ئۇيغۇرلار بىلەن پاكىستان قەبىلىلىرىنىڭ كۈرەش غايىسى ئوخشامدۇ؟
2024.09.13
ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيەلىك دوستلۇق ئورناتقان ۋە كېيىنكى يىللاردا خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان پاكىستان داۋالغۇش ئىچىدىكى دۆلەت بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي كۈچلىرىنىڭ دائىم تېررورچىلار، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە توپىلاڭچىلارنىڭ جېدىلىنى بېسىقتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تەلىپى ۋە بېسىمى بارلىقى مەلۇم.
ھازىر پاكىستاندا ئىككى ئىسيانچىلار گۇرۇھى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى، جۈملىدىن «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» غا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرى، يەنە بىرى پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، شەرىئەت دۆلىتى قۇرۇشنى ياقلايدىغان پاكىستان قەبىلىلىرى رايونى توپىلاڭچىلىرىدىن ئىبارەت. بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرى خىتاي ئىشچىلىرىنى قەستلەش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مونوپوللۇقىغا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىللىق ۋە مەنپەئەت تەلەپ قىلسا، پاكىستان قەبىلىلىرى توپىلاڭچىلىرى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق قۇرغان پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇپ، تالىبانغا ئوخشاش شەرىئەت دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا ئىكەن.
يېقىندا، پاكىستاننىڭ «سودا ژۇرنىلى» تورىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ، بالۇچىستان ۋە پاكىستانغا قاراشلىق قەبىلىلەر رايونى» ناملىق بىر ئوبزوردا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرى ۋە پاكىستان قەبىلىلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىگە سېلىشتۇرۇلغان.
ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭ، بالۇچىستان ۋە پاكىستانغا قاراشلىق قەبىلىلەر رايونىدىكى توپىلاڭنىڭ تارىخى، مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشىمايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق بار. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا قايتۇرغان ئىنكاسىمۇ ئوخشىمايدۇ. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلار، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە توپىلاڭچىلارنى باستۇرۇشتىكى ئۇسۇلى، مەيلى ئۇ سىياسىي، دىنىي ھەرىكەت بولسۇن، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتى بولسۇن، ھەممىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىش؛ قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلالمىسا تېخىمۇ كۆپ قورال كۈچى ئىشلىتىش. خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇسۇلى بولسا ‹تەرەققىياتنى تېزلىتىش›».
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) بۇ ئوبزوردىكى قاراش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ ماقالىدە ئۇلار مۇنداق بىر نۇقتىنى، يەنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق رادىكال كۈچلەر ۋە باشقا مىللىي تەشكىلاتلارنى جىمىقتۇرغىلى بولىدۇ دېگەن نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئىشلارنىڭ ئۇنداق بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئورتاق كېلىشىم ئاساسىدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات تامامەن باشقا بىر ئىشتۇر. شىنجاڭنى ئالساق، خىتاي بىر ياقتىن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دېدى، بىر ياقتىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرنى قۇردى. شۇڭا شىنجاڭدىكى ئىشلار يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەرگە چۈشمەيدۇ».
بۇ ئوبزوردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى بىلەن «1949-يىلدىن بېرى بۆلگۈنچىلىك، پان ئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزم شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ كەلدى» دېيىلگەن ۋە 75 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوراللىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان.
تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى، بۇ ئوبزورنىڭ خىتاي مەپكۇرىسىنى چىقىش قىلغان ھالدا، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى سېلىشتۇرما قىلىش ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوبزوردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتە باستۇرۇش، ئىقتىسادىي تالان-تاراج ۋە مىللىي كەمسىتىشلەر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشىدىكى سەۋەبلەردۇر. توپىلاڭچىلار ئۆزلىرىنى ‹مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز› دېسىمۇ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش ئىدىيەسى تەرىپىدىن يېتەكلىنىدۇ. بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كۈرەش غايىسىدە دىنىي سەۋەبلەر كەمچىل، ئۇلار پەقەت ئىقتىسادىي تالان-تاراج، بولۇپمۇ تەبىئىي گاز، كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قولدىن كېتىشىگە قارشى تۇرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ۋە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ».
مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرى ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئوبزورچىنىڭ قارىشىچە، بالۇچىستان قوراللىق كۈچلىرىگە باققاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستانغا قاراشلىق قەبىلە رايونىدىكى ئىسيانچىلار بىلەن ئوخشاشلىقى كۆپ، بولۇپمۇ ‹مۇستەقىللىققا ئېرىشىشنىڭ دىنىي جەھەتتە پەرز›لىكىنى تونۇش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى غايە قىلىش جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تالىبانلارغا ئوخشاش مۇستەقىل شەرىئەت دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسى بار، بۇ ئىدىيە تالىبانلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.
پاكىستانغا قاراشلىق قەبىلە رايونى ھەققىدە ئىزدەنگەن دوكتور رايموند كو ئۇلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ رايون پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاپتونومىيەلىك رايون بولۇپ، ئۆز ئالدىغا قانۇن-نىزاملىرى بار، پاكىستان مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە تولۇق بويسۇنۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ رايوندىكى قەبىلىلەر خېلىلا مۇستەقىل ياشىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى كونترول قىلىش تەس. ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا، دائىم ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ».
مەمەت توختى ئاتاۋۇللانىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان مىللەت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىدە دىنىي ئامىلنىڭ بولۇشى نورمال. ئەمما ئۇلارنىڭ كۈرەش نىشانى بىلەن پاكىستانغا تەۋە قەبىلىلەرنىڭ كۈرەش نىشانى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى زالىم خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز تۇپرىقىدا ئۆ ھەقلىرىگە ئىگە بولۇش ۋە ئۆز ئەركىنلىكى بويىچە ياشاش غايىسىنى ئاساس قىلغان.