28-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە 59-قېتىملىق ئاخبارات يىغىنى» دا، ئاتالمىش خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە «قايتا تەربىيەلەش» نى تاماملاپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، ئاتالمىش «ئىگىلىك تىكلىگۈچى» لەر سۆزگە چىقىرىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلغان.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ: «ئۇلار ‹شىنجاڭ ئارقىلىق جوڭگونى كونترول قىلىش› قا، ‹ئۇيغۇرلارنى ۋاستە قىلىپ، بېيجىڭغا داۋاملىق زەربە بېرىش› ئۇرۇنىۋاتىدۇ،» دېگەن.
ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا، ئۇيغۇر رايوننىڭ ئىستراتىگىيە ۋە گېئو-سىياسىي جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە جاي ئىكەنلىكىنى؛ رايوننىڭ مىللەت تەركىبى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەمدە قوشنا ئەللەر بىلەن مەلۇم باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇ شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ كارتىسى» نى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىچكىي زىددىيەتلىرىنى باشقا تەرەپكە بۇراش غەرىزىدە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالغان. ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينى چۆكۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن «شىنجاڭنى جۇڭگونى كونترول قىلىش» تىكى بىر كوزېرغا ئايلاندۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شۈ گۈيشاڭ بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىدا ھۇجۇم نۇقتىسىنى بىۋاستە ئامېرىكاغا قاراتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ رايونى ئاسيانىڭ مەركىزگە جايلاشقانلىقىدەك جۇغراپىيەلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ غەربىي چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ئامېرىكانىڭ نەزەرىدە شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش، جوڭگونىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم كوزېردۇر. ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق، بېيجىڭغا داۋاملىق زەربە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلدى، شۇنداقلا تاشقىي كۈچلەرنىڭ ياردىمىسىزلا جۇڭگونى ئىچكىي قىسمىدىن پارچىلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى،» دېگەن.
ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا ئۆز ئىنكاسىنى بىلدۈردى. خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەبلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ھازىر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدلەۋاتقىنى دەل ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا يۈرگۈزۈلىۋاتقان، ئىنتايىن ۋە ئەشەددىي ھالدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش ‹سەۋەب ۋە ئاساس» لار ئەمەلىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. شۈ گۈيشياڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹ئاساسلىرى› ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېسەكمۇ بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش ‹جوڭخۇا مىللىتى› نىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى، دىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.»
خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن قوللىنىپ كېلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتى ياكى قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسى ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە توختىماستىن ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىن» لىرىنى ئېچىپ، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرىنى تامامەن ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئاچقان ئاتالمىش «59-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى»، ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا 43 دۆلەتنىڭ بىردەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئەيىبلەپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشغا قارىتا بېرىلگەن بىر ئاساسسىز جاۋاب ئىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مانا بۇ ئەھۋاللار ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارادا بارغانچە قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا قارىتىلىدىغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ كۈچىيىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئىلشات ھەسەننىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل ئەيىبلەش ۋە جازا تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھالسىراش، سىياسىي جەھەتتىن مۇقىمسىزلىق ۋە داۋالغۇش ئىچىدە قالغان، شۇڭا يېقىندىن بۇيان خىتاي بۇ خىل ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى» ئېچىپ، ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان.