ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي خىزمەتنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى: مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ۋە مۇقىملىق

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.04.08
ما شىڭرۇينىڭ «قانۇن ئارقىلىق مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ ئالاھىدە ساقچى قىسمىنى زىيارەت قىلدى. 2022-يىلى 15-مارت.
news.ts.cn

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئورۇنلاشتۇرما ھەققىدىكى بايانلاردا كۆپ قېتىم تەكرارلىنىدىغان بىر ئاتالغۇ «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر  تاختا شاھمات كەبى ھەرىكەتلىنىشى» بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرى ئىزچىل تۈردە مۇشۇ ئەندىزە بويىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 3-ئاپرېلدىكى دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا بۇ ئەھۋال يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئىككى تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتلەردىن بولۇشى بەلگىلەندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلىشى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ يۇقىرىدىن كېلىۋاتقان بۇيرۇق ئىكەنلىكىنى جانلىق ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن. چۈنكى ما شىڭرۈي ئۆز سۆزىدە نۆۋەتتىكى سىياسىي خىزمەتلەردە «شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن ئىدىيەدە ۋە ھەرىكەتتە ماس قەدەم ئېلىش، مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان سىياسەتلەرنى ئېغىشماستىن ئىجرا قىلىش» نىڭ مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك يىغىندا نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم ھالقىلىرى سۈپىتىدە «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەلەپلىرىنى ئۆگىنىش، شۇ ئارقىلىق ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى قارىشىنى تۇرغۇزۇش» لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇنىڭسىزمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن ئاممىۋى ئۇچۇرلارنىڭ «دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. نوپۇس سانى، ئارخىپ ماتېرىياللىرى، تەبىئىي بايلىق ئۇچۇرلىرى، كېسەللىك سانى، ئاپەت دەرىجىسى قاتارلىق خەلق ئاممىسى بىلىشكە تېگىشلىك ھەرقانداق ئۇچۇرلار ئىزچىل تۈردە قاتتىق كونترول قىلىنىپلا قالماستىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى باشقىلار بىلەن ئاشكارا ھەمبەھىرلەشنىڭمۇ «مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش» ھېسابلىنىدىغانلىقىنىڭ مىساللىرى كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەن. خىتاي ئىجرا قىلغان زور كۆلەملىك تۇتقۇندا لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلارنىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن تاشپولات تېيىپ، خالمۇرات غوپۇر، راھىلە داۋۇت كەبى جەمئىيەتكە كەڭ تونۇلغان كىشىلەرنىڭمۇ ئەقەللىي بولغان تۈپكى ئەھۋالى «مەخپىيەتلىك» قاتارىدا سىر تۇتۇلۇپ، قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» بولۇپ قالغان. بۇ ھال يىغىن جەريانىدا ما شىڭرۈينىڭ «بىز جەزمەن ئادەملەرنى، مەخپىيەتلىكنى، تورلارنى ياخشى باشقۇرۇپ زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم» دېگەن سۆزلىرىدە يەنە بىر قېتىم ئەكس ئېتىدۇ.

 مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش» دولقۇنىدا 15 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك تېببىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىلىرى تولۇق يىغىلغاندىن كېيىن ھەقىقىي رەۋىشتە «مەخپىيەتلىك» ھېسابلىنىدىغان شەخسلەرنىڭ بارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرى ھۆكۈمەتنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەن. بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى «تۇغقان بولۇش» نامىدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەخسىيەت ۋە مەخپىيەت چېگراسى بولغان «ئۆي بوسۇغىسى» دىن ئاتلاپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان خىتاي كادىرلىرىنى «تىرىك كۆز-قۇلاق» قىلىپ «مىخلاپ» قويغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» ئەندىزىسى بويىچە ئىش كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان  بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقاچان مەخپىيەتلىك مەسىلىسىدە  قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ باقمىغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن ئاشكارا بولغان. ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق مەخپىيەتلىكىنى توپلايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھېچقاچان ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان ھېچقانداق ئىش توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشقا بولمايدۇ» دەپ خۇلاسىلەيدۇ.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش ۋە تەۋرىنىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى تۈرلۈك ئوچۇق ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكى كۈنسايىن ئايدىڭ بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بولغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقى، بولۇپمۇ نېفىت، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، توك قاتارلىق ساھەلەردە خىتايدىكى بىر مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ھاياتلىق كاپالىتى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمۇ ئاشكارا بولماقتا. بۇ ھال ما شىڭرۈينىڭ 3-ئاپرېلدىكى يىغىندا قىلغان سۆزلىرىدە «شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىدىكى قالقانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئېنېرگىيە ساھەسىدە كۆمۈرنى ئاساس قىلغان ھالدا نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى ئاچقۇچ قىلىش، شۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ زور ھەسسە قوشۇش لازىم» دېگەن شەكىلدە ئورۇن ئالغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم يېقىن كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەرنىڭ يەنە بىر قانىتى مۇقىملىق بولىدىغانلىقى، شۇندىلا تۈرلۈك خىزمەتلەر ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت بەرپا قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل بۇ خىلدىكى «مۇقىملىق» تېمىسىنى باش ئورۇنغا قويۇشى توغرىسىدا سۆز بولغاندا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرىدە فوندى» خىتاي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، دوكتۇر ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) بۇنىڭ ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر رايونغا قارىتىلغان خاس سىياسەت ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەبىئىتى ھەرقاچان «ھەممىلا نەرسىنى ئۆزى خالىغان دائىرىدە كونترول قىلىش» قا مەركەزلەشكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ئۇلار ئارزۇ قىلىۋاتقان «بىخەتەرلىك» نىڭ ھەرقاچان باش تېما بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھازىر پۈتكۈل ئاھالىنى كونترول قىلىشنى ئىستەۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا قارايدىغان بولساق بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر بىر رايوندىكى بىر خەلققە قارىتا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەمما شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار ۋە ھەمدە بولغان ئىشلار ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلار بىزگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكى ھەمدە نېمىلەرنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مېنىڭ پىكرىمنى سورىسىڭىز، شىنجاڭدا ھازىر ئىجرا بولۇۋاتقان بۇ خىل مۇقىملىق چارىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئەينەكتۇر. بىز بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىز بىلەن قانداق ئالاقىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى ئىلگىرى شىنجاڭدا بولغان ئىشلار ھازىر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى: نىشانلىق ھالدا قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق قارشىلىق ئېڭىنى يوقىتىش ھازىر ئۇلار كەڭ قوللىنىدىغان بىر تۈرلۈك مېتود بولۇپ قالدى؛ سىستېمىلىق نازارەت سىستېمىسى ۋە چىراي تونۇش تېخنىكىسى دېگەنلەر ھازىر ھەممىلا جايغا كېڭىيىۋاتىدۇ؛ بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاش، ھەممىنى كونترول قىلىش دېگەنلەر ماس قەدەمدە ئىشقا ئېشىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ بولسا دەل مۇشۇ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى شۇنچە ئۇزۇن يىل داۋام قىلغان ھەمدە شۇنچە زور كۆلەم ئالغان باستۇرۇشتىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا مۇقىملىق مەسىلىسىنى تەكىتلىشى توغرىسىدا نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شيا مىڭ (Xia Ming) ئەپەندىمۇ ئادرىيان زېنزغا ئوخشاش قاراشتا. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە شى جىنپىڭ لايىھەلەپ چىققان يېڭى بىخەتەرلىك ئەندىزىسى بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭدا غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ ئۇزىرىپ كېتىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن بولغان دۈشمەنلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئىچكى مۇقىملىقنىڭ بەكمۇ مۇھىم بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن بولغان رۇسىيەنىڭمۇ غەرب دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە بۆسۈلۈش ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتە مۇقىم بولۇشى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم كاپالەت بولسا دەل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىم بولۇشى ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ھېسابلىنىدۇ.ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ رايوندىن، بولۇپمۇ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيەنى نۇقتا قىلغان خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق رامكىسى ئۈزۈل-كېسىل خاراب بولدى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھازىر  ھەمكارلىقتىن كۆرە دۈشمەنلىك بەكرەك ئەۋج ئېلىشقا يۈزلەندى. بۇ ھال رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېڭىچە شەكىل ئېلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىشكە باشلىدى. بۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن شىنجاڭ رايونىنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە باشقا ساھەلىرى ئۈچۈن بىردەك ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ئامىل بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ئەجەبلىنىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق.»

پىروفېسسور شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى شۇنچە قاتتىق كونتروللۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتتە ما شىڭرۈينىڭ داۋاملىق ھالدا «مۇقىملىق نۆۋەتتىكى باش ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى» دەپ جاكارلىشى تاسادىپىي ئەھۋال ئەمەس. ئۇلارنىڭ «مەخپىيەتلىكنى ساقلاش» ۋە «مۇقىملىقنى ساقلاش» نى باراۋەر ئىجرا قىلىنىدىغان باش ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىشى ئاز دېگەندىمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ھازىرقى مەۋجۇت سىياسەتلەرنىڭ ئۆزگەرتىلمەستىن ئىجرا بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولسا تەبىئىي ھالدا يەنىلا ئۇيغۇرلار بولىدۇ.ئۇ مۇنداق دېدى:

«كەلگۈسىدىكى بىرنەچچە يىلدا نېمە بولىدۇ، دېسىڭىز ئۇ ھالدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار تۈرلۈك تەقىبلەرگە ۋە بېسىملارغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى كونتروللۇق ھەرگىزمۇ بوشاپ قالمايدۇ. دۆلەت تېررورلۇقى ئەۋج ئالغان بۇنداق شارائىتتا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بىز كۆرگەن نەچچە مىليون كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىدەك قاباھەتلىك ھايات ئەندىزىسى ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇيغۇرلار ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشىنىڭ داۋام قىلىشىغا ھېچقانداق گۇمان كەتمەيدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان دۈشمەنلىكى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇر دىيارىنى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى مەركەز قىلغان ھالدا غەربكە قاراپ كېڭىيىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. شۇ قاتاردا ئۇلار يېقىنقى كۈنلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تۈرلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر قاتار زىيارەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن ما شىڭرۈينىڭ «مۇقىملىقنى باش ۋەزىپە قىلىش، مۇقىملىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇش لازىم. شۇندىلا ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىشتەك باش نىشاننىڭ تۈپ ئۇلىنى بەرپا قىلغان بولىمىز» دېگەن سۆزلىرى بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە باش سەھىپىدىن ئورۇن ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.