ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتى زىيالىيلارنى ئوز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلاندۇرماقتا
2017.10.04

يېقىنقى مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان رېئال مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرى يورۇتۇلغان، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ناھەق سىياسەتلىرى دەلىللىك پاش قىلىنغان، ئۇيغۇر زىيالىيلار تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىلەر، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنماقتا.
تۈركىيەدە كۆپ تارقىتىلىدىغان «خەبەر ئاجاندا» ژۇرنىلىنىڭ 9-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مىللىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ بىر قەدەر تەسىر قوزغىغان ماقالىلەرنىڭ بىرى.
مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ بۇرمىلاشقا تىرىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك تېررورلۇق پائالىيىتى بولماستىن، بەلكى مىللىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشى ئىكەنلىكىدەك ئۆتكۈر سىياسىي كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى بۇ ماقالىسى ئارقىلىق «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدە بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى» تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ بىرى. بۈگۈن سۆھبىتىمىزگە قاتناشقان فەرھات ئەپەندى ئالدى بىلەن «زىيالىي» دېگەن ئاتالغۇغا تەبىر بېرىپ، زىيالىي ئۇقۇمى ھەر خىل دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن چۈشەندۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئەڭ كەسكىن بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بۇ دەۋردە، ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ زىيالىيلىرى ئاتىلىشى ئۈچۈن بىرەر كەسىپتە نەتىجە ھاسىل قىلىشنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، زىيالىي بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراقلارنىڭ ئىستىقبالىغا باش قاتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىنسانىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش دەپ چۈشىنىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزىنىڭ كەسپىدە ئۇتۇقلۇق بولۇشنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشى كېرەك دېگەن تەشەببۇسىنى تەكىتلىدى.
بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە يەنە ئامېرىكادىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تېببىي دورىگەرلىك ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىنى تەكلىپ قىلدۇق.
ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ مىللىتىنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي رېئاللىقىدىكى ئۈمىدسىزلىكىگە قارشى «مەن نېمە قىلالايمەن؟»، «بىز بىرلىكتە يەنە نېمە قىلالايمىز؟» دېگەن سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى ياخشى بىر باشلىنىش دەپ كۆرسەتكەن مەمەت ئىمىن ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر مىللىتىدەك كەلگۈسى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان مىللەتتە تارتىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا پايدىسىز دەپ قارايدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرىدىن بىرى نىشان بەلگىلەش. ئۇ: «ئەمما تارىخ ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەندە، ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەڭ ئالدى بىلەن تېخنىكا ۋە كەسىپ، ئىدىيە، كۆز قاراشتىكى پەرقلەرنى بۆسۈپ تاشلاپ، ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىگەن كىشىلەردەك رېئال مەسىلىلەرگە رېئال پوزىتسىيە تۇتىدىغان، ئاغرىنىش، ئەيىبلەش، شىكايەت قىلىشقا ئوخشاش خاھىشلارنى تۈگىتىپ، مەسىلىلەرگە ھېسسىياتقا تايانماي، ئەقلى دەلىللەرگە تايىنىپ باھا بېرىدىغان ۋە بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان قوبۇل قىلىدىغان بولغاندىلا، ئۇيغۇر زىيالىيلار يۇقىرىقى نىشان بەلگىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ھازىرلىيالىغان بولىدۇ» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.