ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت يىغىن زالىدا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا لېكسىيە بەردى.

9-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى جەمئىيەت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئالدى بىلەن ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي ۋە تور ھۇجۇمى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىككى دۆلەت كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا-تىجارەت مۇناسىۋەت توغرىسىدا توختىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2014-يىلىدىكى تىجارەتتە ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 555 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ئامېرىكا ئۈچۈن 237 مىليارد دوللار تەڭپۇڭسىزلىق بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ئومۇمىي مەھسۇلاتنىڭ ئۈچتە بىرىنى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئارال تالىشىش مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماي كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم سىياسەتلىرىنى شۇنداقلا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا چېگرا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى داۋام قىلىدىغان بولسا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، ئۇ دۆلەتلەر بىلەن زىددىيەتلىشىشنىڭ ئامېرىكا بىلەن زىددىيەتلەشكەنلىك بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ قىممەت قاراش مەسىلىسى ھەل بولمىسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا، خىتاي بىلەن كانادا ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسى كەلگۈسىدە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.