ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى توقۇنۇشلار ۋە «ئىككىنچى پەلەستىن» چۈشەنچىسى (1)

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلاردىن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەردە «رايون مىقياسىدىكى بۇ خىل يۈزلىنىش ئىككىنچى پەلەستىن ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئېچىشى مۇمكىن» دەيدىغان قاراشنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىمۇ دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ بېرىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان مىللىي، دىنىي ۋە ئىقىسادىي تەدبىرلىرى بارغانسېرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا ئاخباراتلاردىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرماقتا. سىياسىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان رايوندا تىنچلىق ۋەزىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەرقاچان ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت ھالىتى بىلەن بىۋاستە تونۇشلۇق بولغان ئانالىزچىلار ئىچىدە خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن ۋاڭ لىشيۇڭ دەسلەپ بولۇپ «ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ پەلەستىنلىشىشى» ھەققىدە پىكىر قىلغانلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ «مېنىڭ غەربىي يۇرتۇم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ» ناملىق ئەسىرىدە مەخسۇس بۇ ھەقتە توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ۋەقەلىكنى مىسال كەلتۈرىدۇ: بىرى، ھەر كۈنى كەچلىكى بەلگىلىمە بويىچە مەيداندىكى بايراق خادىسىدىن خىتاي دۆلەت بايرىقىنى چۈشۈرۈپ مەكتەپ ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ قويىدىغان يەتتە ياشلىق ئوقۇغۇچىنىڭ بايراقنى قاتلاپ بولغاندىن كېيىن يەرگە تاشلاپ بىر قېتىم دەسسىۋېتىشى؛ يەنە بىرى، ئۇيغۇرلار دىيارىغا بارغان خىتايلارغا كۆزلىرىدىن ئۆچمەنلىك ئوتلىرى چاقناپ تۇرغان بالىلارنىڭ ئارقىسىدىن تاش ئېتىپ قوغلىشى. ئاپتور بۇ ئەھۋاللارنى «بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتكەن مىللىي ئۆچمەنلىكنىڭ دەرىجىسى» دەپ شەرھىلىگەن ھەمدە بۇنى پەلەستىندىكى مالىمانچىلىق ۋەزىيىتىدە ئەكس ئەتكەن كەيپىيات بىلەن سېلىشتۇرغان.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رېئاللىقنىڭ مۇشۇ تەرىقىدە داۋام قىلسا ئوتتۇرا شەرقتە ئۆتكەن ئەسىردىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان «پەلەستىن مەسىلىسى» گە ئوخشاش خاراكتېرنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى، شۇنىڭدەك ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەيپىياتنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى ھەققىدە خىتاي يازغۇچىسى تاڭ دەنخۇڭ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېلليوت سپېرلىڭ بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ئىدى. تاڭ دەنخۇڭ خانىمنىڭ بۇ سوئالنى كېلىپ چىقىشى يەھۇدى بولغان ئېلليوت سپېرلىڭدىن سورىشى بىلەن ئۇ بۇ مەسىلىنى ئاددىيلا شەكىلدە ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىشنىڭ ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇنىڭچە، ئالدى بىلەن بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ ئۆزىگە يوشۇرۇنغان بەزى ماھىيەتلىك تەرەپلەرنى دىققەتتىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى بىر چوڭ تراگېدىيە. يەھۇدىلار ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھەققى بار. ئەمما تىبەت مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا زادىلا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار. بۇنىڭ بىرى، خىتاي تىبەتنى ئىشغال قىلىۋالمىسا، شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلىۋالمىسا ، خىتاي مىللىتى ھالاك بولۇپ كېتىدىغان ئىش يوق. لېكىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى بولسا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ياكى ھالاك بولۇشىغا بېرىپ تاقىشىدۇ. شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ‏- ئارا مۇرەسسە قىلىشى، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىدىن ئۆتكەن خاتالىقلارنى ئېتىراپ قىلىشى لازىم.

شۇڭا بۇ مەسىلىلەرنى سېلىشتۇرساق، ئۇلاردا ئوخشاپ كېتىدىغان جايلارمۇ بار، شۇڭا بۇ ئىشلار بەكمۇ مۇرەككەپ. بەزى غەرپلىكلەر "مەن تىبەتنى قوللايمەن" ياكى " مەن شەرقىي تۈركىستاننى قوللايمەن" دېيىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار، بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمە مەسىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىمۇ شۇنداق. بۇنىڭدىمۇ ئوخشاش بولمىغان قوللاشلار مەۋجۇت، ئەمما بۇ قوللاشلارنىڭ قايسىسىغىلا قارىماڭ، ئۇلاردا ھەرقاچان بىر ھىسسىي تۇيغۇنىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بۇ يەردە ئىنسانلار ھەمدە مەدەنىيەت ئامىللىرى دىققەتتىن ساقىت قىلىۋېتىلگەن، خالاس. بۇ يەردىكى مەسىلە نېمە دېگەندە، دۇنيانىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە مۇرەككەپلىككە تولغاندۇر. مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا دەرۋەقە يەھۇدىلارغا قارشى ئەنئەنە مەۋجۇت، ئەمما بۇ ھەممىلا ئادەم شۇنداق دېگەنلىك ئەمەس. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، شەخسەن مەن ئۆزۈم ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى سىياسەتلىرىنى توغرا دەپ قارىمايمەن. مېنىڭ نېتانياخۇ بىلەنمۇ خوشۇم يوق، لىكۇد پارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلمايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاق ھەمدە گازا رايونىدىكى مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى تۇرىمەن. شۇڭا ئىككى تەرەپنى ئۆز ‏- ئارا ئۇرۇشقىچە، مەسىلىنى مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلسىكەن، دەيمەن.»

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى دېگەندە ھەرقاچان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئىس-تۈتەككە تولغان جەڭ مەيدانى، پارتلاۋاتقان بومبىلار ھەمدە تېررورلۇققا چېتىشلىق مەنزىرىلەر كېلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغان ئېلليوت سپېرلىڭ ھەر بىر ھادىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئەقلىيلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، «تېررورلۇق» شەكلىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە چۈشكەن ھادىسىىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاددىيلا يوسۇندا بىر تاياقتا ھەيدەپ سەلبىي مۇئامىلىدە بولۇش ئادىللىق بولمايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

« ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىلدىكى مەسىلىلەردە بەكلا ئاددىي كاللا بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان. ھازىر فېيسبۇك ياكى تىۋېتتېرغا قارايدىغان بولساق، مۇشۇنداق ئاددىي قاراشلار تېزلا قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. شۇ قاتاردا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، تىبەت مەسىلىسى، شىنجاڭ مەسىلىسى قاتارلىقلارمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. ھازىر بەزىلەر" ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تېررورچى" دەۋاتىدۇ. بىرىنچىدىن، شىنجاڭدا تېررورلۇق بارمۇ، دېگەندە تېرورلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىم، ئەمما بۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەركىتىنى تېرورلۇق ھەركەت، دېگەنلىككە باراۋەر ئەمەس؛ ئىككىنچىدىن، بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تېرورلۇق ۋاستىلىرىنى تاللىۋالغانلىقى خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ توغرىلىقىغا باھانە بولالمايدۇ. مەسىلەن، پەلەستىنلىكلەرمۇ تېررورلۇق ۋاستىلىرىنى قوللانغان، ئەمما بۇنىڭ ئۆزى نېتانىياخۇ ياكى لىكۇد پارتىيەسىنىڭ قىلغانلىرى توغرا، دېگەنلىككە دەلىل بولالمايدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئالساق، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىدە نېتانياخۇغا ياكى لىكۇد پارتىيەسىگە قارشى كىشىلەر بار. ئۇلار ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نامايىش قىلسا بولىدۇ؛ ئىشغالىيەت سىياسىتىگە قارشى ھەربىيلەر غەربىي قىرغاققا ياكى گازا رايونىغا بېرىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلسا بولۇۋېرىدۇ. ئەمما خىتاي جەمئىيىتىدە مۇشۇنداق قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ھالبۇكى، سىز ھەرقانداق بىر غەربلىكتىن "پەلەستىنلىكلەر، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلاردىن كىمنىڭ ھالى ئەڭ ناچار؟ " دەپ سورىسىڭىز، شۈبھىسىزكى، ئۇلار " پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھالى ئەڭ ناچار" دەپ جاۋاب بېرىدۇ.»

پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭنىڭ قارىشىچە، مەيلى چەتئەلدە بولسۇن ياكى خىتاينىڭ ئۆزىدە بولسۇن، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا ئوخشاش مۇرەككەپ مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز بولغاندا كىشىلەردىكى ئاددىيغىنە ھۆكۈم چىقىرىش خاھىشى سەۋەبىدىن مەسىلىنىڭ ماھىيىتى، ئۇنىڭ كۆپ قىرلىق ئالاھىدىلىكى بىر ياققا قايرىلىپ قېلىپ، ئىككىلەمچى ئامىللار ئاساسىي تەرەپكە ئۆتۈپ قالىدىكەن. بۇ بولسا كىشىلەرنى تەپەككۈردىكى خاتالىققا باشلايدىغان بىر زور ئامىل ئىكەن. ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ:

«شۇڭا بۇ مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە بەكلا مۇرەككەپ ۋە كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، بىز مەسىلىنى بەكلا ئاددىي ئويلايمىز. 1967-يىلىدىن ئىلگىرى ئامېرىكىلىقلار ئىسرائىلىيە ياخشى، ئەرەبلەر ئەسكى، دەپ ئويلايتتى. ھازىر بولسا بۇ ئەھۋالنىڭ تەتۈرىسى شەكىللىنىۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئىنسانلار مانا مۇشۇ يوسۇندا مەسىلىگە ئاددىي قاراشقا ئادەتلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاسانلا ھۆكۈم چىقىرىۋېتىدۇ. خۇددى ئۆتكەندە بەزىلەر " ئېلليوت سپېرلىڭ قانداقىسىگە ھەر قېتىم خىتايغا بېرىشقا ۋىزا ئالالايدۇ؟ ئۇ جەزمەن خىتاينىڭ جاسۇسى!" دېگەن ئىدى. يەنە بەزىلەر " خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا (تىبەت ئۆكتىچى زىيالىي) ۋوسېرنى قولغا ئالمايدۇ؟ ئۇ جەزمەن كومپارتىيەنىڭ جاسۇسى!" دېگەن بولسا، يەنە بەزىلەر ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداقراق گەپلەرنى قىلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا مەن خىتايغا بېرىشتىن مەنئى قىلىندىم. مېنى خىتاينىڭ جاسۇسى، دېگەن شۇ ئىنسانلار ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيدىكىن؟»

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئىزچىل ھالدا دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كېلىۋاتقان، ئەمما ماھىيەتتە ئەمەلىي ئەھۋالى ئۇنىڭدىنمۇ ناچار بولغان ئۇيغۇرلار دىيارى ئېتىبارسىز قېلىۋاتقان ئەھۋالدا، يەنە بىر قىسىم قەلەم ساھىبلىرىنىڭ يازمىلىرى بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشتە مەلۇم ئىجابىي رول ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم.