جورجتاۋن مۇھاكىمىسى: «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دۇنيا ئۈچۈن نېمىدىن بېشارەت؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.05.11
جورجتاۋن مۇھاكىمىسى: «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دۇنيا ئۈچۈن نېمىدىن بېشارەت؟» جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان تور مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىندىئانا شتاتىدىكى «روز-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى» نىڭ دوتسېنتى تىموسى گروس (Timothy Grose) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى ماي.
Global Georgetown

2021-يىلى دېكابىردا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۇينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ ئورنىغا قويۇلغانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن يەر ئېلىش بىلەن بىرگە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن مەزمۇندىكى باياناتلىرىمۇ كۆپلەپ مەلۇم بولدى. بۇ ھال خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق، دەپ قارىلىۋاتقان مىسلىسىز باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق سىياسىتىنى قىلچىلىكمۇ ئۆزگەرتىش نىيىتىدە بولۇپ باقمىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇق نامايان قىلدى. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش ۋە جازالاش چارىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىرغىنچىلىقتىن ئۈنۈملۈك ھالدا چەكلەپ قالالمىدى. بۇ خىل رېئاللىققا نىسبەتەن خەلقئارانىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەرنى قىلالىشى ھەققىدىكى مەسىلىلەر جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان تور مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقىلدى.

جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان تور مۇھاكىمە يىغىنىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد(James A. Millward) ئەپەندى كىرىش سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى ماي.
جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان تور مۇھاكىمە يىغىنىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد(James A. Millward) ئەپەندى كىرىش سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى ماي.
Global Georgetown

سۆھبەت رىياسەتچىسى، جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد (James A. Millward) ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور قىرغىنچىلىق ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. پروفېسسور جىم مىلۋاردنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي كىملىكى، تىلى، مەدەنىيىتى قاتارلىق بارلىق خاسلىقى يوقىتىلىۋاتقان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى مەلۇم بولۇۋاتقان رېئاللىققا قارىتا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى «ئۇيغۇر» نامىدا بەزى قانۇن لايىھىلىرىنى ماقۇللىغان. ئەمما ما شىڭرۇينىڭ يېڭىدىن پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ كېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسەتلىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى جىددىي كۈنتەرتىپتە بولۇۋاتقاندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىپ كېتىشى، تەيۋەن بوغۇزى ۋە تىنچ ئوكياندىكى خىتاي زومىگەرلىكىنىڭ كېڭىيىشى، خىتايدا ۋىرۇس ۋاباسى تۈپەيلىدىن چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن قامالغا ئېلىنىشى، بۇ سەۋەبتىن خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىدە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارانىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇشتىن چەكلەپ قويغان. بۇنداق زور ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى ئويلىنىپ كۆرۈش لازىم بولۇۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلانغان.

مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، ئىندىئانا شتاتىدىكى «روز-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى» نىڭ دوتسېنتى تىموسى گروس (Timothy Grose) بۇ مەسىلە ھەققىدە ئالدى بىلەن ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. تىم گروسنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىرغىنچىلىق ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر پۈتۈن ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەر يەنە تىبەتلەر ۋە تۇڭگانلار رايونىدىمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما بۇنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەسلەپ بولۇپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان مىللىي سىياسەتلەر ئەڭ دەسلەپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلىنىڭ باشلىرىدىكى «دىنىي خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەققىدىكى نۇتۇقلىرىدا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ دۇنيا بۇنىڭغا ئېرەڭ قىلمىغان. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 36-ماددىسىدا بېكىتىلگەن پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەققىدىكى ماددىلارنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا چەكلىنىشى، كېيىنچە بۇ خىل «قانۇنسىز» دەپ قارالغان دىنىيي ئېتىقادنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماشقا باھانە بولۇشى ھەمدە بۇ خىل «قانۇنسىز» پائالىيەتلەرنىڭ بولماسلىقىغا كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن «تۇغقان بولۇش» سىياسىتىنى ئىجرا بولۇشى دېگەنلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بەكمۇ ئاشكارا كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەمما تاكى لاگېرلار مەسىلىسى دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ ھال بىر مەزگىل توسقۇنسىز داۋام قىلغان. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە 2021-يىلى ئاندىن بۇ رېئاللىق «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىنغان. .

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ (Maya Wang) بۇ ھەقتىكى بەزى تەرەققىياتلارنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ چىقتى. . ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆپلىگەن ھادىسىلەرنى «قانۇنسىز» دەپ بېكىتىۋالغان. ئاندىن مۇشۇ قانۇنلار بويىچە رەسمىي ھالدا قانۇنسىز شەكىلدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئومۇمىي يۈزلۈك باستۇرۇشنى باشلىۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار لاگېر ئىچىدە ۋە سىرتىدا ئوخشاشلا قىرغىنچىلىققا ئۇچراشقا باشلىغان. بۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئ‍وخشاش دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى بۇ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشى توختاپ قالماسلىقى لازىم ئىكەن. چۈنكى خەلقئارانىڭ خىتاي ھەققىدە ئالغان يېقىنقى چارىلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل چارىلەردىن «تۇۋىقى سىرقىرايدىغانلىقى» نى ئىسپاتلىغان. ئەمما ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى بېسىپ يېتىۋالغانلىقى ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىدىكى «رولى» نىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا دۇنيانىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىرغىنچىلىققا بولغان ئىنكاسىنى بەكلا يېتەرسىز، دېيىش قىلچىلىكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدىكەن. گەرچە ئامېرىكا بۇ ھەقتە بەزى ئەمەلىي قەدەملەرنى ئالغان بولسىمۇ نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى «قۇربانلىق» قىلىۋەتكەن. .

جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى، خوڭكوڭلۇق سىياسىي پائالىيەتچى جېففېرىي نو (Jeffrey Ngo) مۇ يىغىندا خوڭكوڭلۇقلار نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چىقتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا، شۇنىڭدەك تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدا بولغان ئىشلار ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى «يۈكسەك ئاپتونومىيە» بەرگەن خوڭكوڭدا ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ تارىخىدا كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغان رېئاللىقنىڭ بىرى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يىراقتىن چېگرا رايونلارنى كونترول قىلىشى ھېچقاچان ئۇلار كۈتكەندەك نەتىجە بەرمىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھەرقاچان «ئەڭ ئۈنۈملۈك» دەپ يەكۈن چىقارغان چارىلەرنىڭ بىرى زورلۇق كۈچ ئارقىلىق باستۇرۇش بولغان. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياكى يېڭىدىن «چېگرا رايون» غا ئايلىنىۋاتقان خوڭكوڭ جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق دەل مۇشۇ خىل قاراشنى مەنبە قىلغان. ھالبۇكى خوڭكوڭ جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرگە، جۈملىدىن 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ھېچقانچە ھەيران قالمىغان، شۇنىڭدەك بۇنى ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىشلار قاتارىدا ئۆتكۈزۈۋەتكەن. ئەمما ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندە بۇ ئىشلارنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىشى ئۇلارنى بەكمۇ-تاڭ قالدۇرغان. خوڭكوڭنىڭ يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بېرىپ ئۇ جايدىكى «تېررورلۇق» قا قارشى ھەرىكەتلەردىن تەجرىبە ئۆگەنمەكچى بولۇشى، «تەربىيەلەش مەركىزى» ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزگەرتىشكە مەپتۇن بولغانلىقى قاتارلىقلار خوڭكوڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى «مودېل» بولغۇسى شەكىللەرنى تەييارلاۋاتقانلىقىدىن بېرىلگەن سىگنال ئىكەن. بولۇپمۇ ئۆتكەن بەش يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدا بولغان زۇلۇملار بولسا يېقىن كەلگۈسىدە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ھازىر مۇقەررەرلىشىپ قالغان ئىشلار ئىكەن. خوڭكوڭدا بولۇۋاتقان باستۇرۇشنىڭ سايىلىرى ھازىر ماكاۋ رايونىدىمۇ كۆرۈلمەكتە ئىكەن. خىتاي ناۋادا تەيۋەننى ئۆز قولىغا ئالسا ئۇ جايدىكى ئىشلارمۇ بۇنىڭدىن جىق پەرق قىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرى ئەنە شۇ يوسۇندا ھازىر دۇنياغا يېيىلىۋاتقاندا بۇنىڭغا بىر ھەقىقىي مەنىدىكى چارە كۆرۈش دۇنيا ئۈچۈن بىر مۇھىم سىناق بولۇپ قالماقتا ئىكەن.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍ەنە شۇ يوسۇندا ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ باستۇرۇشىدىن شاخلىغان زۇلۇملىرى دەسلەپ ئاندا-ساندا قارشى پىكىرلەرگە تېما بولغاندىن باشقا خەلقئارادا چوڭ تەسىر قوزغىيالمىغان. خەلقئارادىكى بۇ خىل پەرۋاسىزلىق بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ۋە زۇلۇملارنى كۆلەم ۋە دەرىجە بويىچە زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرۈشىگە يوچۇق ھازىرلاپ بەرگەن. ھازىر بولسا خىتاينىڭ خەلقئارادا شۇنچە كۆپ تەنقىد ۋە جازا چارىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا قارىماي بۇ ئىشلارنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە زېھىن قويۇۋاتقانلىقى دۇنياغا بېرىلگەن بىر كۈچلۈك سىگنال بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئەمما دۇنيا ھېلىھەم خىتاينى «چوڭ بازار» ۋە «ئىقتىسادىي بۇلاق» دەپ قاراۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ چەكلىمىسىز ھالدا زۇلۇمنى كېڭەيتىشىگە سۈكۈت قىلماقتا ئىكەن. ئەگەر بۇ ھال داۋام قىلىۋەرسە تارىخ ئۇلارنىڭ «ئالغىنىدىن بەرگىنى كۆپ» بولۇپ قېلىشىنى ئىسپاتلاپ قېلىشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن ئىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ماھىيەتتە دۇنيا ئۈچۈن بەكمۇ چوڭ بىر رېئاللىقنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەسىلىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش ھازىر دۇنيا ئۈچۈن بەكمۇ چوڭ بىر سىناققا ئايلانماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.