خىتاينىڭ «نىكاھ-توي ئىسلاھاتى» ئۇيغۇرلارغا قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ؟
2023.04.24
خىتاي «خەلق تورى» دا 20-ئاپرىل ئېلان قىلىنغان «نىكاھ-توي ئىسلاھاتىغا نەزەر» ناملىق ماقالە، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا كەڭ تارقىتىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستېرلىقى 2020-يىلى «نىكاھ ئىسلاھاتى تەجرىبە نۇقتىلىرى» ناملىق ھۆججەت تارقاتقان. ھۆججەتتە «خىتايدا نىكاھ-توي مۇراسىمىدا تويلۇقنى ئازايتىش، توي مۇراسىملىرىنى ئاددىلاشتۇرۇش، مۇراسىم-قائىدىلەرنى ئىسلاھ قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلار تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە مەزكۇر ھۆججەتتىكى قارار-بەلگىلىمىلەرنىڭ 2021-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، پۈتكۈل خىتاي بويىچە 32 ئورۇندا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇنداقتا، خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستېرلىقى تارقاتقان «نىكاھ-توي ئىسلاھاتى» ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانداق شەكىلدە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ؟
بۇ ھەقتە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابا رايونى خىتايدىكى 32 «نىكاھ ئىسلاھاتى سىناق ئورنى» نىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ «نىكاھ-توي ئىسلاھاتى» نىڭ ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابا رايونىدا 2021-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ دەسلەپكى باسقۇچتا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە دەرس بەرگەن، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېھرىئاي مەمتېلى خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «نىكاھ-توي ئىسلاھاتى» نى ھۆججەتلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشى، بولۇپمۇ ئۇنى ئۇيغۇر رايونىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشى، دىنىي-ئېتىقاد، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە خىتايلاردىن تۈپتىن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللىي، دىنىي ۋە بارلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغان 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ «نىكاھ-توي، نەزىر-چىراق پائالىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، مۇراسىملاردىكى بەزى دىنىي ھالقىلارنى ئىسلاھ قىلىش» دېگەن ناملاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا چېتىلىدىغان دىنىي ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇدۇملىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. خىتاي تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئاتالمىش «نىكاھ-توي مۇراسىملىرىنى ئىسلاھ قىلىش» بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە نىكاھ توي مۇراسىملىرىنى ئاددىي ئۆتكۈزۈش تەشۋىق قىلىنغان. 2000-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ياشلارنى يېڭىچە شەكىلدىكى كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە تەشەببۇس قىلىىنغان؛ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشى تەشەببۇس قىلىنىدىغان تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن.
2017-يىلى2-ئاينىڭ 21-كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا «ئاينۇرگۈل بىلەن تيەن چاڭشىڭ (قەيسەرجان)نىڭ نىكاھ تويىغا مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان توي مۇراسىمى ھەققىدىكى بىر سۈرەتلىك خەۋەر ئېلان قىلىنغان. شۇندىن كېيىن خىتاي ئەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن قىلغان تويلىرى ھەققىدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى سۈرەتلىك خەۋىرىدە، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى چېچەك بايرىمى مەزگىلىدە 8 جۈپ قىز-يىگىتنىڭ خىتايچە كىيىنىپ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يېڭىچە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ياشلار ئارىسىدا خىتايلار بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.
بىز خىتاينىڭ ئاتالمىش «نىكاھ-توي ئىسلاھاتى» بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلق ئىشلار ئىدارىلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلارنىڭ تېلېفونلىرى ئېلىنمىدى
قەشقەردىكى مەلۇم ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار توى قىلسا ھېچقانداق چەكلىمە يوقلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇنى «نىكاھ ئەركىنلىكى» دەپ ئاتىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ھازىر خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار تويلىشىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ. ھازىر بۇنىڭغا يول قويۇلىدۇ. چۈنكى 21-ئەسىرگە كىردۇق. ھازىر بۇ جەھەتتە ئەركىن قويۇۋېتىلدى. شۇنداققۇ؟»
ئۇ بىزنىڭ «قەشقەردە خىتايلار بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇرلار كۆپمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھازىر ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇپ كەتتى. 56 مىللەتنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك. نىكاھلىنىش-تويلىشىش ئەركىنلىكى بولغاچقا، ھەممەيلەن ئۆزى خالىغىنى بىلەن توي قىلسا بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتايلار بىلەن تويلىشىش تەشەببۇسى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش دولقۇنى مەزگىلىدە ئەۋجىگە چىققان. خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن نىكاھلىنىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلىشنىڭ تەشۋىقات ۋاستىسىغا ئايلانغان. يەنى بۇ خىل تەشۋىقاتلاردا، ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن تويلاشقان خىتايلارغا 50 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى، بىكارلىق ئۆي، بىكارلىق يەر ۋە پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇپ بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ بارلىقى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ئىدى.
كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە يازغۇچى شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نىكاھ-توي ئىسلاھاتى» نامىدا خىتايلارنى ئۇيغۇرلار بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشلا مەقسەت قىلىنمىغان، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق خىتايلارنى ئۇيغۇرلار بىلەن تويلىشىشقا تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىنتايىن رەزىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە.»
ئۇيغۇرلار خىتاي بويىچە باشقا دىندىكى مىللەتلەر، بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان خەلق ئىدى. خىتاي كوممۇنىسىت ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغان 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىشى خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ تۆۋەن نىسبەتتە، ھەتتا 1 پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ھەر خىل ئۇسۇل-ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى سىياسەت خاراكتېرلىق تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.
تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «نىكاھ-توي ئىسلاھاتى» نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا تويلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.