ئۆزبېكىستان ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى، شۇنداقلا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەر قايسى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە مەركىزىي ئاسىيانىڭ، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان ھەم ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋەزىيىتى، ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە، خىتاي، ئا ق ش بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، كۆپرەك مۇنازىرە قىلىنىدىغان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

ئەنە شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاننىڭ «365 ئىنفو. ئۆز» تور بېتىدە 7-سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان ئاككاز دېربىسوفنىڭ «ئۆزبېكىستاننىڭ ئاجىز يەرلىرى خىتاينى بىئارام قىلماقتا» ناملىق ماقالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە، خىتاي ۋە قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، چېگرا مەسىلىلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان.

ماقالىدە، ئۆزبېكىستاندا ئىسلامچىلار ھەرىكىتى ئاكتىپلىشىپ، ئەلنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچارلاشقان تەقدىردە، شۇنداقلا بۇنىڭغا «ئىسلام دۆلىتى» ۋە «تالىبان» خەۋپى قوشۇلسا، خىتاينىڭ بۇنىڭ ھەممىسىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان.

بۇ ھەقتە ماقالە ئاپتورى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇنىڭ بارلىقى كىمنىلا بولسۇن چۆچۈتىدۇ، شۇڭلاشقا خىتاينىڭ ئەندىشە قىلىشى چۈشىنىشلىك. خىتاي تۈزۈمى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئۆزىنىڭ غەربىي چېگرالىرى ۋە شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇقىملىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئەقىلدىن ئېزىش بەلگىلىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ....خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى سىياسىتىنىڭ ھەل قىلغۇچى مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ئۆز يېرىدىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنى ئۇلاردىن كېسىپ تاشلاش خاھىشىدا ۋە زۆرۈرىيىتىدە تۇرماقتا».

ئاككاز دېربىسوف خىتاي ئۈچۈن مۇنداق ئەنسىرەش سەۋەبلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بىشكەك ۋەقەسىنىڭ شۇنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، ۋەزىيەت مۇشۇنداقلا مۇرەككەپلەشسە، تالىبان ھەرىكىتى تەرىپىدە ئۇرۇشۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن «بىر بەلۋاغ-بىر يول» لايىھىسىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭدىن بۆلگۈنچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئۆزبېكىستاندىكى 55 مىڭ ئۇيغۇرنى تەقىب قىلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرىگە ھېسداشلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىپ، رادىكاللىق ئىدىيىسى بىلەن زەھەرلىۋېتىشنىڭ ئۆزى يېتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلارغا تۇغقان كېلىدىغان تەخمىنەن 31 مىليون پۇقرانىڭ بارلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈش كېرەك».

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، ئۆزبېكلەر ئۇيغۇرلارغا ئەڭ يېقىن قان-قېرىنداش خەلق بولۇپ، بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمدىن تارتىپ بىر-بىرى بىلەن قاتار ياشاپ كەلگەن. سىياسەتشۇناس بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆزبېكىستان ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر نەچچە مەۋقەدىن قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ئەنجان ۋىلايىتى، ئەنجان شەھىرى قاراخانىيلار دەۋرىدىن تارتىپ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلىلىرى تۇرغان، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەر زىچ ئارىلاشقان، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ يەرلەشكەن جاي. ئىسلام كەرىموف ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قاتتىق قوللۇق سىياسەت تۇتتى. ئۇ 2005-يىل ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىنلا بىرىنچى بولۇپ بېيجىڭغا باردى. مۇشۇنىڭ ئۆزى ئى. كارىموفنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قەتئىي سەلبىي رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر نەرسە كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇتۇۋېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خەلقئارا پرىنسىپلارنى دەپسەندە قىلدى. بۇ نۇقتىئىنەزەردىن ئۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قارىمۇ-قارشى سىياسەت تۇتتى».

ق. غوجامبەردى ئۆزبېكىستاننىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي بىلەن خېلى يېقىنلاشقانلىقىنى، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر يول سېلىنىپ، ئۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھەر ئىككى مەملىكەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى: «دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى تۈزۈمىنىڭ ماھىيىتىگە قارايدىغان بولساق، مەلۇم دەرىجىدە ئۆزبېكىستاندىكى تۈزۈم بىلەن خىتايدىكى تۈزۈم يېقىنلىشىپ كېتىدۇ، يەنى قاتتىق قوللۇق سىياسەت. مۇشۇ نۇقتىئىنەزەردىن، بىز، ئەلۋەتتە، ئى. كەرىموف سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز».
تارىخىي مەلۇماتلارغا، مەسىلەن، مەشھۇر قازاق ئالىمى، 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۆزىنىڭ قەشقەرىيىگە قىلغان ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىسى بىلەن داڭقى چىققان چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئالاقىلىرى زىچ بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەرىيە ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار، ئۆزبېكلەر ۋە باشقىمۇ خەلقلەر ئارىسىدا ئۆزئارا بېرىپ-كېلىش، سودا مۇناسىۋەتلىرىمۇ قويۇق بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلار تەقدىرىدىكى تەقىبلەش سىياسىتى بويىچە مۇتەخەسسىس رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا خېلى ئىلگىرىلەشلەر يۈز بەرگەن. ئۇ ئىككى ئەل، ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «20-يىللىرى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ‹كەمبەغەللەر ئاۋازى› گېزىتىنىڭ سەھىپىلىرىدە بەرگەن مەلۇماتلىرى بويىچە پەرغانە ۋادىسىدا 500 مىڭ ئۇيغۇر ياشىغان ئىكەن. چۈنكى قەشقەر بىلەن ئەنجان ئارىسىدا ئۆتمۈشتە چېگرا بولمىغاچقا، قەشقەرنىڭ دېھقانلىرى مەدىكارلىق ئىشقا ھەر يىلى يازدا پەرغانە ۋادىسىغا كېلەتتى. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ يەردىكى ئۆزبېكلەر بىزنىڭ ماكانىمىزغا ئىش ئىزدەپ باراتتى. 1937-يىلدىن كېيىن قانداقتۇر بىر مەخپىي بۇيرۇق بويىچە پۈتكۈل خەلقنى ئۆزبېك دەپ يېزىشقا مەجبۇرلىدى. بۇنىڭغا قارشى چىققانلار سولاققا ئېلىندى. بولمىسا ئۆز ۋاقتىدا ئەنجاندا ئۇيغۇر تىياتىرى، تېخنىكومى، مەكتەپلىرى بولغان».

ر. ئىسمايىلوف ئۆزبېكىستاندا ئاتىقى چىققان كۆپلىگەن شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.