مەھدى ھەسەننىڭ «يۈزلەشتۈرۈش Head to Head» پىروگراممىسىدا ۋېكتور گاۋ بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كەسكىن مۇنازىرە ھەققىدە ئانالىز
2024.08.13
9-ئاۋغۇست ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ «يۈزلەشتۈرۈش» ( Head to Head) پىروگراممىسىدا، داڭلىق ژۇرنالىست مەھدى ھەسەن رىياسەتچىلىكىدە بىر سۆھبەت پىروگراممىسى ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر سۆھبەت پىروگراممىسىغا خىتاينىڭ «يەرشارىلىشىش ئاقىللار ئامبىرى» مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېكتور گاۋ (گاۋ جىكەي) ۋە بىر قانچە ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەنلىك ئۆكتىچىلەر قاتناشقان. گەرچە سۆھبەتنىڭ تېمىسى «شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ئۇرۇشقا قاراپ مېڭىۋاتامدۇ؟» بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە تەيۋەن دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇرۇش تەھدىتى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مۇنازىرىلەر سۆھبەت كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. سۆھبەتتە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت بىلەن لوندوندىكى ئۇيغۇر شائىرى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈنلەرنىڭ ۋېكتور گاۋ بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشى، ۋېكتور گاۋنى نەق مەيداندا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. پۈتكۈل سۆھبەت جەريانىدا ۋېكتور گاۋ گەرچە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەت ئۈستىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاقلاشتا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنىڭدەك ئۇ مەھدى ھەسەننىڭ ئارقا-ئارقىدىن ياغدۇرغان ئۇيغۇرلار ۋە شى جىنپىڭنىڭ دىكتاتورلۇقى، تەيۋەن ھەم خىتايدىكى ھاكىممۇتلەقلىك مەسىلىلىرىگە ئائىت سوئاللىرى ئالدىدا كىشىلەرنى قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلمەي گاڭگىراپ قالغان. ھەتتا، بىر مۇستەقىل بىلىم ئادىمى ئەمەس بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالدىن پروگىراممىلاپ قويغان ئاۋازى سۈپىتىدە سۆز قىلىپ، پىروگرامما قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۈلكىسىگە قالغان.
ئۇنداقتا بىز گەپنى ۋېكتور گاۋنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمە دېگەنلىكى بىلەن باشلايلى.
مەھدى ھەسەن ۋېكتور گاۋدىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىدا دېيىلگەن مىليون ياكى 500 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى سورىغاندا، ۋېكتور گاۋ بۇ ساننى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى. لېكىن لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ يەرگە قامالغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ۋېكتور گاۋ، مەھدى ھەسەننىڭ «ئۇ ھالدا سىز ماڭا جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق سانىنى بېرەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا تۈرلۈك گەپ ئوينىتىشلاردىن كېيىن ئاخىرى «ئاز ساندىكى شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» نىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ چاغدا رىياسەتچى مەھدى ھەسەن نەق مەيداندىكى رەيھان ئەسەتنى ۋېكتور گاۋ بىلەن يۈزلەشتۈردى. رەيھان ئەسەت ئۆز ئىنىسىنىڭ ئەزەلدىن مۇستەقىللىق بىلەن ئالاقىسى بولمىغانلىقىنى، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشتىكى ئۈلگىلىك ياشلار قاتارىدا تەقدىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما ۋېكتور گاۋ يەنە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ خىتايدىكى 20 دەك مۇسۇلمان مىللەت ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇرلاردىنلا چىقىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن قازاقلار ياكى باشقا مىللەتلەر مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە رەيھان ئەسەتنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ «پەقەت شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىلا لاگېرغا قامالدى» دېگەن سۆزىنىڭ يالغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى.
دېمەك، ۋېكتور گاۋنىڭ يۇقارقى بايانلىرىدىن مەلۇم بولغىنى، لاگېرلارغا قامىلىۋاتقىنى ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار! بۇ يەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ۋېكتور گاۋنىڭ سۆزى بويىچە بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇرلار بولغانىكەن، نېمە ئۈچۈن «ئۇيغۇرنى تىلغا. ئالماي، «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» دەپ ئاتايدۇ؟ بۇ سوئالىمىزغا ئەلۋەتتە ۋېكتور گاۋنىڭ «نېمە ئۈچۈن خىتايدىكى 20 دەك مۇسۇلمان مىللەت ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇرلارلا بۆلگۈنچىلىك قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قازاقلار ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇنداق دەۋاسى يوق؟» دېگىنى تولۇق جاۋاب بولالايدۇ!
لوندوندا ياشايدىغان ئۇيغۇر شائىرى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ۋېكتور گاۋدىن ئۆزىنىڭ 82 ياشقا كىرگەن ئانىسى بىلەن 7 يىلدىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، ۋېكتور گاۋنىڭ «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى ۋە بىر خىتاي سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلسا كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى دېيىشىمۇ، نەق مەيدان تاماشىبىنلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالدى. چۈنكى ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلىشىدا «خىتاينى ئېتىراپ قىلىش» قا مەجبۇرلىنىشى ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلمىگەن بىر بىمەنىلىك دېيىشكە بولاتتى.
سۆھبەتكە قاتناشقان تىبەتلىك بىر كىشىمۇ ۋېكتور گاۋدىن چەت ئەلدىكى تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ، تۇغقان يوقلىشىغا ئىزچىل يول قويۇلماي كېلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىدا، ۋېكتور گاۋ «تىبەت يۈەن سۇلالىسىدىن تارتىپ خىتاي تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇڭا تىبەت خىتاينىڭ زېمىنى، سەن ياخشى كۆر ياكى كۆرمە، تىبەتنى خىتاينىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلمىساڭ، ۋەتىنىڭگە مەڭگۈ قايتالمايسەن» دەپ جاۋاب بەردى. كۈلكىلىك يېرى ئاتالمىش يۈەن سۇلالىسىنىڭ خىتايلار بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق بولغان موڭغۇل ئىمپېراتورلۇقى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئاشكارا تارىخ ئىدى. ھەتتا «China» دېگەن ئاتالغۇنىڭ بىر جۇغراپىيەلىك ئورۇننى كۆرسىتىشتىن، بىر دۆلەتنى كۆرسىتىشكە ئۆزگىرىشىمۇ مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن دېيىشكە بولاتتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «China» سۆزىنىڭ خىتاي مىللىتى(汉族) دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىشى China دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ جۇغراپىيەلىك ئورۇننىڭ تارىخىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدا «China» دەپ ئاتالغان جۇغراپىيەلىك ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتالمىش خىتاي مىللىتى (汉族)نىڭ تارىختىن بۇيانقى تۇپراقلىرى ئىكەنلىكىدەك خاتا بىر چۈشەنچىنىڭ خەلقئارادا ئومۇملىشىشىغا ئاساس سالدى. دەرۋەقە، بۈگۈن خەلقئارادا «China» دېگەنلىك خىتاي مىللىتى دېگەنلىك بولۇپ قوبۇل قىلىندى. مەزكۇر سۆھبەتتە ۋېكتور گاۋنىڭ «شىنجاڭ، تىبەت، تەيۋەن قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاينىڭ تارىختىن بۇيانقى ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن دەپدەبىلىك بايانلىرىمۇ دەل يۇقارقى كۆز بويامچىلىققا ئاساسلانغانلىقى ئېنىق ئىدى.
دېمەك، مانا مۇشۇنداق ساختا تارىخ ياساش ۋە خەلقئاراغا قوبۇل قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش» ئۈچۈن «بۆلگۈنچىلەر» نى يوقىتىشى خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ھەرىكەتتەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق ساختىپەزلىكى ھەقىقەتەن «36 تەدبىر» دىكى «كۆز بويامچىلىق تەدبىرى» نىڭ ئۆزى دېسەك ھېچ ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى خىتايدا «36 تەدبىر» نى ھاياتلىق دەستۇرى سۈپىتىدە قوللىنىش ئاللىبۇرۇن بىر ئادەتكە ئايلانغان. «كۆز بويامچىلىق تەدبىرى» دە مەخپىي ھەرىكەتنى كىشىلەر قىلچە گۇمان قىلماي ئاشكارا ھەرىكەتلەر بىلەن نىقابلاش، دۈشمەننى يېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىگە قارشى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش» دەپ تەشۋىق قىلىشىمۇ «36 تەدبىر» دىكى «كۆز بويامچىلىق تەدبىرى» نىڭ دەل ئۆزىدۇر! يەنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر نامىنىڭ ئورنىغا، شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشى ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پانتۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزىمچىلىق دەپ قارىلاپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسى ئاستىغا يوشۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنى يوللۇق كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئۇنداقتا خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمىغان مىللەتلەر ئۈستىدىكى زومىگەرلىكى، تارىخنى بۇرمىلاپ، باشقىلارنىڭ زېمىنلىرىنى مۇستەملىكە قىلىشى، يەرلىك مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى يەنە قانچىلىك داۋاملىشىشى مۇمكىن؟ نۆۋەتتە بۇ مەسىلىگە ھېچكىم ئېنىق بىر جاۋاب بېرەلىگەن ئەمەس. ئەمما بىر نەرسە ئېنىقكى، تارىختىن بۇيان ئادالەت ھەر ۋاقىت جاھالەت ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. يالغانچىلىقنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىر ۋاقىت مەسىلىسى خالاس. يەنى، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى ۋېكتور گاۋدەك خەلقىئالەم ئالدىدا بىلىپ-بىلمەي ئېتىراپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ساختىپەزلىكلىرى كىشىلەرنى قايتا ئالدىيالمايدىغان كۈنلەر ھامان كېلىدۇ. ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرمۇ ئەنە شۇ چاغدا چوقۇم ئاخىرلىشىدۇ!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]