قەيسەر كو: «نۇرىي تۈركەلنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە نەزەر» (2)
2018.10.17
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ قانداق بولۇپ ھازىرقىدەك دۇنياۋى چوڭ تېمىلاردىن بولۇپ قېلىشى ھەققىدە باشلانغان مەخسۇس سۆھبەتتە تور رىياسەتچىسى قەيسەر كو ۋە يەھۇدىي ئانالىزچى جېرېمىينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرى بۇ سۆھبەتنىڭ ئالاھىدە مېھمىنى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەلنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرى بىلەن تەبىئىي ھالدا بىرىكىپ كەتكەن ئىدى. شۇ قاتاردا سۆھبەتتىكى مۇھىم نۇقتا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور ۋەقەلەردىن بىرى بولغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە تاقالغاندا، قەيسەر كو بۇ ۋەقەنىڭ نۇرى تۈركەل ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قانداق تەسىر قالدۇرغانلىقىنى سورىدى.
نۇرى تۈركەل شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىمۇ «ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن بوزەك قىلىنىۋاتىدۇ» دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى بۇ دەرىجىگە چۈشۈپ قالىدۇ، دەپ ئويلاپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇ قېتىملىق ۋەقە نۇرى ۋە باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كەسپىي ۋە ئادىمىيلىك ھۈجەيرىلىرىگە بەكمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە مىللىي زىددىيەت ۋە مىللىي زۇلۇمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەممىگە ئايان پاكىتلار بولسىمۇ، 1990-يىللاردىن تارتىپ تاكى 2009-يىلىغىچە ھەمدە شۇنىڭدىن تارتىپ 2016-يىلىغىچە بولغان ئۇزۇن مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئومۇمەن بارغانسېرى يامانلىشىپ ماڭغان. شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ۋەزىيەتنى «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋر» دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
ئانالىزچى جېرېمىي بۇ ھەقتە سوئال قويۇپ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە سىز غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن سۆز قىلىشتا سەركىلىك رولىنى ئويناۋاتىسىز. بۇ ھەقتە سىز شەخسەن قانداق ئويلايسىز؟» دەپ سورىدى.
نۇرى تۈركەل ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا قەدەم بېسىشىنىڭ 2002-يىلىدا ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى ھەمدە «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرى تۈركەل ئۆزىنىڭ ئەركىن دۆلەتتىكى ھۆر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىشنى ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت، دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن ئەركىن ئىنسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلەشتىنمۇ ياخشىراق يولى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت يېتەرلىك جۈرئەت بولسىلا كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. نۇرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردەك ئاۋازى ئۆچۈرۈپ تاشلانغان مەھكۇم مىللەتنىڭ ئاۋازىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئەركىن دۇنيادا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم ئىكەن. چۈنكى سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۆزى زالىملىققا شېرىك بولغاندەك بىر ئىش ئىكەن.
شۇنىڭدىن كېيىن سۆھبەت ئاساسلىقى مۇشۇ خىل جۈرئەتنىڭ ھاسىل بولۇشىغا توسقۇن بولغۇچى ئامىللار، جۈملىدىن بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشى، بولۇپمۇ پەرزەنت بولغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياردەمگە ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقان مەزگىللەردە ئەڭ ئەقەللىي پەرزەنتلىك بۇرچىنىمۇ ئادا قىلىشقا قادىر بولالماسلىقى، يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى جۈرئەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىشى ھەققىدە بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىن سۆھبەتنىڭ تېمىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەققىدە بولدى. بولۇپمۇ نۇرى تۈركەل بىۋاسىتە خىزمەت قىلىپ باققان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە بۇلارنىڭ مەقسىتى، ئۇلارنىڭ پەرقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى قەيسەر كو ۋە جېرېمىينى قىزىقتۇرۇۋاتقان ئورتاق تېما ئىدى.
نۇرى بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق تەشكىلاتىدىن ئۈچى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇپ، 2004-يىلى قۇرۇلغان ھەمدە شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن؛ ئىككىنچىسى، 1998-يىلى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قۇرۇپ چىققان «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» بولۇپ، بۈگۈنگىچە بولغان 20 يىللىق تارىخىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تۈرلۈك نامايىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشتە، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلمەكتە ئىكەن؛ 2004-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ساھەسى بويىچە تەتقىقات ۋە ھۆججەتلىك مەلۇماتلارنى تەييارلاش بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن. بۇ ئۈچ تەشكىلات ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش كۆرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بىردەك تىنچلىق شەكلىدە «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىۋاتقان رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتەك ئاخىرقى نىشانىغا يېتىشنى نىشان قىلماقتىكەن.
شۇنىڭدىن كېيىن قەيسەر كو قايتۇرۇپ سوئال قويۇپ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن باغلىنىپ قېلىشى ھەمدە 22 ئۇيغۇرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر گۇانتانامو تۈرمىسىگە قامىلىشىنى قانداق چۈشىنىش لازىملىقىنى سورىدى. نۇرى ئۆزىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمىتىنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك كەسپىي ئىشلارنىڭ بىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەچ، 2004-يىللاردىن باشلاپ مەتبۇئاتلارغا چىقىشقا باشلىغان گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەمەلىيەتتە پاكىستانلىق مالچىلار بەش مىڭ دوللاردىن سېتىۋەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئىكەنلىكىنى، نەچچە يىللارغا سوزۇلغان سوراقلار جەريانىدا ئاخىرى ئاقلىنىپ چىققانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇلارنى «دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى، شۇلاردىن بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندا ئەنگلىيەدىن ۋەتەنداشلىق ۋە پاسپورت ئالغانلىقىنى قىسقىچە قىلىپ بايان قىلدى.
ئاخىرىدا سۆز تېمىسى ئۇيغۇرلار بۈگۈنكىدەك «ئەڭ زۇلمەتلىك باسقۇچ» تا تۇرۇۋاتقاندا تۈركىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان مۇئامىلىسى ھەققىدە بولدى. نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ 2017-يىلىدىن بۇيان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، مۇسۇلمان داھىيلىرى ياكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ باقمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا ئاشكارا ھېسداشلىق قىلىپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. نۇرى تۈركەلنىڭ پىكرىچە، تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» مەزگىلىدە بۇنى «قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ ئاشكارا ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينى تەنقىدلىگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە ئورنى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە بۇنداق زور قوللاشقا ئىگە بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكمۇ پەرىشان قىلغان. 2014-يىلىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ بىر قاتار پېشكەللىكلەرگە دۇچ كېلىشى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ قېلىشىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قوللىغۇچىسىنى ئۆزلىرىنىڭ «ئىتتىپاقدىشى» غا ئايلاندۇرۇۋالغان. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەسمىي ھالدا «تۈركىيە تۇپرىقىدا خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق پائالىيەتنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايمىز» دەپ جاكارلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت بويىچە ھۇجۇم نىشانى بولۇشى دۇنياۋى چوڭ تېمىلاردىن بولۇش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورچى» ئەمەس، بەلكى مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئەڭ يارقىن كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان ھادىسىلەردىن بولماقتا ئىكەن.