلىق پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى يول قويغان مۇمكىنچىلىك ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە مۇشۇ يول ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز رايونىدا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن چەتلەشتۈرۈلۈشى، ئىشسىزلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى ھەمدە رايوندىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈكنىڭ كۆچمەن خىتاي ئاھالىلىرىگە مەركەزلىشىشى دېگەندەك مەسىلىلەر ئىلھام توختى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن ئاددىي مەسىلە دېيىشكە بولىدۇ. ۋەھالەنكى، خىتاينىڭ مەۋجۇت سىياسىي سىستېمىسى ئىلھام توختىنىمۇ رەت قىلدى.»

مايكۇل ئېسسېر ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى تىبەتلەر بولسۇن ئوخشاشلا مىللىي مەۋجۇتلۇق، مىللىي مەنپەئەت ۋە مىللىي مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئېغىر بېسىم ھەمدە تەھدىت ھېس قىلىپ ياشىماقتا. بولۇپمۇ، ھەر ئىككىلا خەلقنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە ئۆز مەسىلىلىرىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش جەھەتتىكى چەكلىمىلىكلىرى ئوخشايدۇ. ئەلۋەتتە تىبەتلەر لاما دىنىغا، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىدە چوڭ پەرقلەر مەۋجۇت. ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي سىستېمىسى ئىچىدە دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقلىرى ئاساسەن ئوخشاش.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت