يۇلىيۇس ۋېللېنزېر: «ئۇيغۇرلار گىئو-سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە» (1)

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.08.09
ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي لاگېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە.
Yettesu

8-ئاۋغۇست گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ «زاپاس ئەسكەرلەر جەمئىيىتى» تورىدا «زۇلۇم ئاخىرلاشمامدۇ؟ ئۇيغۇرلار گىئو-سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، نوپۇس قۇرۇلمىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ۋەزىيىتى، تەبىئىي بايلىقلىرىدىن تارتىپ 2014-يىلى باشلانغان «3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ۋە ئاقىۋەتتە جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋاللىرىغىچە بولغان جەريان ئەتراپلىق بايان قىلىنىپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇمغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى تەھلىل قىلىنغان.

ماقالە مۇنداق كىرىش سۆز بىلەن باشلانغان: «2022-يىلى ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› ئېلان قىلىندى. ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر، كىشىلەر ئۇزۇندىن بۇيان شۈبھىلىنىپ كەلگەن ئىشلارنى، يەنى خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى، تۇتقۇن قىلىشلىرى ۋە قىيناشلىرىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىدى. غەرب ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارا تەنقىدلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر خىتايغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؟ غەرب دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ؟»

ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياكى ئاز سانلىق ئېتىقادچى ئاممىغا يۈرگۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى تۇتقۇن قىلىش ھېسابلىنىدۇ. خىتاي دۆلىتى 2014-يىلى باستۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىغاندىن بۇيان، تەخمىنەن 1 مىليون بىلەن 3 مىليون ئارىسىدا كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇشقا ۋە قايتا تەربىيەلەشكە دۇچ كەلگەن ۋاقتى 2013-يىلى شى جىنپىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان زامانغا توغرا كېلىدۇ. مۇستەبىت كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت تاكى بۈگۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ‹تېررورىست ئۇنسۇرلار›غا قارشى ھەرىكەت قوللىنىۋاتىمىز دەپ ئۆزىنى ئاقلاپ كەلمەكتە.»

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «2014-يىلى ‹تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى›نىڭ ماقۇللىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، مېڭە يۇيۇش ۋە زوراۋانلىق بىلەن قورقۇتۇشلار ئەۋج ئالدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىدى. بىرقانچە يىلدىن كېيىن لاگېرلار قۇرۇلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنىڭ جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ‹تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ پەردازلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ‹گۇلاگ تۈزۈلمىسى› ئىدى. سانلىق مەلۇماتلار 2019-يىلى ئىچىدە تۇتقۇنلارنىڭ سانىنىڭ 3 مىليونغا يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى».

«ئۇيغۇرلار گىئو-سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە» ناملىق بۇ ئۇزۇن ماقالە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن چەت´ئەللىكلەردىن پايدىلىنىپ تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە، بۇ ماقالە خىتايپەرەسلەرنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ» تەشۋىقاتىنى رەت قىلىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

ماقالىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى، ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان بۇ تۇپراقنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، تەبىئىي بايلىقلىرى، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدا بايان قىلىشىچە، قىسقىغىنە 3 يىل ئىچىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسى ئەسلىدىكى 34 پىرسەنتتىن 42 پىرسەنتكە يۈكسەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بولسا ئەسلىدىكى 51 پىرسەنتتىن تۆۋەنلەپ 45 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان. بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.

ماقالىدا مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىلگەن: «بۇ ئۆلكە بېيجىڭ ئۈچۈن كۆپ تەرەپلەردىن ئىنتايىن مۇھىم. شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇققا ئېرىشىشى، ھەتتا مۇستەقىل بولۇشى بېيجىڭ ئۈچۈن كونترولنى يوقىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مۇستەبىتلەر بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويالمايدۇ ياكى ئۇنداق قىلالمايدۇ، چۈنكى بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشلىرىدىن نەپكە ئېرىشىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى خىتايلاردۇر. ئوخشىمىغان ئېقىملاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تىنچلىق ياكى قوراللىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. نەتىجىدە بولسا، تىبەت ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەنگە ئوخشاش، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى قاتارىدا كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇلدى. بېيجىڭ ئاخىرى بىر ئىسلامىي گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمىنى پۇرسەت بىلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تېررورىزم كاتېگورىيەسىگە تىقىۋەتتى. 2014-يىلى ھۆكۈمەت تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتنى باشلاپ، ئۇنىڭ ئارقىدىنلا شىنجاڭدا جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىنى ئورناتتى».

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ زاپاس ئەسكەرلەر قىسمىدا سىياسىي بىخەتەرلىك خادىمى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان يۇلىيۇس ۋېللېنزېر تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىدە يەنە دىققەتكە سازاۋەر مۇھىم تېمىلار يەر ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، جۈملىدىن گېرمانىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇشلىرىغا ھازىرغا قەدەر سۈكۈت قىلىپ كېلىشى ياكى «چوڭ گەپ قىلىپ»، ئەمەلىي ئىش قىلماسلىقى ھەمدە بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، دۇنيانىڭ «ئۇيغۇرلارنى گىئو-سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە كېيىنكى قېتىملىق پروگراممىمىزدا يەنە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.