خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىس ئۇيغۇرلار يولۇقىۋاتقان پاجىئەلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
2023.01.26
23-يانۋار گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتى «پاراكەندە ئەجدەرھا» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ھەر ساھە كىرىزىسلارنى ئەتراپلىق شەرھىيىلىگەن ئىدى. 24-يانۋار «فرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى «خىتاي كەلگۈسىدە يېڭىدىن ئېچىۋېتىلەمدۇ ياكى دۆلەت قايتىدىن قۇلۇپلىنامدۇ؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي يولۇقىۋاتقان بۇ ئاپەتلەرنىڭ خەتىرى ھەققىدە توختالغان. 24-يانۋار «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىمۇ «كىشىلەر قايتىدىن روناق تاپالمايدىغان خىتاي» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ خۇسۇستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنى شەرھىيىلەپ ئۆتكەن.
ماقالىلەردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە تېزدىن ھەل قىلالىشى قىيىن بولغان بىر قىسىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەرگە دۇچ كەلمەكتىكەن. بۇنىڭ بىرى، ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغان كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، خىتاينىڭ 3 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى بىردىنلا ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسى بولغان. نەتىجىدە ۋىرۇس شىددەت بىلەن يامراپ، ئۆلۈم-يېتىم كۆپەيگەن، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان قارشىلىق ئىدىيەلىرى ئەۋىج ئېلىشقا باشلىغان. «پاراكەندە ئەجدەرھا» ناملىق ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىدۇ: «ۋىرۇس ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىس دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتايغا سۈركەلمەي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن، ئاز دېگەندە 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئوت ئاپىتى، پۈتۈن خىتاينى بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرگە ھۆكۈمەتنىڭ ۋىرۇس سىياسىتىنىڭ سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىدەك چۈشەنچىگە كەلتۈردى.»
ئىككىنچىسى، خىتاي ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ 20-30 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ گۇمران بولۇشى، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشى ۋە نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ ئىشسىز قېلىش مەسىلىسى بولغان. خىتاي ئىقتىسادى ئۆتكەن بىر يىلدا ھۆكۈمەت پىلانلىغاندەك 5 پىرسەنت ئەمەس، بەلكى ئاران 3 پىرسەنت يۈكسەلگەن. بۇ ھال ھەم كارخانىچىلارنىڭ، ھەم ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېغىر ۋەزىيەتتە قالدۇرغان. خىتاي ئىقتىسادىغا جان بېغىشلاۋاتقان ئېكىسپورت ساھەسىمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن تىزدىن قۇتۇلدۇرۇش قولىدىن كەلمەيدىكەن.
ئۈچىنچىسى، خىتايدا نوپۇسنىڭ قېرىشى ۋە تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بولغان. بۇ تېمىغا دائىر قاراشلاردا ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 850 مىڭ ئادەم كام تۇغۇلغان. بۇ يۈزلىنىش يەنە داۋاملىشىدىكەن. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى تورمۇزلاش قولىدىن كەلمەيدىكەن. نەتىجىدە يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدا قولاي ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئەمگەك كۈچى كىرىزىسى پەيدا بولىدىكەن. بۇ خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور توسالغۇ يارىتىدىكەن. «كىشىلەر قايتىدىن روناق تاپالمايدىغان خىتاي» ناملىق ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىقتىن كېيىن، خىتاي تۇنجى قېتىم نوپۇس چۆكىدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى بۇ تىراگېدىيەلىك ئۆزگىرىش خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە مىسلىسىز ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، بۇنىڭ تەسىرى دۇنيا مىقياسىغا قەدەر يامرايدۇ.»
تۆتىنچىسى، 3 يىل داۋاملاشقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ، دۇنيادىن خېلىلا ئايرىلىپ قالغانلىقى بولغان. شى جىنپىڭ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە G20 يىغىنى ئۈچۈن ھىندونېزىيەلەرگە بارغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ دۇنيانىڭ خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەلىرىدە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرگەن. تەرەققىي قىلغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خىتايغا ئىلگىرىكىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلمايدىغان بولۇپ قالغان. گەرچە خىتاي يېقىندىن بۇيان دېپلوماتىيە ساھەسىدە تەلەپپۇزىنى يۇمشىتىپ خەلقئارا سەھنەلەردىكى رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، شى جىنپىڭغا كۈلۈپ قارايدىغانلاردىن پەقەت مۇسۇلمان دۆلەتلىرىلا قالغان. «خىتاي كەلگۈسىدە يېڭىدىن ئېچىۋېتىلەمدۇ ياكى دۆلەت قايتىدىن قۇلۇپلىنامدۇ؟» ناملىق ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «تاشقىي دۇنيا جۇڭنەنخەينىڭ ھەقىقىي سىرىنى بىلمەيدۇ. ئۆتكەن يىلى خىتايدىكى بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە نارازىلىق ھەرىكەت دولقۇنلىرى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇنداق كېتىۋېرىشنىڭ غايەت زور خەتىرىنى ناھايىتى ئاسانلا چۈشىنىپ يەتتى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەلقئارا سەھنەگە قايتىشقا ئىنتىلگەندە بولسا، خىتاي بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان جىددىيلەشكەن بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ئىدى.»
شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئېغىر كىرىزىسلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن؟
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان نوپۇس كىرىسىنىڭ كەلگۈسىدە خىتاي ئۈچۈن ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنىن تىلغا ئېلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مۇتەخەسسىسلەر ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىلا خىتايدىكى نوپۇسنىڭ كەلگۈسىدە تېز سۈرئەتتە كېمىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ۋە شۇنداق بولغان تەقدىردە، بۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا ھەم تەرەققىياتىغا زور توسالغۇلار ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى. مانا ھازىر خىتاينىڭ نوپۇسىنىڭ چۆكۈشكە باشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋېتىپتۇ. نوپۇس ئەسلىدە تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە تەرەققىي قىلىدىغان بىر نەرسە. ئەمما خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنى ئاچارچىلىقتىن ساقلاش ئۈچۈن، 80-يىللاردىن باشلاپ نوپۇسنى تىزگىنلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. ھازىر نوپۇسنىڭ كېمىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 3 پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، نوپۇس كۆپىيىش ئەمەس، بەلكى قېرىش ۋە كېمىيىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئەمگەك كۈچى بولمىغان دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلالمايدىغانلىقى، دۇنيادا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئايلىنالمايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى بىر مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇبادا خىتاي ئىقتىسادى چۆكۈپ، ھاكىمىيەت غۇلايدىغان بىر كۈنلەر كەلسە، بەلكى ئۇيغۇرلار قۇتۇلۇش يوللىرىغا ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ھازىر غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ خىتايغا قارشى بىر سەپتە تۇرۇشى خىتاينىڭ يېمىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.»
شىۋېتسىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ يوقىلىشىغا باغلىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «خىتاي بىر تەرەپتىن، ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان خىتايدىكى ئىشسىزلارنىڭ قارشىلىقلىرىنى، كورونا ۋابىسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرىۋاتقان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چۆكۈشىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارادا بارغانسېرى يېتىم قېلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ خەلقىدىن يوشۇرىۋاتىدۇ. خۇددى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى پۈتۈن دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقاندەك. ئەمما ھازىرقى رېياللىق خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يوقىلىشىغا باغلىق بىر مەسىلە. بىز پات ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى يوقۇلىدۇ دىيەلمىسەكمۇ، خىتايدىكى كۈچلۈك زىددىيەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىر ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارىيالايمىز.»