قەيسەر كو: «نۇرىي تۈركەلنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە نەزەر» (1)
2018.10.15

نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «ئۆگىنىش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى خەلقئارادىكى ئەڭ زور خەۋەر تېمىلىرىدىن بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، بۇنداق چوڭ ۋەقە مانا مۇشۇنداق ھالدا رەسمىي روياپقا چىققۇچە قانداق بولۇپ جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالدى؟ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى شەرھلەشتە ئەڭ ياخشى ۋە ئېنىق بولغان جاۋاب يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدىن چىقىدۇ، دەپ قارىغان داڭلىق تور رىياسەتچىسى قەيسەر گو بۇ مەسىلىدە ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، سىياسىي پائالىيەتچى نۇرىي تۈركەلگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشىدىن ئامان قالغان يەھۇدىيلارنىڭ پەرزەنتىدىن جېرېمېينى بۇ سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىدۇ.
بۇ ئۈچ كىشىنىڭ سۆھبىتى باشلانغاندا ئالدى بىلەن قەيسەر كو سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتە «قايتا تەربىيە ئېلىش مەركىزى» دەپ ئاتىلىۋاتقان لاگېرلارغا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قامىلىشى ھەققىدە گەپ تەشتى. ئۇ ئالدى بىلەن بۇ خىل لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ «ئىسلام ئەسەبىيلىكى» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى، ئەمما بۇ «ئەسەبىيلىك» نىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى ھەرقاچان ساقال-بۇرۇت قويۇش، تەقۋا بولۇش ياكى ھالال يېمەكلىك يېيىش ۋە ياكى ھاراق تاشلاش دېگەندەك ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
جېرېمېي بۇ ھەقتە سۆز ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپ «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان» دېگەن مەلۇماتلارنى ئاڭلىغاندا بىر يەھۇدىي بولۇش سۈپىتى بىلەن دەرھاللا ناتسىستلار گېرمانىيەسى زامانىسىدىكى مۇدھىش تارىخنى ئەسكە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنىڭ قايسى دەرىجىدە چىن ئىكەنلىكىنى مېگا راجاگوپالان، جېررىي شى، جوش چىن، ئادريان زېنز قاتارلىقلارنىڭ تەپسىلىي بايانلىرىدىن تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ب د ت مۇنبىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپ بۇ لاگېرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، يېقىندىن بۇيان بۇ ھادىسىلەرنىڭ دۇنياۋى تېمىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن پروگرامما رىياسەتچىسى قەيسەر كو سۆز ئېلىپ، بۈگۈنكى سۆھبەتنىڭ ئاساسلىقى بۇ لاگېرلار ھەققىدە ئەمەس، بەلكى بۇ لاگېرلار مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىشقا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەلنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
نۇرى تۈركەل سۆز ئېلىپ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئائىلە بويىچە «ئون يىللىق مالىمان» مەزگىلىدە قانداق قاباھەتلىك ۋە پاجىئەلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۆزىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە بېشىدىن ئۆتكەن قارا كۈنلەرنىڭ تەسىرىدە ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسى جەريانىدا ئۆزىدە مۇستەھكەم بولغان ئۇيغۇر مىللىي كىملىك قارىشىنى تىكلەپ چىققانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئۇيغۇر مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈش، كېيىنچە ئۈرۈمچى ۋە شىئەن شەھەرلىرىدە ئوقۇش جەريانىدا خىتايچە تىلنىمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆگىنىپ چىققانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسلىشىچە، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرى، 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا، يەنى نۇرى تۈركەل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردىن بىرى بولغان شىئەن شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا خىتاي جەمئىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر زور ئۆزگىرىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىدى. بۇ مەزگىللەردە مەشھۇر بولغان «1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دېگەندەك ۋەقەلەر يېڭىدىن باستۇرۇلۇپ، خىتاي جەمئىيىتى سىرتقا قارىتا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىدە تېخى ئۇنداق ئاشكارا ھۇجۇم مەزمۇنلىرى يوق ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتمىگەن بولغاچقا، خىتاي خەلقىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۇنداق دۈشمەنلىك قارىشى يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. نۇرى شۇ ۋاقىتلاردا ئىچكىرىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىدەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەمىشە چەتئەللىك، دەپ ئويلاپ قالىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزلىرىگە چەتئەللىكلەر مۇئامىلىسىدە بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
نۇرى تۈركەلنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى باشتىن كەچۈرگەن قاباھەتلىك يىللار 1960-يىللىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە، شۇنداقلا خىتاي ئائىلىلىرىگىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان كۈلپەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەمما نۇرىنىڭ پىكرىچە، 1990-يىللاردىن كېيىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان مىللىي مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلار تەدرىجىي يېگانە ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ 1991-يىلىدىن باشلاپ مۇستەقىل بولۇشقا باشلىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بېقىنىدا باش كۆتۈرۈشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى پاي-پېتەك بولۇشقا باشلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشنى ئەسلا خالىمايۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردا پەيدا بولۇۋاتقان تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ئارزۇسىغا قارىتا «قاتتىق زەربە بېرىش» بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن 1990-يىلىدىكى «بارېن ۋەقەسى» نى باستۇرۇش، 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» قاتارلىق قانلىق ۋەقەلەر ئارقىمۇ ئارقىدىن يۈز بەرگەن.
نۇرى تۈركەلنىڭ پىكرىچە تاكى 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» ھارپىسىغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «بۆلگۈنچى» كۈچلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇ خىل كۈچلەرگە زەربە بەرمىگەندە ئۇلارنىڭ «دۆلەت مەنپەئەتى» گە ئېغىر زىيان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن. ھەتتا «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ھازىر تولىمۇ بىخەتەر رايون. ھەرقايسى جايلاردىكى سودىگەر ۋە كارخانىچىلارنىڭ بۇ رايونغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز» دەپ جاكارلىغان. ئەمما نيۇ-يوركتىكى قوشماق بىنا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يۇمىلاپلا ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇقنىڭ قۇربانلىرى» ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىشقا باشلىغان. «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» نى ئالتۇندەك بىر پۇرسەت دەپ بىلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھاللا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» قا پائال قاتنىشىپ، خىتاي خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ «تېررورچى» كۈچلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا كىرىشكەن.
نۇرى تۈركەل شۇ ئىشلارنى ئەسلىگەچ، بۇ خىل «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ 2009-يىلىغا قەدەر داۋام قىلغانلىقىنى، ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان باستۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدە شۇ يىلى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى بىر قېتىملىق دەۋر بۆلگۈچ زور ۋەقەنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يادىغا سالدى.
بۇ سۆھبەتنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.