چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك يەرلىك ساقچى تارماقلىرىنىڭ گۇمانلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەللەردىمۇ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە گۇمانلىق بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغان بولۇپ، نامسىز تارقىتىلغان بۇ ئاۋازلىق ھۆججەتتە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەلچىخانىلارغا كۆپرەك بېرىۋاتقانلىقى ۋە خىتايغا ئىشلەشكە زورلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئاۋازلىق ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىغا رەسمىيەت بېجىرىشكە بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى «جاسۇسلار» ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە زورلىغان. خىتاي جاسۇسلىرى بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالغان، سودا سارايلار، ياتاقلار ۋە مەكتەپلەردە تىنتىپ رەسىمگە ئالغان.
بۇ ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارغان ئوقۇغۇچىلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم. ئوقۇغۇچىلارمۇ باشقىلارنىڭ تۆھمەت قىلىشىدىن ئەنسىرەپ خىتاي پاسپورتىنىڭ تېشىغا مۇقاۋا چاپلىۋالغان. بىز بۇنىڭ زادى قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ جاۋاب ئالالمىدۇق. تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى گازى، ھاجەتتەپە ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزچە، ئەنقەرەدە «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» دېگەن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى خىتاي ئەلچىخانىسىغا پائالىيەت ئۈچۈن بارغاندىن باشقا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىيەت بولمىسا بارمايدىغانلىقى، شۇڭا ئۇنداق جاسۇسلۇققا زورلانغان ئەھۋالغا ئۇچرىمىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەنقەرەدە ئوقۇيدىغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئوقۇغۇچى بۇ ھەقتە توختالدى.
خىتاي ئەلچىخانىسى رەسمىيەت ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئاخبارات ئېلىش مۇمكىنمۇ، مۇمكىن بولسا قانداق ئاخباراتلار ئېلىنىشى مۇمكىن دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي داۋا ئىشلىرىدىن ئۇزاق ياشايدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئاخبارات توپلىشىنىڭ ھېچ بىر زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق ئاساسسىز ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ تارقىلىپ يۈرۈشىنى خىتاينىڭ «پسىخىك ھۇجۇمى» نىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭچە بۇنداق ئىشلار تارىختىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان بۇنداق ئورۇنسىز ئەندىشە ۋە گۇمانخورلۇقنىڭ يەنە سەۋەبى بولسا تۈركىيەدە «جاسۇس» دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ جازالانماي ئەركىن ئازادە پائالىيەت قىلىشى ئىكەن. ئۇنىڭچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ چارىسىنى قىلىشى كېرەك ئىكەن، بولمىسا ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدىكەن.
ئامېرىكادا ياشايدىغان ئوقۇتقۇچى زېمىنجان، جەمئىيەتتە بۇنداق بىر گۇمانخورلۇقنىڭ تارقىلىپ يۈرۈشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلگەن ئۆزى سەۋەبلىك يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىغا خەۋپ يېتىپ قېلىشىدىن قورقۇشنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا خىتاينىڭ پسىخىك ھۇجۇمى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم، بىلىمسىزلىك ۋە ئىشەنچنىڭ كەمچىللىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان مۇنداق گۇمانخورلۇق تۈرلۈك بىھۇدە زىددىيەت، توقۇنۇش ۋە ھەتتا بۆلۈنۈشلەرگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00