قىرغىنچىلىقنىڭ تەبىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسى داۋاملىق مۇھاكىمە تېمىسى بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.08.24
mejburiy-emgek-maska-tikish.jpg ئىشچىلار ئۈرۈمچىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىدا قوغداش كىيىمى تىكىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 27-يانۋار، ئۈرۈمچى.
REUTERS

‍ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولغان كۆپلىگەن ئىسپاتلار تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغاندىن بۇيان بۇلارنىڭ يالغۇز لاگېرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىمۇ تەدرىجىي بىلىنىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن بۇ مەسىلە تېخىمۇ كۆپ ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

تاشقى دۇنيا دەسلەپ بۇ ھادىسىلەرنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تەبىرلىگەن بولسا كېيىنچە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ياكى «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» دېگەندەك ئاتالغۇلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

ئەنگلىيەدىكى نيۇ كاسىل (يېڭى قەلئە) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جوئاننا سىمس فىنلېي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا بۇ پاجىئەنى ئاشۇ خىل ئوخشىمىغان نامدا ئاتاشتەك ھادىسىنىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، تولۇق «قىرغىنچىلىق» شەكلىنى ئېلىپ بولغان بۇ پاجىئەلەر توغرىلىق ئۇنى ئۇدۇللا «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشتىن ئىككىلىنىش ئەمەلىيەتتە مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن. بولۇپمۇ بۇنىڭدىن 80 يىل ئىلگىرى بىر قېتىم كۆرۈلگەن زور قىرغىنچىلىقنىڭ كۆپ خىل شەكلى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى پاجىئەنى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغان دۇنيانىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئوخشاش قىسمەتنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن سۈپەتلىشى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار ئىكەن.

پروفېسسور جوئانناغا ئوخشاش پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ يەنە بىرى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «كاتو مەركىزى» نىڭ خادىمى چالسىي فوللېت (Chelsea Follett) خانىمدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى قوللانغان ۋاستىلاردىن مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تەدبىقلىنىشىنى روشەن بىر تۈرلۈك سېلىشتۇرما قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ۋاسىتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى تەبىرىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى.

«بۇ خىل سېلىشتۇرۇشىمىزدىكى سەۋەب شۇنىڭدىكى، بىز ھەرقاچان تارىخىي يوسۇندا ئاز ساندىكى مەلۇم بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ پەرزەنت سانى جەھەتتە باشقا بىر ئېتنىك گۇرۇپپىغا قارىغاندا ئاز نىسبەتتە كۆپىيىشىدەك بىر رېئاللىقنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ھەرقاچان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا مۇشۇ خىل قەبىھ ئۇسۇلنى قوللىنىشىدا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل مەۋجۇت: بىرى ھۆكۈمەت ‍ئۇيغۇرلارنىڭ سان جەھەتتىكى كۆپىيىشىنى زىنھار خالىمايدۇ. دەرۋەقە ئۇلار بۇنى ھەرگىزمۇ ئاشكارا سورۇنلاردا ئېيتىپ يۈرمەيدۇ؛ يەنە بىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى نامدا ئىلگىرىكى ‹پىلانلىق تۇغۇت› سىياسىتى بويىچە پەرزەنتلىك بولۇش سانىنى ئاشۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە كونا سىياسەت يەنىلا ئىجرا بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش ۋە تۇغماس قىلىۋېتىش كۆپ قوللىنىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بۇنى ‹‍ئاھالە سانىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى› دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئاقلاپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى سان جەھەتتىكى زورىيىشنى خالىمايدىغان ئېتنىك تۈركۈمنىڭ سانىنى ئازايتىشتا مۇشۇ خىل قەبىھلىكلەردىن پايدىلىنىپ ئۆز ئارزۇسىغا يېتىۋاتىدۇ.»

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادريان زېنز بولسا بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تولىمۇ ئۇستاتلىق قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى سوئاللىرىدىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن قىرغىنچىلىقنىڭ نۇرغۇن ھالقىلىرىنى يوشۇرۇن رەۋىشتە داۋام قىلدۇرغان. يەنە كېلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىدىكى چۇقانلىرىغا قارشى بىرمۇنچە «مۇداپىئە تېمى» سوقۇپ چىققان.

«ئەمدى خىتاي تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتساق ئۇلار ھازىر بىز بىلىدىغان ئاشكارا شەكىلدىكى ۋە ئۆلچەمدىكى ئۇسۇلدا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقىنى يوق. ئۇلار بۇ جەھەتتە دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن بىز دەۋاتقان قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى تاشقى دۇنيا ‹مانا بۇ ئاشكارا قىرغىنچىلىق ئەمەسمۇ؟› دەپ سوئال قويالمايدىغان دەرىجىدە ۋە يوسۇندا داۋام قىلىۋاتىدۇ. نېمىشقا دېگەندە ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەمەلىيەتتە قانۇنىي بىر ئاتالغۇ ئەمەس، ئەكسىچە بۇ بىر ئۇقۇم خاراكتېرلىك ئاتالغۇ، خالاس. شۇڭا بۇ ئاتالغۇدىكى قىلمىشقا قانۇنىي تەرتىپتە جازا بەرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا كونتروللۇقنى كۈچەيتىش، ئاھالىنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە ئۆزگەرتىش ھەمدە بۇ خەلقنى ھەق بېرىلمەيدىغان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەدۇر.»

چالسىي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەنى ئۇدۇللا «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش مەيلى ئۇنىڭ خاراكتېرى ياكى كۆلىمى نۇقتىسىدىن ئالغاندا پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ھادىسە ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولغان «ئۆلۈم جازاسى» ۋە «تۇغماسلىق ھالقىسى» نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئاھالىسىنىڭ نىسبىتىدە يوقنىڭ ئورنىدا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلىنىشى بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىسپات بولالايدىكەن.

«مېنىڭچە بۇ ئىشلارنى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشنىڭ ئۇنچە خاتا كېتىدىغان يېرى يوق. ئەمما بۇنى قىرغىنچىلىق دەپ ‍ئاتاشتا كىچىككىنە سوئال چۈشىدىغان بىر مەسىلە بار: خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر غايەت زور كۆلەمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش چارىلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل ئىيۇندىكى تەكشۈرۈشىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ جەھەتتە قانداق قۇربانلىق قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا تېببىي دورىلار ۋە ئۈسكۈنىلەرنى مەجبۇرلاش ئارقىلىق ‍ئوپېراتسىيە قىلماي تۇرۇپلا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىش ئارقىلىق نەچچە يۈزمىڭ بوۋاقنى كۆزدىن يوقاتقانلىقى دېگەنلەر ئاشكارا بولدى. ئەمدىلىكتە بولسا بىز ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىكى كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 24 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە دېسىڭىز 2018-يىلىدا خىتايدىكى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشتە ئىشلىتىلگەن پۈتۈن ت شەكىللىك ئۈزۈكنىڭ 80 پىرسەنتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا سېلىنغان. ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سانى خىتايدىكى ئاياللار سانىنىڭ ئىككى پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي تۈس ئالغان بۇ خىل نوپۇس كونتروللۇقى قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسنى ئازايتىشتەك ماھىيىتىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.»

دوكۇر ئادريان زېنزنىڭ پىكرىچە، دۇنيا ھازىر بارغانسېرى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا مايىل بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پاجىئە ھەققىدە يالغۇز ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاغزىغىلا قاراپ ئولتۇرۇش كۇپايە قىلمايدىكەن. بۇنىڭدا ھەر بىر ئىنساننىڭ بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتى بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي بىر شەكلى خىتايدىكى «قىرغىنچىلىق» ھادىسىسىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇتلاش ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بىر ئىش ئىكەن.

«بىز بۇ يەردە ئاساسلىقى ھۆكۈمەت كونترول قىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان لاگېرلاردا ‹مېڭە يۇيۇش› شەكلىدە باشلىنىپ بولغانلىقىنى، ئىككىنچى قەدەمدە بولسا بۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك باسقۇچىنى، ئاخىرىدا بولسا ئەۋلادلار ئارىسىدىكى ئۈزۈكچىلىكنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. بۇ يەردىكى ئەڭ چاتاق بىر مەسىلە ھازىر غەرب دۇنياسىدىكى بىزگە ئوخشاش ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا مۇشۇنداق بىر زور سۈيقەستىنڭ شېرىكلىرىگە ئايلىنىپ قېلىش ھادىسىسىدۇر. چۈنكى بىز خىتايدىكى تەمىنات زەنجىرلىرىدىن كېلىۋاتقان توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى ياكى باشقا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا تەبىئىي ھالدا مۇشۇ خىل ‹زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى› نىڭ شېرىكلىرى بولۇپ قالىمىز. بۇ مەھسۇلاتلار شىنجاڭدا ئىشلەنمىگەن ھالەتتىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچكىرىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئىشچىلىققا يوللىنىۋاتىدۇ. غەرب ئىستېمال بازىرىنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارغا قۇچاق ئېچىشى بولسا ماھىيەتتە بۇ قەبىھلىكنى مالىيە جەھەتتىن قوللىغانلىق بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش چۇقانلىرى بارغانسېرى يۇغۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇۋاتقان ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ سانىمۇ تېزدىن ئاشماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.