تونۇر نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە خاس ۋە ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇپ قالماستىن نان ئىشلەپچىقىرىشنى كەسىپ قىلغان ناۋايچىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مىللىي خاسلىققا ئىگە خاس مۇقىم ۋە تايانچ كەسپىي ئىگىلىكىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ داستىخىنى ناندىن ئايرىلالمىغاندەك ھەر ئۇيغۇر مەھەللىسىدىمۇ چوقۇم ناۋايخانىلار بولىدۇ.
¡¡خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا باشلىغان مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەش جەريانىدا، كەسپىي ناۋايخانىلارنىڭمۇ پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغانلىقى مەلۇم ئىدى. ئارقىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ھەرقايسى جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۆلەملەشتۈرۈش، تونۇر ۋە ناننى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى ماتورغا ئايلاندۇرۇش» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىمۇ مەيدانغا كەلگەنىدى.
خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى نانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات خەۋەرلىرىدىن مەلۇمكى، 2018-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئاشلىق كەسپى جەمئىيىتى» ۋە «شىنجاڭ ئاشلىق-ياغ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش پونكىتى» «نان(قوتۇرماچ) غا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ۋە ئۇنىنىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمى» نى ئېلان قىلىپ، ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى يەرلىك تونۇرلارنى چېقىپ تاشلاپ، ئورنىغا چوڭ كۆلەملىك توكلۇق تونۇرلار بىلەن كەسىپلەشكەن نان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئۆلچىمىنى ئورنىتىپ، نانچىلىق كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈشكە باشلىغان.
نۆۋەتتە ناۋايلىق كەسپىنىڭمۇ پۈتۈنلەي خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
25-ئۆكتەبىر «شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا «شىنجاڭ نانچىلىق كەسپى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 200 خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر نانلىرى «شىنجاڭ نېنى» نامىدا يەرمەنكىدە مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر نان مەھسۇلاتلىرىدىن زور مىقداردا زاكاز ئېلىنغان.
زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، ئۆلچەملەشكەن مەھسۇلات سۈپىتى دېگەندەك خىتاينىڭ ئۆلچەم ئەندىزىلىرى بىلەن بىردىنلا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن ئەنئەنىۋى ناۋايچىلىق كەسپىنىڭ ئاتالمىش تەرەققىياتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا بىر ئەنئەنىۋى كەسىپ ۋە مىللىي ئىگىلىكىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېلىپ كەلگەن.
قەشقەردە ئاتا-كەسپىي بويىچە 40 يىلدىن ئارتۇق ئەنئەنىۋى ناۋايلىق بىلەن شۇغۇللانغان، -2016يىلى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇنبۇرنۇ نۇرىپاشا مەھەللىسىدە ناۋايخانا ئېچىپ، كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، نانلىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ناۋاي ئۇستام مۇھەممەت ئىمىن ئالدىراش نان يېقىۋاتقان ئىش ئۈستىدە بولسىمۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئاتا كەسپىنى ۋەتىنىنى ۋە بىساتىنى تاشلاپ كېتىشكە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناۋايلارغا قاراتمىلىق يۈرگۈزگەن چەكلىمە ۋە تەھدىتلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان يۇرتىدا قالغان قالغان، ناۋايچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئاكا-ئىنىلىرىدىنمۇ خەۋەر ئالالمايۋاتقانىكەن.
مۇھەممەت ئۇستام، ناۋايچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى ئامما تېخى تاتلىق ئۇيقۇدا ياتقاندا، ئەڭ ئاۋۋال ئويغىنىدىغان تىرىشچان، دىيانەتلىك، ئىنساپلىق كەسىپ ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئۆزىنىڭ كەسپىنى خۇددى ناندەك مۇقەددەس بىلگەچكە ھېچقاچان ھايانكەشلىك قىلىپ پۇل تېپىشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى، ناۋايلىق كەسپىنىڭمۇ پاكىزلىق ۋە ئۆلچەم ھەمدە كەسپىي ئەخلاقى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ يەنە ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار ئەڭ ھالال كەسىپ دەپ بىلىپ ئۆزىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ساقلاپ كەلگەن ئاتا كەسپىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ناۋايلىق كەسپىدە قوللىنىپ كەلگەن تونۇر، ئەسۋابلار ۋە باشقا ماتېرىياللارنىڭمۇ ئاستا ئاستا ئىستېمالدىن قېلىپ يوقاپ كېتىشىدىن ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنىڭمۇ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تارىخ ۋە تىل تەتقىقاتچىسى دوكتور ېقاھار بارات، ناندىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئاساسلىق يېمەكلىكى كەسپى-ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كونرول قىلىنىپ، كارخانىلاشتۇرۇلۇشىىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ شەخسىي ناۋايچىلىق كەسپىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ: «نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىلا خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بىر ئەمەسلىكىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى» دەيدۇ.
قاھار ئەپەندى، «ئۇيغۇر يەرلىك مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نان مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى دەپ چۈشىنىش كېرەك» دەپ يەكۈنلىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر نېنى كارخانىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك تونۇرلارنى چېقىپ تاشلاپ، نۆۋەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە، مەخسۇس تۈرلۈك يېمەكلىك نانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، سانائەتلەشكەن نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى رايونىدىن 63ئى قۇرغان. نانچىلىق كارخانىسى 510دىن، نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى 460تىن ئاشقان. پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ھازىر مەزكۇر نان كارخانىلىرىدا كۈنىگە تەخمىنەن 1658 توننا نان ئىشلەپچىقارماقتا ئىكەن.
«تونۇردا پىشمىغان ناننى نان دېگىلى بولمايدۇ» دەپ كېسىپ ئېيتقان قاھار ئەپەندى يەنە، نان يېقىش تونۇردىن زاۋۇتقا يۆتكەلگەندە بۇنىڭ ئەسلى ئەنئەنىۋى نان پۇشۇرۇش كەسپىنىڭ يوقىلىشى بىلەن تەڭ بىر مەدەنىيەت ۋە سەنئەتمۇ ۋەيران قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
قاھار ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىران ۋە زاغۇنلۇق قەدىمىي يادىكارلىق ئىزلىرىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى بۇغداي ۋە بۇغداي ئۈنىدىن ياسىغان نانلار بار بولۇپ، بۇلار تارىختىن خىتايلار بىلەن بۇغداي يەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن ئىككى خىل ئىقلىمدىكى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىدىكى خەلقلەر ئىكەنلىكىنىڭ تارىخىي پاكىتى ئىكەن، ئۇ، شۇڭىمۇ ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» گەۋدىسىنىڭ بىرقسىمى، يەنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىمەن دەۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كىملىكى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن ناۋايچىلىقنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەر بىر شەھەرگە قۇرۇلغان نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى بولسا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان جايلارغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى، نانچىلىق كەسپىنىڭ كىچىك تىپتىكى يەككە كەسىپتىن ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدىغان مۇقىم كەسىپكە ئايلاندۇرۇلغانلىقى، جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. ھالبۇكى ناۋايلارنىڭ دۇكانلىرى تاقىلىپ، كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن باشقا، كارخانىلاشتۇرۇلغان خىتاي نان ئىشلەپچىقىرىشپ سېخلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.