تۈركىيە ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يىراقتا بىر يېتىم ۋەتەن بار: شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئاڭلىتىلدى.

يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تېمىسىدا، د ئۇ ق مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە كۆچۈش مەسىلىسى تېمىسىدا دوكلات بەردى.

يىغىننى تۈركىيە بولۇپ ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىننى ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا قىزىقىش يۇقىرى ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.