ئاتلانتىك ژۇرنىلى: ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بەرگەن سودا ئىمتىيازى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشىغا تۈرتكە بولدى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكىدىكى «ئاتلانتىك» ژۇرنىلىدا ئامېرىكىدىكى ئوبزورچى ۋە ئامېرىكا «دۆلەتلىك نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ ئىجرائىيە تەھرىرى رېيھان سالامنىڭ بىر ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئاپتور ماقالىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2000‏-يىلى خىتاينىڭ «سودىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلىك» ئورنىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى» ئىمتىيازى بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

رېيھان سالامنىڭ «خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش خاتالىق ئىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتايغا بۇ ئىمتىيازنىڭ بېرىلىشى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى ھازىرقى زور قىزىل رەقەمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بۇ يەنە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رېيھان سالام ئۆزىنىڭ خىتايغا «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى» ئىمتىيازى بېرىش مەسىلىسىدىكى بۇ كونا مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلىشىغا ۋەزىيەتنىڭ يېقىنقى ئىككى تەرەققىياتى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ بىرى، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاينى تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاپ، ئامېرىكىنىڭ سودىدىكى قىزىل رەقىمىنى ئازايتىش پىلانى بولسا، يەنە بىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر ئىكەن.
ئۇ، ماقالىسىدە ئامېرىكا خىتاينىڭ «سودىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلىك» ئورنىنى «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋەتلەر» ئىمتىيازىغا ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ قولىدىكى خىتايغا بېسىم قىلالايدىغان كۈچلۈك بىر كوزىرنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، بۇ، خىتاينىڭ گەجگىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سودا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھازىرقىدەك قاتتىق باستۇرۇشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىدىكى بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋەتلەر» ئىمتىيازى بېرىشى ئامېرىكا دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇشۇ كۈلپەتنى ئۆزگەرتىشكە تەۋسىيە قىلىدىغان ياكى بېسىم ئىشلىتىدىغان بىر ئامىلنى يوقىتىپ قويدى. تاشقى سىياسەتتە سەۋزىمۇ ياكى توقماقمۇ، دېگەن بىر ئۇقۇم بار. ئۇ ۋاقىتتا خىتايغا توقماقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، سەۋزىنى بېرەتتى. ھازىر ئەمدى قولىدا بۇ يوق. بۇ بولمىغاندىن كېيىن خىتايلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمايدىغان، ھەتتا ئېتىبارسىز قارايدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالدى. شۇڭا ئاتلانتىك ژۇرنىلىدا رېيھان سالامنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرىنى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقلارنىڭ بىرى، دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز».

ئامېرىكىنىڭ 1974‏-يىلى چىقارغان بىر قانۇنىدا خىتاي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر قاتارىدا غەيرىي بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت، دەپ بېكىتىلگەن. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق بىر قاتار تەرەپلەرگە باغلانغان بولۇپ، ئامېرىكا 1980‏-يىللاردا خىتايغا ھەر يىلى بۇ شەرتلەر ئاستىدا «ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلىك» ئىمتىيازى بېرىپ كەلگەن. لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2000‏-يىلى ئەگەر خىتاي ئەركىن بازار ئىگىلىكىگە قاراپ ماڭسا، بۇ، ئۇنىڭ كۆپ پارتىيەلىك دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنى ئالغا سۈرىدۇ، دېگەن پىكىرنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇنىڭغا «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋەتلەر» ئىمتىيازى بېرىپ، ئۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنىڭ يولىنى ئاچقان ئىدى.

نۇرى تۈركەل، ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاينى شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىشتەك «سەبىي» بىر سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى، مانا ھازىر ئۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىل كلىنتوننىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە تىجارىي مەسىلىنى ئىنسان ھەقلىرىدىن ئايرىۋەتسەك، خىتاي خەلقى باي بولسا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى يۈكسەلسە، غەربنىڭ تېخنىكىسى، مەدەنىيىتى، مەبلىغى كىرسە بۇ ئىقتىسادى ئەۋزەللىك بىلەن سىياسىي ئۆزگىرىش ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقىدۇ، دەپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان شەرقىي ۋە مەركىزى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇپ، بۇ يولنى بىر توغرا يول، دەپ قارىغان. ئۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا خىتايغا ناھايىتى ساددا ۋە سەبىي بىر سىياسىي مەيدان بىلەن تىجارىي ئىمكانىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكنى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك، ئېگەن پىكىردە بولغان. لېكى، بۇ قانداق بىر ۋەزىيەتنى ئوتتۇرىغا چىقاردى دېسە، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ دۇنيا سەھنىسىدىكى گېپىمۇ يوغىناشقا باشلىدى. گەپ يوغانغاندىن كېيىن، ئىقتىسادى يۈكسەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن تىجارىتى چەمبەرچاس ھالغا كېلىپ قالغاندىن كېيىن، ئىنگلىزچىدا ‹لەۋىرىج›، دەيدىغان بىر سۆز بار، يەنى كوزىر، بۇ كوزىرنى يوقىتىپ قويدى».

رېيھان سالام ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى خىتايغا «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋەتلەر» ئىمتىيازى بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئانا ماكانى بولغان زېمىنلارنى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكى، لېكىن تىبەتلەرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيانىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ۋەزىيەتكە دىققەتسىز قېلىشى «خىتاي باستۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىش، قاماش، چەكلەش، ئاخباراتنى كونترول قىلىپ، شىنجاڭ ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش جەھەتلەردە قىسمەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىشى خىتايغا «مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋەتلەر ئىمتىيازى بېرىشنىڭ ۋاسىتىلىك مەھسۇلى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر خىتاينىڭ سودىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلەر ئىمتىيازى ھەر يىلى كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولسا، بۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىپ، تىبەت ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش يەكلەنگەن، ئېزىلگەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دەردىنى ئاشلىتىشىغا پۇرسەت بېرىلگەن بولاتتى» دېگەن.

لېكىن، نۇرى تۈركەل پرېزىدېنت ترامپنىڭ ھاكىمىيەت سورىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئەۋزەل شارائىت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ سىياسىتى ئالدىن مۆچەرلەش قىيىن بولغاچقا ئۇنىڭدىن كۈتمىگەن بىر سىياسىتىنىڭ كېلىشى خىتاي دائىرىلىرىنى ۋەسۋەسىگە سالماقتا ئىكەن.

رېيھان سالام ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا تارىخنى كەينىگە قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىلىقلار خىتايغا «نورمال سودا مۇناسىۋەتلەر» ئىمتىيازى بېرىلسە، بىزنىڭ دوستىمىزغا ئايلىنىدۇ، دەپ ئالدانغانلىقىنى، ئەمدى بۇ تارىخنىڭ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىن، ئەمدىكى مەسىلە قانداق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمى بىزنىڭ زور خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمىزنى ئىقرار قىلىش» دېگەن.