خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدىكى دوكلاتتا نېمىلەر بار؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.04.27
خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدىكى دوكلاتتا نېمىلەر بار؟ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(UHRP) بىلەن ئاكسەس جەمئىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى (The Oxus Society for Central Asian Affairs) ھەمكارلىشىپ، «پولات سېپىل__خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى» ناملىق دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تور مۇھاكىمە يىغىنى. 2022-يىلى 25-ئاپرېل.
wilsoncenter.org

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(UHRP) بىلەن ئاكسەس جەمئىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى (The Oxus Society for Central Asian Affairs) ھەمكارلىشىپ، «پولات سېپىل __خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى» ناملىق دوكلاتنى تەييارلىغان. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، 1997-يىلدىن 2021-يىلغىچە خىتاينىڭ 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى 28 دۆلەتتىن قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەنلىكى ياكى مەخپىي ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

25-ئاپرېل كۈنى، ئامېرىكا ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى كېسسىنگېر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا بۇ دوكلاتنىڭ ئاپتورى، ئاكسەس جەمئىيىتى ئوتتۇرا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى ۋە ۋىلسون تەتقىقات مەركىزىنىڭ خەلقئارالىق تەتقىقاتچىسى بىرەدلى جاردىن (Bradley Jardine) مەزكۇر دوكلاتنىڭ مۇھىم تېمىسى ۋە قىسقىچە مەزمۇنىنى تونۇشتۇردى. ئۇ سۆزىدە، بۇ دوكلاتنىڭ مۇھىم تېمىسىنىڭ «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» ئىكەنلىكىنى، دوكلاتتا بېرىلگەن مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى سىرتىدا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقلىرىنى ھەمدە بۇنىڭ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ بۇ دوكلاتتا ئەسلىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا كەڭ دائىرىدە تەھلىل ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ھەمدە خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى قانداق ئۇسۇللار بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ جىنايەت دېلولىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ باشقا مۇستەبىت دۆلەتلەر قوللانغان چېگرا ئاتلاپ باستۇرۇشقا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا داڭلىق سىياسىي پائالىيەتچىلەر نىشان قىلىنىدۇ. ئەمما 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىيغا ئارىلاشمايدىغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردە، جۈملىدىن ئامېرىكادا قانۇن بىلەن قوغدىلىۋاتقان، تىنچ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ قارا قولىنى ئۇزارتىشقا باشلىدى».

بىرەدلى جاردىن ئەپەندىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 1990-يىل يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابى، 1997-يىل يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامى، 2009-يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن چەتئەللەرگە چىقىدىغان ئۇيغۇرلار كۆپەيگەن بولۇپ، بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە 30 مىڭدەك ئۇيغۇر خىتايدىن قېچىپ چىقالىغان.

بىرەدلى جاردىن ئەپەندى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيادا باشلانغانلىقىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرگەن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، 1997-يىلى پاكىستاننىڭ 812 ئۇيغۇرنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى؛ ئۇ يەنە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ۋىچات(ئۈندىدار) قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىنىپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

بىرەدلى جاردىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تۇتۇش ياكى ئۇلارغا تەھدىت سېلىشتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىنتېرپول ( خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتى) قاتارلىق ئورگانلاردىن پايدىلىنىپ قالماي، چەتئەلدىكى ئەلچىخانىلىرى ۋە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىدىنمۇ پايدىلىنىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن 1500 دىن ئارتۇق ئادەم شۇ دۆلەتتە تۇتقۇن قىلىنغان ياكى خىتايغا قايتۇرۇلغان؛ 5000 دەك ئادەم تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ياكى ئائىلە ئەزالىرى تەھدىتكە ئۇچرىغان. فېيسبوكتا يالغاندىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يازىدىغانلار توپى پەيدا بولغان، ئۇلار يوللىغان ئۇلىنىشنى بېسىپ سالغانلارنىڭ كومپيۇتېر ياكى يانفونلىرىغا جاسۇسلۇق دېتاللىرى قاچىلىنىپ قالغان.

ئۇ سۆزىنى خۇلاسىلەپ، خىتاينىڭ قارا قولىنىڭ ھەممە يەرگە سوزۇلغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا بولسۇن، چەت ئەلدە بولسۇن تەھدىتكە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقىلارنىڭ قورقۇنچ سەۋەبىدىن خىتايغا قارشى سۆزلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە كۆپىنچىسىنىڭ ئېغىر پسىخىك بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارغا كۆپرەك پاناھلىق بېرىشىمىز، چەت ئەلدە تۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغانلارغا ياكى ئالاقىلىشىش تورلىرىدا خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلارغا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت ئىمكانى يارىتىپ بېرىشىمىز، بۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغان بىر يولنى تېپىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتمۇ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان، دېموكراتىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ھەر قايسى دۆلەت ئورگانلىرىغا بېسىم قىلىشى كېرەك».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى پاسپورتنى قورال قىلىپ، چەت ئەلگە چىققان ياكى چىقماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە تەھدىت سالغانلىقى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق تەھدىت سالغانلىقىنى مىساللار بىلەن بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن 5 يىلدا بىز چەتئەللەردە، ھەتتا ئامېرىكىدا خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە تەھدىتلىرىدىن قۇتۇلالمىدۇق. دىياسپورادىكى ھەر بىر ئۇيغۇر، ھەتتا دېموكراتىك ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ بۇنداق دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمىغا ئۇچراپ كەلدى. بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىدىغان ۋاقىت كەلدى».

ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ «پولات سېپىل سىياسىتىگە بېرىلگەن تۇنجى زەربە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ داۋاملىق ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ يىغىندا، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا نېمىشقا «بۆلگۈنچى، تېررورچى، رادىكال ئىسلامچى» قالپىقىنى كىيدۈرۈشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىغا جاۋاب بەردى ھەمدە ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە كوممۇنىزم ۋە ناتسسىزمنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىم، بۇ پەقەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭلا دەيدىغان مەسىلىسى بولماسلىقى كېرەك، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ناتسىسىزم، فاشىزم، ھەتتا كوممۇنىزمنى باشتىن كەچۈرگەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بۇ خىل قەبىھ سىياسەت ۋە زوراۋانلىقلارنى بىلىشى، ھېچقانداق سىياسىيون، داڭلىق كارخانىچى، داڭلىق زىيالىي ياكى سىياسەتچىلەر بۇ مەسىلىگە بىر كۆزىنى ئېچىپ، بىر كۆزىنى يۇمۇۋالماسلىقى، بەلكى ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارىشى كېرەك».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى پرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ، پرېزىدېنت بايدىن دەۋرىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئىمزالىنىپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا يېقىندىن مۇناسىۋىتى بولغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ قانۇننى چوقۇم ئىجرا قىلىشى، خىتاي جاسۇسلىرىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. مەن بىر ئامېرىكا پۇقراسى ھەم ئامېرىكا ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئادەتتىكى تۇرمۇشۇمدا خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرمەسلىكىم كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەتلەرگە جاۋابكار ئەمەلدارلار ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنى نۇقتىلىق جازالاشنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەسىلىلەرنىمۇ دائىم مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، سىياسەتچىلەرگە ۋە قانۇن تۈزگۈچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، خىتايدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنى نورماللاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدا ھازىر 10 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار، ئۇلاردىن پەقەت بىر نەچچىسىلا ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن گەپ قىلىۋاتىدۇ، باشقىلىرى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېھتىمال ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى جىم يۈرۈشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلارغا تېلېفون ئۇرۇشنى توختاتقىنى يوق، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا تېلېفون ئۇرۇن تەھدىت سالىدۇ، پاراكەندە قىلىدۇ، خىتايغا قارشى گەپ قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، ياكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ گەپ قىلغۇزمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئاتلاپ تەھدىت سېلىشى تۈپەيلىدىن ھەتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلالمايدۇ»

ئۇ بۇ قېتىم مالايسىيا بىلەن ھىندۇنېزىيەگە بارغاندىمۇ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى، ساھىبخانا دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن زىيارەتلىرىنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئاندىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىغا قارشى تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى باشلىغانلىقىغا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان دوكلاتىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ھالبۇكى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، دۆلەت ھالقىغان بۇنداق تەھدىتنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك».

برەدلى خۇلاسە سۆزىدە خىتاينىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق تەھدىت سېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار قوغدىنىشقا موھتاج. خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي بىلەن ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكچى بولغان دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ دۆلەت ھالقىغان تەھدىت پەيدا قىلماقتا. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان بوشلۇقنى تولدۇرۇشى مۇمكىن، بۇ ئىشلار ئاللىقاچان باشلىنىپ بولدى. مەنچە، خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، قانۇن-تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغان مەھەللىلەرنى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇل-چارىلەرنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك؛ غەرب ئەللىرى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ دۆلەتلەردە تېخىمۇ چوڭ تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.