پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يېتەكچى ئېقىمغا ئايلانغان ئىدى.
ئەمدىلىكتە ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندە شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە تېررورلۇق بىلەن ھېچقانچە ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى كۆپ مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ پىكىرلەر قاتارىدا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش چۇقانلىرى بولماقتا.
ئەنە شۇ خىل چۇقانلارنىڭ ۋاسىتىلىك سادالىرىنىڭ بىرى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ۋە مۇۋەققەت باشلىقى مايكىل مورېلنىڭ بۇ يىل 10-سېنتەبىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان مەخسۇس ماقالىسىدە ئەكس ئەتتى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» گە جىددىي مۇئامىلە قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە خۇددى شۇ يوسۇندا مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر ئاسىيادىكى ھۆكۈمران بولۇشتىن باشقا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمران بولۇشنىڭ چوتىنى سوقماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىشى ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەق سىياسىي سىستېمىنى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن مودېل قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنى ماددىي جەھەتتىن قوللىماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ ھەربىي قۇۋۋىتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك ساھەدىكى ئۆكتەملىكىگە تىرەك بولۇۋاتقان يەنە بىر ئامىل ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى بۇنىڭ بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى دېيىشكە بولىدىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئايلىنىپ كېلىپ ئامېرىكىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تەھدىت سالماقتا ئىكەن.
بۇ خىل قاراشتا بولۇۋاتقان كىشىلەر مايكىل موررېل بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئامېرىكىدىكى «ۋىزىرسپون مەركىزى» نىڭ خادىمى جېننېفېر برايسىن بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ يېڭى پەللىسى بولغان «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن باغلايدۇ. جېننېفېرنىڭ قارىشىچە، «ئاپتونومىيە» بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سۈنئىي ئاپەتلەر ئەڭ بولمىغاندىمۇ ھەرقانداق بىر ئامېرىكىلىقنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تېگىشلىك ئەقەللىي مەسىلىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە ئېلان ماقالىسىدە نۆۋەتتە «ساقچى دۆلىتى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارى لاگېرلارغا تولۇپ كېتىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھالنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى، سىياسىي تارىخى تولىمۇ مۇرەككەپ باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىدىكى «بايراقدار» ئامىل بولغان ئىسلام دىنىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا مەسىلىنى قانداق چۈشىنىشتىن قەتئىينەزەر بۇ ھالغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز زۆرۈر» دەپ قارايدۇ.
بىز جېننىفېر برايسىندىن نېمە ئۈچۈن «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئامېرىكا پۇقرالىرى (ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشى بولمىغان) ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم» دەپ قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئاددىي قىلىپ بۇنىڭدا ئىككى چوڭ مەسىلىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
«بۇلاردىن ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى، ئۇيغۇرلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنساندۇر. ھازىر بۇ جايلاردا ئىنسانىيلىق زور كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىزمۇ ئىنسان بولغىنىمىز ئۈچۈن بۇ خىل ئىنسانىيلىقنىڭ خارلىنىشىغا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ بىزنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. ئىككىنچى سەۋەب شۇكى، مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسۇن ياكى خىتايدا بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەرقاچان ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىملىققا ئىگە.»
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەلمۇ بۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە جىددىيلىشىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مۇھىم دەپ قارىلىشىغىمۇ سەۋەب بولماقتا ئىكەن.
گۇانتانامو تۈرمىسىدە ئۇيغۇرلارنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن جېننېفېرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» نى باھانە قىلىپ باستۇرۇشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ياكى ئەمەلىي ئاساسى يوق ئىكەن. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىنىي مەسىلە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش خاتا بولۇپلا قالماستىن، بۇ يەنە تېخىمۇ زور خەتەرگە يول ئېچىشى مۇمكىن ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى داۋراڭ قىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تېررورچى» دەيدىغان سەپسەتىنى قوبۇل قىلىش ئامېرىكا ئۈچۈن بىر زور خاتالىق بولىدىكەن. خىتاي ئۈچۈن بولسا بۇ خىل باستۇرۇش ئۇلار كۈتكەن بويسۇنۇشنى ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە بولغان قارشىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.
«خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارمۇ ئادالەتكە يانداشقان مۇقىملىققا ۋە بىخەتەرلىككە تەشنا. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىسلام دىنىنى تېررورلۇق بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ قويۇش زادىلا ئاقمايدىغان بىر گەپ. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياكى باشقا ھەرقانداق مىللەت ئۈچۈن ئوخشاش. ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسىلىلەر تولىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، ئىسلام دىنىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھېچقاچان مۇقىملىق ياكى بىخەتەرلىك بەرپا قىلالمايدۇ. دۇنيا تارىخىغا قارايدىغان بولساق بۇنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرىنى تاپالايمىز. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئەڭ سەلبىي نەتىجىسى شۇ بولىدۇكى، بۇ سىياسەت مۇشۇ يوسۇندا ئىجرا بولۇۋەرسە ئۇ تېخىمۇ قاتتىق قايتۇرما ھۇجۇمغا سەۋەب بولىدۇ. ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلار دەل مۇشۇ نۇقتىنى كۆرسەتمەكتە.»
جېننېفېرنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى گەرچە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىدە تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ بۇنىڭدا يەنە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلىش زۆرۈر ئىكەن. بولۇپمۇ بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ جامائەت پىكرى تەييارلىشى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىشىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
«ھازىر مۇھىم بولغىنى شۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى ئاللىقاچان بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە گەپ قىلىشنى باشلاپ بولدى. مەسىلەن ئالساق، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئۇيغۇرلارنىڭ يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ئەھۋالى توغرىلىق ئۆزىنىڭ ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىلى خېلى بولۇپ قالدى. ھازىر يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، مەسىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بىر قىسىم خۇسۇسىي تەشكىلاتلارمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تارىخى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئامېرىكىلىقلارمۇ داۋاملىق ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تاشقى دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىشى، خۇسۇسىي شىركەتلەر ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلاتلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى ماددىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بۇنىڭدا تېخىمۇ مۇھىم. ھازىر قارايدىغان بولساق پۇقراۋىي ۋە خۇسۇسىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ تاشقىي سىياسىتىدە كۆپلەپ تەكىتلەنمەكتە ئىكەن. بۇنىڭ ئەڭ روشەن بىر ئىپادىسى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە تەيۋەن مەسىلىسىدىن قالسىلا ئىككىنچى مەسىلە بولۇپ بىلىنىشىگە ئەكس ئەتمەكتە ئىكەن.
0:00 / 0:00