ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى توقۇنۇشلار ۋە «ئىككىنچى پەلەستىن» چۈشەنچىسى (3)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يىلسېرى ئېغىرلىشىپ مېڭىشى بىلەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر رايون تەۋەسىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى بۇ جاينى «ئىككىنچى پەلەستىن» گە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلىشماقتا. بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ خىل قىياسنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ ئىزچىل دۇنيا ئاخباراتىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر مەنبەلىرى ھەققىدىكى سانسىزلىغان قاماللىرى سەۋەبلىك ماھىيەتتە ئەمەلىي ئەھۋالى ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ توقۇنۇش رايونىدىن نەچچە ھەسسە ناچار بولغان ئۇيغۇرلار دىيارى خەلقئارا جامائەت ئارىسىدا ئۇنچىلىك دىققەت قوزغىيالماي كەلمەكتە.

مۇشۇ سەۋەبلىك مەزكۇر رايوندىكى مەسىلىلەر كۆپلىگەن كىشىلەرگە «ئۇششاق-چۈشەك» ئىشلار قاتارىدا مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتى بىلەن ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت بىلەن تونۇشلۇق بولغان چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئۈچۈنمۇ يات بولمىغان ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىدىكى پامونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى درۇ گلادنېي بۇنىڭدىن ئون بەش يىل ئىلگىرىلا «شىنجاڭ خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ‹غەربىي قىرغاق› ئىمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى زۇلۇم، چەكلىمە ۋە مەبلەغ سېلىشتىن باشقىنى ئۇنتۇغان ھالدا شىنجاڭنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنسا، شۇنىڭدەك بۇ جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن تونۇپ يەتمىسە، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار يەكلىنىپ شىنجاڭ ئۇزۇنغا قالماي ئىككىنچى ‹غەربىي قىرغاق› (يەنى ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان پەلەستىن زېمىنى) قا ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەن ئىدى.

پروفېسسور درۇ گلادنېينىڭ قارىشىچە ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا تەكىتلىنىۋاتقان ئىسلام دىنى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «ئىككىنچى پەلەستىن» گە ئايلىنىپ قېلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىسلام دىنى ئوخشاش بولمىغان روللارنى ئوينىماقتا. بۇنىڭدىكى ئەڭ قىزىقارلىق بىر نۇقتا ھېچقاچان «ئەسەبىي» بولمىغان ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن باشلاپ باشقىچە خاراكتېرگە ئېگە بولۇپ قېلىشى ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەمما شىنجاڭدا ئەھۋال تامامەن باشقىچە. چۈنكى ھۆكۈمەت بۇ جايدا ئىسلامنى، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئاشكارا ئېتىقاد قىلىشنى بىر تۈرلۈك تەھدىت، دەپ ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى سىياسىي نۇقتىدىن ھەل قىلماقچى بولغانىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە جەزمەن ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزى بىلەن روبىرو بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. دەرۋەقە يەر شارى مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر ۋۇجۇدقا چىقىۋاتقان، مەسىلەن، ‹دائىش› (ئىسىس ئىسلام دۆلىتى) گە ئوخشاش تەشكىلاتلار ئىسلام نامىدا باش كۆتۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ۋەھىمە يېيىشكە باشلىدى.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەنمۇ يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان بىر ئىش بولدى. نېمىشقا دېسىڭىز ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئىزچىل ھالدا ‹تولىمۇ مۆتىدىل مۇسۇلمانلار› دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار سۇفىزىمنىڭ، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. يەنە كېلىپ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلار ھېچقاچان ئىسلام ئەسەبىيلىكى ياكى ئىسلام كونسېرۋاتىپلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ باقمىغان. ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھازىر ئۆزگىرىپ كېتىۋاتىدۇ. سىز ئېيتقاندەك بۇنىڭدىن ئون بەش يىللار ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەقتە بەزى قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ئۆزگەرمەستىن بىر خىلدا داۋام قىلىۋەرسە ھېچقانداق چىقىش يولى قالمىغانلىقىنى كۆرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بەلكىم ئەسەبىيلىككە مەھلىيا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دېيىشكەن. خۇددى مۇشۇ قىياستا ئېيتىلغاندەك ئىلگىرى ھېچقاچان بۇ رايوندىكى تېررورلۇق ھەققىدە سۆز قىلىپ باقمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىن بىردىنلا كىشىلەرنى تېررورلۇق مەسىلىسى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇشقا باشلىدى.»

پروفېسسور درۇ گلادنېي ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆلەم ۋە خاراكتېر جەھەتتىن خەلقئارادا بولۇۋاتقان «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر مۇشۇنى باھانە قىلىپ «بىخەتەرلىك» نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنى بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭمۇ «پەلەستىنلىشىش» تىكى بىر باسقۇچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر دەرۋەقە بىز بەزى ئېشىپ بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە شاھىت بولماقتىمىز. بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆلىمى بەكلا كىچىك، ئىشلەتكەن قوراللىرى بولسا ئاساسەن پالتا-پىچاق ياكى ئۆيىدە ياسىۋالغان بومبا دېگەندەك ئازغىنە نەرسىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بۇلار ھېچقاچان بىز ياۋروپادا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ياكى ھىندىستان، پاكىستاندا كۆرگەندەك زور كۆلەملىك ھەمدە ئۆزئارا ھەربىي جەھەتتىن ماسلاشقان ھۇجۇملار شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق.
ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى توختىماستىن ئۇيغۇرلاردىن كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتلىرى ھەققىدە ۋەز ئېيتىۋاتىدۇ. بۇ ھال بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقىي رېئاللىقنى، يەنى ئىلگىرى خەلق ئىچىدىكى نارازىلىق شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىلەر ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ مۇشۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر زور ‹چاتاق› قا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ. بولۇپمۇ كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ھەمدە تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى جىپ ماشىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن بۇ خىلدىكى يۈزلىنىش روشەنلىشىپ قالدى. مەندىن بۇ ئەھۋاللار توغرىلىق قانداق ئويلاۋاتىسىز، دەپ سورىسىڭىز، مەن شۇنى دەيمەنكى ئۇيغۇرلار ھازىر ماڭارغا يول تاپالماي قېلىۋاتىدۇ، ئۈمىدسىزلىك ئۇلارنى قاتتىق چىرمىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىلاجسىز تېررورلۇق يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولدى. ئەمما شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى چەتئەللەردىكى قانداقتۇر بىرەر تەشكىلاتنىڭ بۇيرۇقلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققىنى ياكى زور كۆلەملىك خەلق قارشىلىقى شەكلىدە پارتلىغىنى يوق. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەتتا شەخسىي ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، يەنە كېلىپ ئۇلار كەمدىن كەم خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلار ھۆكۈمەت بىناسى ياكى ساقچىخانىلار ھۇجۇم نىشانى بولغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ھەربىيلەشتۈرۈش› نى يولغا قويدى. بۇنى بەزىلەر ‹ساقچى دۆلىتى بىخەتەرلىكى› دەپمۇ ئاتاۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئوخشاش بولمىغان نامدىكى ھەرخىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى بۇ رايونغا كەلكۈندەك ئېقىپ كېلىشكە باشلىدى. توقۇنۇشلار توختاۋسىز شەكىلدە كۈچىيىۋاتقان رايون ئۈچۈن بۇ دەرۋەقە ھەيران قالارلىق ھادىسە ئەمەس.»
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور مايكىل كلارك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت ئەگەر مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلسا بۇ رايوننىڭ يېقىن كەلگۈسىدە «ئىككىنچى پەلەستىن» بولۇپ قېلىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭچە «ئىككىنچى پەلەستىن» نىڭ زاھىر بولۇشى ھازىرچە ئۇنچە روشەن بولمىغان بىلەن ئۇنىڭ ھامان شەكىللىنىشىنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن كۆرۈپ يېتىشكە بولىدىكەن. بىرىنچى، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹زۇلۇم، چەكلىمە ۋە مەبلەغ سېلىش› شەكلىدىكى ئىستراتېگىيىسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتايلار ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ يادرولۇق ئامىل ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي ۋە سىياسىي چېگرالار ھازىر بارغانسېرى خىرىسقا تولماقتا؛ ئىككىنچى، ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئوتتۇرىغا چىققان زورلۇق ھەرىكەتلىرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورچى كۈچلەر قوللانغان بەزى تاكتىكىلارنى قوللانغانلىقى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ؛ ئۈچىنچى، ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىنكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نىڭ دىپلوماتىيەلىك پايدىسىنى كۆزلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار «تىرىشچانلىقى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ توقۇنۇشى ھازىر خەلقئارالىشىشقا يۈز تۇتماقتا.

مايكىل كلارك خىتاي يولغا قويۇۋاتقان مىللىي سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىدىكى بىر سەۋەب بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھېچقاچان ئىشلىتىلىپ باقمىغان «تېررورلۇق» ئاتالغۇسىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن بىردىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى تېزدىن خەلقئاراغا مەلۇملۇق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە باغلاشقا ئۇرۇنۇش بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەزگىل ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ۋاقىت بىلەن پاراللېل چىقىدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ مەزگىللەردە شىنجاڭ رايونىدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قارىتىلغان ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەمدە شۇ ئارقىلىق باشقا كەڭ دائىرىدىكى ماكاننىڭ تەسىرى كىرىشكە باشلىدى. ھالبۇكى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىن بولسا تولىمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

بۇنىڭ بىرى خىتاينىڭ ‹ئۇيغۇر تېررورلۇقى› ھەققىدىكى شىكايەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بولدى. بۇ شىكايەتتە ئۇيغۇرلار تېررورچى، ئەسەبىي، شۇنداقلا دۈشمەنلىك نەزىرى تولىمۇ كۈچلۈك بولغان تاشقى كۈچلەر، يەنى ‹بازا› تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشلىق قىلىپ تەسۋىرلەندى. بۇ خىل شىكايەتلەردە شۈبھىسىزكى بىرتەرەپلىمىلىك ئەھۋالى مەۋجۇت ئىدى. بۇ بىر تەرەپلىمىلىك كېيىن كۆپ قېتىم ئىسپاتلاندى. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىگە ئەگىشىپ دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى، ھەتتا كېيىنچە ‹ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى› گە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق بولدى.»

مايكىل كلاركنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەھۋاللاردا گەرچە ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان يۈزلىنىش ئوتتۇرىغا چىققاندەك كۆرۈنسىمۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئومۇمى ئىستراتېگىيىسى ئۆزگەرمەستىن ئىجرا بولغان. بولۇپمۇ يېقىنقى يىگىرمە يىللىق دۆلەت سىياسىتى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىنى خىتاينىڭ ئاجرالماس بىر تەركىبى قىسمى قىلىۋېتىشكە بەكرەك مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان «توسۇق» لار ھەر ئىككى تەرەپ كۆز تىكىۋاتقان نۇقتىلارغا ئايلىنىپ قالغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بولۇپمۇ ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدە ئەكس ئېتىۋاتقان سىياسىي ئامىللاردىن ۋەھىمە يېيىشكە باشلىدى. ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقمۇ بۇنىڭغا جور بولدى. دەرۋەقە بۇلار ئوخشاش بولمىغان بىرنەچچە ئامىللار ئارقىلىق ئىپادىلەندى. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقان مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئېچىۋېتىشنى قوشلاپ ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. يەنى بۇنىڭدا بىر ياقتىن شىنجاڭنى خىتاي دۆلىتى بىلەن مەجبۇرىي يوسۇندا بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنسا يەنە بىر ياقتىن شىنجاڭنى ئۇنىڭغا قوشنا بولغان دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېچىۋېتىشنى تېزلەشتۈردى. نەتىجىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى. بۇنىڭغا ماس ھالدا ‹تەرەققىيات› شىنجاڭدىكى باش ۋەزىپە بولۇپ قالدى ھەمدە بىرنەچچە ھەيۋەتلىك شۇئارسىمان ئاتالغۇلار ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن، 2000-يىللىرى يەنى جاڭ زېمىن دەۋرىدە ‹غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش› سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بىر قاتار ‹تەرەققىيات› لارغا سەۋەب بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› شىنجاڭنىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئالاقىدە تۈگۈنلۈك رولى ئويناشتەك رولىنى ئالاھىدە روشەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا بولۇشى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر شۇنى ئىشارە قىلىدۇكى مىللىي مەدەنىيەت، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى خىتاي يولغا قويۇۋاتقان ‹زامانىۋىلىق› ۋە ‹بىر گەۋدىلەشتۈرۈش› تىكى ئاساسلىق توسۇق ئىكەنلىكى ئايان بولدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاش ئۇرۇنۇشلىرى ئۆز نۆۋىتىدە قوش يۈزلۈك توقماققا ئوخشاپ قالماقتا ئىكەن: ئۇ بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشتىكى سىياسەتلەرگە باھانە بولسا يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلاردىكى مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئارقا تىرەك بولماقتا ئىكەن.