مايكىل كلارك: «خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق باھانىسىدە ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزمەكتە!»

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» كە ئېلىپ كېتىلىشى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەرلەر بېرىلگەندىن كېيىن خەلقئارادا بىر زور غۇلغۇلا قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭغا ئائىت كۆپلىگەن «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، دوكتور مايكىل كلاركنىڭ ئىمزاسىدا 18-ئىيۇن كۈنى «شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى» دا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا بۇ سوئاللارنىڭ بىرىگە جاۋاب بېرىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكى تەكىتلىنىدۇ.

پروفېسسور مايكىلنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان «ئىسلام تېررورلۇقى» دېگەن كونا مۇقامنى توختىماستىن چېلىۋاتقان بولۇپ، ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا «دىنىي ئاشقۇن كۈچلەر» دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىكەن شۇنداقلا مۇشۇ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كونا دەسمايە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يوللۇق قىلىپ پەردازلاپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇ بولسا يېقىندا پۈتۈن دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغان «غايەت زور تۈرمە» جەمئىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارى 1949-يىلى خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئىزچىل بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇنىڭغا قارىتا ئىككى خىل ئىستراتېگىيە بويىچە تاقابىل تۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭ بىرى، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى كونتروللۇقنى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىپ، خىتايلارنى بۇ رايونغا يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، يەنە بىرى زۇلۇمنى ئاساس قىلغان «ئىقتىسادى تەرەققىيات» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى كۆمۈپ تاشلاش بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا بولالماسلىق، سىياسىي جەھەتتە يەكلىنىش، مەدەنىيەت جەھەتتە بولسا دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشقا مەھكۇم بولغان. بۇ خىل مەھكۇملۇق ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئېرىتىۋېتىشكە خىزمەت قىلغان. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا بۇ خىل نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل «مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تازىلاش» ھەرىكىتى ھەمدە ئۇنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا ئامېرىكىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتسمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىكىردە. ئۇ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى پۈتكۈل مەدەنىيەت ساھەسىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا كېرەكلىك «مەنىۋى ئوزۇق» نى پۈتۈنلەي «قىزىل» لاشتۇرۇپ بولۇشتىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ئۇيغۇرچە يېمەك-ئىچمەكلىرىنىمۇ «خىتايچىلاشتۇرۇش» بىلەن ئاكتىپ مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ قەيەردە نېمىلەرنى ئىستېمال قىلىشى ھەرقاچان ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىتاي پۇقرالىرىدىن پەرقلىنىشىدىكى بىر زور سىمۋول بولۇپ كەلگەن ھادىسىلەردۇر. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان غىزالىنىش توغرا كەلسە، شۇنىڭدەك ئۇلارغا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە رېستورانلارنى تاللاش پۇرسىتى بولسا، ئۇلار ئىككىلەنمەستىن ئۇيغۇرنىڭ رېستورانىغا بارىدۇ. ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتاي رېستورانىدا تاماق يېمەيدۇ. بەزىلەر بۇنى گەرچە دىنىي سەۋەبلەردىن دەپ قارىسىمۇ، ئىسلام دىنىدىكى مەنئى قىلىنغان ئەھكاملاردىن ھاراق ئىچىشتەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلىدىغانلارمۇ ئېزىپ-تېزىپ خىتاي رېستورانىغا بېرىپ سالمايدۇ. شۇڭا بۇ ھادىسىلەرنى مەنچە نوقۇل دىنىي سەۋەبتىن دەپ چۈشەندۈرۈش ئانچە چەك بېسىپ كەتمەيدۇ. توغرىسى ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئارقىلىق خىتايلارنىڭ بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.»

پروفېسسور مايكىلنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت ساھەسىگە قارىتىلغان كونتروللۇق مۇشۇ يوسۇندا ئۇيغۇرلاردىكى بارچە قارشىلىق ئامىللىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تاشقى دۇنياغا «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان» مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى جەھەتتە غايەت زور نازارەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ چىققان. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە خىتاي جەمئىيىتى ئۈچۈن بىئولوگىيەلىك تەھدىت دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەدىسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى «تېررورچى» نامىدا خۇنۈكلەشتۈرۈپ «ئۆسمىنى كېسىپ تاشلىغاندەك تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش لازىم» دەپ جار سېلىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن غايەت زور كۆلەمدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ۋۇجۇدقا كېلىپ، مەجبۇرىي يوسۇندىكى ئىدىيە ئۆزگەرتىش مەكتەپلىرىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى، خىتاي تىلىنى، خىتاي قانۇنىنى، ئىسلام دىنىنىڭ خەتىرىنى ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن.
مايكىل كلارك بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «مەدەنىيەت تازىلىشى» ئارقىلىق مىللىي توقۇنۇشنى تۈگىتىشكە ئاتلانغانلىقى، بۇنىڭدا «ئۇيغۇر مىللىتى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ماكان بولىدىغان ھەرقانداق بوشلۇقنى يوق قىلىش نىشان بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان «مەدەنىيەت جەھەتتىكى تازىلاش» نىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى نەتىجىسى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور رايان سام باشقىچە قاراشتا. ئۇ گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيەت سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىۋېتىشكە ئالدىراۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان «خىتاي بىزنى بېسىۋالغان» دەيدىغان چۈشەنچە سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي قارىشىنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىنى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، دەپ قاراشقا بولمايدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق مەركەزلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىمىز، دېگىنى بەكمۇ گۇمانلىق. تارىخىي ھادىسىلەرمۇ بۇنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ: ئۇيغۇرلار ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› نى باشتىن كەچۈرگەن، ‹ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەش›، ‹دىنغا قارشى كۈرەش› دېگەندەك ئون نەچچە يىللاپ داۋام قىلغان سىياسىي ھەرىكەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ 1980-يىللىرىغا كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قارشى تولىمۇ كۈچلۈك بولغان قارشىلىق ئىرادىسىنى يوقاتمىغانلىقىنى نامايان قىلغان. شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەن. شۇڭا مۇشۇ يوسۇندىكى زورلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئۆزگەرتىپ چىقىشتىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەسلىك كېرەك، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. مەن شەخسەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان 2004-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنسىز، دەپ قارايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت ساھەسى ئومۇميۈزلۈك «تازىلاش» قا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنياسىغا ئېغىر بوھرانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە ھامىلىدار بولىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.