«خىتايدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» مۇھاكىمە يىغىنىدىكى پىكىرلەر (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.09.06
hudson-micheal-and-sean.jpg ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان خۇدسون مەركىزىدە ئېچىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 5-سېنتەبىر.
RFA/Eziz

مايكىل كلارك ۋە شان روبېرتس: «خىتايدا ئۇيغۇرلاردىن كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتى مەۋجۇت ئەمەس!»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى» دەپ پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغانلىقى مەلۇم. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» نىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە گاڭگىراپ قالماقتا. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خۇدسون مەركىزى بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەمدە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى» نىڭ تېگى-تەكتىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن 5-سېنتەبىر ئوخشىمىغان ساھەلەردىن كەلگەن ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ بىر مەيدان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئالدى بىلەن بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى، خۇدسون مەركىزىنىڭ خادىمى ئېرىك بروۋن سۆز ئېلىپ ئۆتكەن ئون ئالتە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل خىتاي خەلقىگە ۋە دۇنيا جامائىتىگە ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان شىنجاڭ رايونىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ قاتتىق ھەربىي كونتروللۇق ۋە سىستېمىلىق نازارەت ئىجرا بولۇۋاتقان رايونلاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك نەتىجىسى سۈپىتىدە نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە ئىنسان كۆرمىگەن قاتتىقچىلىقلارغا مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا «مۇقىم» ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇشۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا كېڭىيىش قارا نىيىتى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىۋېلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە توختالدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور مايكىل كلارك سۆز ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ھەققىدە توختالدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن مەزكۇر رايوننى «خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش» ئۇرۇنۇشىنىڭ داۋامى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«11-سېنتەبىر ھەققىدىكى يازمىلار سەھىپىسىگە كۆز يۈگۈرتكىنىمىزدە خىتاينىڭ بۇ ساھەدە ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. شۇ قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى زور دەرىجىدە تەكىتلىنىشكە باشلىدى، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىلىرىنىڭمۇ ئۈستىگە قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ ھال خىتايدا ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي دەرھاللا ئۆزلىرى ئۈچۈن باش ئاغرىقى بولۇۋاتقان شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنى تېررورلۇققا باغلاشقا باشلىدى. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ چېگراسىدىكى بۇ زېمىننى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ كەلدى. ئاندىن قالسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىكى› ۋە ‹تېررورلۇق قىلمىشلىرى› نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەسەبىي ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى قايتا-قايتا بازارغا سالدى. ئۈچىنچىدىن خىتاينىڭ دۇنياغا ئۆزىنى نامايان قىلىشىدا تېررورلۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسى مۇھىم بىر خەلقئارالىق دەسمى بولۇپ قالدى.»

پروفېسسور مايكىلنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى خىتايدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ۋە خەلقئارا جامائەتكە يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر تېررورچىلار» نىڭ خىتايدىكى ئىجتىمائىي تەرتىپكە زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغان. شۇنداقلا بۇ خىل «تەھدىت» نى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سەۋەب بولغۇچى «ئەسەبىيلىك» ئامىللىرىنى يوقىتىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى، بولۇپمۇ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي داۋالغۇش ھەققىدە گەپ بولغاندا بۇنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىك قىلمىشى› ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئۇ چاغدا تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدە ھېچقانداق پاراڭ بولغان ئەمەس. ئەمما 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىماي ۋەز ئېيتىدىغان بولۇۋالدى، شۇنىڭدەك شىنجاڭدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەرقانداق نارازىلىق ئىنكاسلىرى ھەمدە زورلۇق ھەرىكەتلىرى ‹خىتايغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراۋاتقان تاشقى كۈچلەرگە باغلىنىشلىق› ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. ئىچكى قىسىمدا بولسا خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىك› ھەرىكەتلىرىنى ‹ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق قىلمىشى› دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى ھەمدە بۇنىڭ جەمئىيەتكە زور تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۈچەپ بازارغا سالدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ‹تەھدىت› زور دەرىجىدە كۆپتۈرۈلۈپ، بۇ خىل تەھدىتكە مەنبە بولغۇچى بارلىق ‹ئەسەبىيلىك› نى تۈگىتىش ئۈچۈن يۇغۇرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى كۆپلەپ تەتبىقلانغان نازارەت جەمئىيىتى ۋۇجۇدقا كەلدى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى شىنجاڭدا كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدۇر.»

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەنە بىرى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس بولۇپ، ئۇمۇ بۇ جەھەتتە پروفېسسور مايكىلغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى جەڭ» داۋرىڭىدا ھەممىدىنمۇ بەك سال قارىلىۋاتقان بىر ئامىل خەلقئارادىكى «تېررورلۇق» نىڭ بىرلىككە كەلگەن تەبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە زادىلا چۈشمەسلىكى ئىكەن.

«‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى›دىن كېيىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن باياناتلار ۋە ئاق تاشلىق كىتابلارنى چىقاردى. بۇ ئاق تاشلىق كىتابلاردا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئاشۇ ‹تېررورلۇق تەھدىتى›نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى ھەمدە ئۇلارنى ‹بازا› تەشكىلاتىنىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى ئېيتىلدى. 2000-يىللاردا بۇ گۇرۇھلارنىڭ چەتئەلدە تۇرۇپ ش ئۇ ئا ر تەۋەسىدە تەشكىللىك ۋە پىلانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن بايانلار ئوتتۇرىغا چىقتى. دەرۋەقە 2000-يىللاردا شىنجاڭدا بىر قىسىم زورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆرۈلدى. ئەمما بۇ ھەرىكەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ‹تېررورلۇق ھەرىكىتى› دەپ بېكىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. شۇلارنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى ‹تېررورلۇق› دەپ قارىغان ھالەتتىمۇ، ھېچقانداق بىر تەشكىلات بۇ ھەرىكەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. يەنە بىر ياقتىن بىز ‹تېررورلۇق›نىڭ تەبىرىنى بۇ ھەرىكەتلەرگە تەدبىقلىغىنىمىزدا ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرگە زادىلا چۈشمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز: بۇ زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاۋام پۇقرالار مەقسەتلىك سادىر قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھېچقانداق ئالدىن پىلانلاش ياكى سىياسىي مۇددىئا دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس.»

پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە سان جەھەتتە ھېچقانچە ئادىمى بولمىغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى كۆپلەپ سۇيىئىستېمال قىلغان. ئەمدىلىكتە بولسا «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نى ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقىغا دەستەك قىلىشقا ئۆتمەكتە ئىكەن.

«2000-يىللاردا ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) مەركەزلىك قىلىپ تېخى كىشىلەرگە بلىنەر-بىلىنمەي تۇرۇۋاتقان ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› ناملىق تەشكىلاتنى كۆپلەپ تىلغا ئالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشۋىقاتنى قىلىشتا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئوخشاشلا غەلىبە قازاندى. خەلقئارادىكى كۆپلىگەن سىياسەتشۇناسلار ۋە تېررورلۇق مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ بۇ بايانلىرىنى كۆپلەپ تەكرارلىدى. ئەمما رېئاللىقتىن قارىغاندا خىتايدا ئۇيغۇرلاردىن كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتى مەۋجۇت، دەپ قاراشنى تولىمۇ بىرتەرەپلىمە ھۆكۈم دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكا ۋە ب د ت نىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›نى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى بىلەن خىتاي بۇنى ئۇيغۇرلاردىن كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتى مەۋجۇت، دېگەنگە دەستەك قىلىۋالدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى ھازىرغىچە ئاخباراتلاردا ۋە خەۋەرلەردە تەكرارلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما مېنىڭ تەتقىقاتىمغا قارىغاندا، بۇ تەشكىلات 2001-يىلىغىچە تولىمۇ كىچىك بىر تەشكىلات سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغان ھەمدە ئافغانىستاندا سانى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ‹جىھادچىلار› نى تەربىيەلەپ، خىتايغا قارشى ئىش تەۋرەتمەكچى بولغان. ئەمما ئۇلار تەربىيەلەپ چىققان ئون-يىگىرمە ئادەمدىن بىرەرى خىتاي تەۋەسىگە ئۆتۈپ بىرەر زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلغىنى يوق. يەنە كېلىپ بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى بولغان ھەسەن مەخسۇم 2003-يىلى پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن. 2005-يىلىدىن كېيىن بولسا بۇ تەشكىلاتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىۋاتقان قوراللىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە بىز بىرەر خەۋەر ئاڭلىمىدۇق. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن يوتۇب قانىلىدا ‹تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› نامىدىكى بىر گۇرۇپپىنىڭ سىنغا ئېلىنغان باياناتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئەمما بۇ ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلساق بۇ يېڭى تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىيەتتە بىرلا ئەزاسى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» شوئارى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى چۈشەنچىسىگە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە خەلقئارا جامائەتنى توغرا يېتەكلەشتە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەش زۆرۈر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.