سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ ھالقىسىمان تەرەققىياتى» ناملىق ماقالە ئىنكاس قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.12.17
Elriyad-geziti-305.jpg «ئەل رىياد گېزىتىنىڭ» مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغان 11-دېكابىر سانىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Qutluq

خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىمۇ راۋاجلانماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 12-كۈنىگە قەدەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد، جىددە قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» سەئۇدى ئەرەبىستاندا «دۇنيا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى»، «دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى بىرلەشمىسى»، «ئەل رىياد گېزىتى» قاتارلىق ئورۇنلاردا زىيارەتتە بولغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا پايتەختى رىيادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.

بىز خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ رىيادتىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە جىددە شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىغا ئارقا-ئارقىدىن تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

رىيادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 11-دېكابىر كۈنى «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىدىغان «ئەل رىياد گېزىتى»دە مەزكۇر چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر ماقالە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى،مەدەنىيىتى ۋە شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە توختالغان، مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر قىسىم ئەرەب ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم تەنقىدى ئىنكاسلار ئېلان قىلىنغان

بىز شۇنىڭ بىلەن، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى بويىچە تونۇلغان ياپونىيەلىك مۇستەقىل تەتقىقاتچى يامادا بىلەن خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يامادا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي، ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئىسلام دۇنياسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويدى. چۈنكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «دۇنيا ئىسلام بىرلىكى» ۋە «دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى تەشكىلاتى» قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق دىنىي تەشكىلاتلار خىتاينى بۇ مەسىلىدە تەنقىدلىگەن ئىدى» دېدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يالغۇز ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تەشۋىقات قىلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي-ياپون ئارىسىدىكى سېنكاكو ئارال ماجىراسى توغرىسىدىمۇ ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇزۇندىن يىللاردىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەككە شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالدى.

سىراجىدىن ئەزىزى خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بەزى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ،يەنە مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلغانلىقىنى ۋە بىر قىسىم قارشى ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.