ئۇيغۇر دىيارىدا نېمە ئۈچۈن نامراتلار تۈگىمەيدۇ؟
2023.03.09

خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا «نامراتلىقنى تۈگىتىش» شوئارىنى توۋلاپ كېلىشى، يەر-ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى بىلەن پۈتكۈل خىتاينى تەمىنلەۋاتقان بۇ مۇنبەت زېمىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ئەھۋالىغا قارىتا سوئال پەيدا قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ 2022-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ 12.1 پىرسەنت ئاشقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە رايوندىكى نامراتلار سانىننىڭ 2021-يىلدىكى 950 مىڭدىن، 2022-يىلى 250 مىڭغا چۇشكەنلىكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 14 مىڭ 951 يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رايونننىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىغا بىۋاستە ئاجراتقان مەبلىغىنىڭ 59 پىرسەنتنى ئىگىلەپ، بىر مىليون 870 مىڭ ئەمگەك كۈچىنىڭ رايوندىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئىقتىسادنىڭ ئۆرلىگەنلىكى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە يىللاردىن بۇيان دائىرىلەر تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «بايلىقى مول» ئۇيغۇر رايونىدا «نامراتلىقنى تۈگىتىش» شوئارىنىڭ داۋاملىق تەكىتلىنىشى، دىققەت قوزغىماقتا.
ئامېرىكادىكى ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلىۋاتقان بۇ مەلۇماتلارغا پۈتۈن دۇنيانىڭ شۈبھە بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا داۋاملاشقان 3 يىللىق كورۇنا يۇقۇمى قامالى 2022-يىلى ئەڭ قاتتىق ۋاستىلار بىلەن يولغا قويۇلغان. بۇ سەۋەبتىن 2022-يىلى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت پائالىيەتلىرى ۋە ئىستېمال بازىرى توختىغان. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلار رىئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان كۆپتۈرۈلگەن دوكلات دېيىشكە بولىدىكەن.
نيو-يوركتىكى خىتاي ئىقتىسادىنى كۆزەتكۈچى ئانالىزچى جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، 2022-يىلى خىتايدىمۇ ئىقتىسادتا ئېغىر چېكىنىش بولغان. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئاشۇرۇۋېتىلگەن ئەھۋال ئېغىر ئىكەن.
ئۇ، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېنىرگىيە جەھەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىپ قالغان. بۇ سەۋەپتىن 2022-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا سالغان مەبلەغ سېلىنمىسىمۇ بىرقەدەر جىق بولغان ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 3 چوڭ ئەھۋال خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇلار خىتايدىكى يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامالى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى. ئەلۋەتتە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتتى. ھالبۇكى، خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامالى بولسا، پۈتكۈل خىتايدىكى مۇلازىمەت ساھەسىگە قاتتىق زەربە بولدى. ئەمما ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ئېنىرگىيە باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى. بۇ ئەھۋال خىتايدىكى ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغان شىنجاڭ رايونىغا ئىقتىسادىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى، دېسەك بولىدۇ. چۈنكى بۇلتۇر خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى بەك تۆۋەن بولدى. شەرقتىكى دېڭىز بويلىرى رايونلىرىدىمۇ ئىقتىسادىي كىرىزىس ئېغىر بولدى. ئەمما ئېنىرگىيە بايلىقلىرى بار ئۆلكىلەرنىڭ ئەھۋالى بىراز ياخشى بولدى. مەن كۆرگەن مەلۇماتلاردىمۇ ئىچكىي موڭغۇل، سەنشى، نىڭشا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى يۇقۇرى ئىكەن.»
ئىستانبۇلدىكى ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىسلام ئىقتىسادشۇناسى، دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندىمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە بىۋاستە باغلىق بولۇپ، پۈتكۈل خىتاينى يەر-ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار ھەر ۋاقىت نامرات ھالەتتە قالدۇرۇلماقتا ئىكەن.
ئۇنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى توختىماي ئېچىشى پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتايلارنى باي قىلغان، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۇ يىللاردا يەرلىرى تارتىۋېلىنىش، لاگېرلارغا قامىلىش ۋە خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇش قىسمىتىگە دۇچار بولغان.
قەيسەر مىجىت ئەپەندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان نامراتلىق ئۆلچىمى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ نامراتلىق ئۆلچىمىنى سېلىشتۇرۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتايدا ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغان يوقسۇللارغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئايلىق كىرىمى 1000 يۈەنگە يەتمەيدىغان ئۇيغۇرلار كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت بويىچە خىتايدىكى ئەڭ نامرات كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇلىشىدا ئېنىق سىياسىي مەقسەت يوشۇرۇنغان ئىكەن.
قەيسەر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە يوقسۇللارغا ئايلاندۇرۇش، يەنى نامرات ۋە مۇھتاج ھالەتتە قالدۇرۇش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە تولۇق كونترول قىلىشنى كۆزلەيدىكەن.