خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرى ئالىقاچان تاشقىي دۇنياغا مەلۇملۇق ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭدىكى مۇھىم مەسىلە بۇ قىلمىشلارنى ئاڭلىتىش ئەمەس، ئەكسىچە بۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي ھەركەت قوزغاش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدا ھەممىدىن بەك خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەييارلاپ چىققان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلاتتا «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغاندىن كېيىن، بۇنى مۇھاكىمىگە قويۇش مەسىلىسى بولدى.
كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 49 دۆلەتتىن 19 دۆلەت خىتاي ھەققىدىكى بۇ دوكلاتنى ب د ت باش شىتابىدا مۇنازىرىگە قويۇش ھەققىدىكى تەكلىپنى رەت قىلدى. بۇ دۆلەتلەر قاتارىدا كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بولۇشى دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ھەيرەتتە قالدۇردى.
ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا ئوخشىمىغان «ئۆلچەم» لەر
ب د ت بىناسىدا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلاتنى مۇنازىرە قىلىشنى چۆرىدىگەن ئاۋازغا قويۇشتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار دۆلىتى بولغان ھېندونېزىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھېمايە قىلىپ ئاۋاز بېرىشى خەلقئارادىلا ئەمەس، ھېندونېزىيەنىڭ ئۆزىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. «ھىندونېزىيە-خىتاي تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ھەبىب پاشا (Habib Pashya) ئىمزاسىدا 27-ئۆكتەبىر كۈنى «ياۋرو-ئاسىياغا نەزەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا، بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر تەپسىلىي بايان قىلىندى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلىنغان كۆپلىگەن دوكلاتلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن، سىياسىي مېڭە يۇيۇش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش قىلمىشلىرىنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىنى شۇنچە ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئۆچەكىشىپ قېلىشنى خالىمىغان. ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى فېبرىئان رۇددىي (Febrian Ruddy) جەنۋەدە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاشقا ھېچقانداق ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلمەيدۇ، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق قارارىغا كەلدى» دېگەن.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان پەلەستىن مەسىلىسىدە ئەڭ ئاكتىپ مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ كەلگەن. 2022-يىلى ئىيۇلدا ھىندونېزىيەنىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد ناجىب (Muhammad Najib) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھىندونېزىيە ھەرقاچان پەلەستىن بىلەن بىر سەپتە. بۇ ھال ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن.
ھىندونېزىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى (Retno Marsudi) بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك، يەنى 2021-يىلى 20-مايدا ب د ت نىڭ نيو-يورك شەھرىدىكى باش شىتابىدا چاقىرىلغان يىللىق كېڭەشتە «ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەت ۋە تىنچلىقنى ھېمايە قىلىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەتچىلىكى مەڭگۈ ئەيىپلەيدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، پەلەستىندىكى كىرىزىسلاردىنمۇ ئېغىر بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان سورۇنلاردا ئوخشاش مەسىلىگە قارىتا قوللاش مەۋقەسىنى ئىپادىلىيەلمىگەن. شۇنىڭدەك پەلەستىن ھەققىدە بىلدۈرگەندەك كەسكىن باياناتلارنىمۇ ئېلان قىلالمىغان. ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھېمايە قىلىش مەيدانىدا بولغان.
بۇ نۇقتىلارنى ئومۇملاشتۇرغان ئاپتور بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھىندونېزىيە ئاساسىي قانۇنىغىمۇ خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. چۈنكى ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا «ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىقنى ئالغا سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش مەجبۇرىيىتى بار» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلار مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن ئىش كۆرۈش مەجبۇرىيىتىمۇ بار ئىكەن. چۈنكى 2019-يىلىلا ھىندونېزىيەدىكى «ئىسلام ھېمايىچىلىرى فرونتى» قاتارلىق چوڭ تەشكىلاتلار جاكارتا شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئارزۇلىرىنى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرغان ئىدى. بۇ خىلدىكى نامايىش 2022-يىلىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، «بىزگە يىراق بولغان ماكانلاردىكى مۇسۇلمانلارمۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز» دېگەن ھەمدە ھۆكۈمەتتىن بۇ ھەقتە تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق ھىندونېزىيە ھۆكۈمتىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تەلەپلەرگە پىسەنت قىلماسلىقى، ماھىيەتتە ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھەركەتتە بولغانلىققا باراۋەر بولۇپ قالغان.
«ھىندونېزىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۆلەت مەنپەئەتى ئۇيغۇرلاردىن ئەلا!»
ئاپتور بىلەن بولغان بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىلدىكى «قوش ئۆلچەم» گە ئەگىشىدىغانلىقى مۇھىم تېمىلاردىن بولدى. ھەبىب پاشانىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى غايەت زور دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇۋتقان ئەھۋالدا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بولۇپمۇ ھىندونېزىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقىي سودا ئومۇمىي سوممىسى 2021-يىلى 85 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي ھازىر ھىندونېزىيە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تاشقىي سودا ئوبيېكتى ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىشىم مۇمكىن. ھىندونېزىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە غايەت زور دەرىجىدە خىتايغا بېقىنىپ قالغان، بۇنى ھېچكىممۇ ئىنكار قىلالمايدۇ. خىتاي ھازىر ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى. ھىندونېزىيەنىڭ كانچىلىق، ماشىنىسازلىق دېگەندەك تۈرلىرىگە سېلىنىۋاتقان غايەت زور مەبلەغ خىتايدىن كېلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خىل سودا مۇناسىۋىتى يىلدىن يىلغا قويۇقلىشىۋاتىدۇ. ئەمما ھىندونېزىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدا ئىزچىل قىزىل رەقەم كۆرۈلگەنلىكتىن، ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو (Joko Widodo) خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىپ بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھىندونېزىيەگە سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنى توخىتىتىپلا قويسا، ھىندونېزىيە بىراقلا ھالىدىن كېتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئالساق، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور ساندا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ ھىندونېزىيە ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتايدا ئوقۇتۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خەلق ئارىسىدىمۇ خىتاي ھەققىدىكى ئىجابىي پىكىرلەر كەڭ ئاساسقا ئىگە بولۇۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ‹غەربنىڭ ئويۇنى› دەيدىغان پىكىرگە ماھىل كىشىلەرمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەۋاتىدۇ. شۇنداقلا كىشىلەر بۇنى پەلەستن ۋە باشقا مۇسۇلمانلار رايونى ھەققىدە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەر بىلەن بىر قاتاردىكى پىكىر، دەپ قاراشقا ماھىل.»
ھەبىب پاشانىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قەرز دىپلوماتىيىسى» ھازىر ھىندونېزىيەنىمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ھەرقايسى جەھەتلەردىن خىتايغا بېقىندى قىلىپ قويۇۋاتقان بىر مۇھىم تاشقىي ئامىل بولۇپ قالغان. بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئىش يۈرگۈزىۋاتقان ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينى ھېمايە قىلىشى ئېنىق ئىكەن.
«ھىندونېزىيە ھازىر خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مەبلەغ سېلىش ئورنىدۇر. بولۇپمۇ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى بويىچە، خىتاي ھازىر جاكارتا-باندوڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى ياساۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئالساق، خىتاينىڭ ھىندونېزىيەگە ئىجتىمائىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرگەنلىكىگىمۇ بەك ئۇزۇن بولدى. خىتاينىڭ يېمەك-ئىچمەك ئۇسلۇبى، خىتايچە تىل-يېزىق، كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى دېگەنلەر ھازىر ھىندونېزىيەدىكى ھەممىلا كىشىگە مەلۇملۇق ئىجتىمائىي ھادىسىلەردۇر. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئون يىلدا خىتاينىڭ سىياسىي جەھەتتە ھىندونېزىيەگە تەسىر كۆرسىتىشى ۋە كونترول قىلىشى بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تەبىئىيلا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىشتا خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ بېلەت تاشلىدى.»
ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسى، مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم پارتىيەلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈرلۈك ھېمايىگەرلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، ھەبىب پاشانىڭ قارىشىچە بۇ ھال ھېلىمۇ داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل خەلقنىڭ نازارىتى ۋە پىكرىدىن خالىي ھۆكۈمەت بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ خىل پۇقراۋىي چۇقانلار دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئاجىز كەلگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ھىندونېزىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاساسىي جەھەتتىن ئالغاندا، سودا مۇناسىۋىتى دېسەك خاتالاشمايمىز. ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جوكو دەل مۇشۇ سودا مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرەلىگەنلىكى ئۈچۈن 2019-يىلى قايتا سايلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ھازىر بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتىدۇ. 2023-يىلى بۇ ھال تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھىندونېزىيەنى بۇنچە قويۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىىي ساھەلەردىكى مەۋجۇتلۇق ئامىللىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان خىتاي ئامىلىدىن يۇقۇرى ئورۇن تۇتمايدۇ. چۈنكى ھىندونېزىيە تەبىئىي يوسۇندا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئالدىن ئويلىشىدۇ، ئاندىن ئىككىنچى نۆۋەتتە پەلەستىن ياكى باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ھەققىدە سۆز قىلىدۇ. ھىندونېزىيە خەلقى ھېلىھەم ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئۇلارنى قوللايدۇ. ئەمما خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ھەققىدىكى چۇقانلىرىغا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ‹بىز خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشالمايمىز› دېگەن شەكىلدە جاۋاب بېرىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆز خەلقىنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىپلا قالماستىن يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغىمۇ مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، ھىندونېزىيەدە خەلقنىڭ پىكرى ھېچقاچان دۆلەتنىڭ خىزمەت فۇنكىتسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا باغلىنىشلىق بولغان مۇشۇ خىلدىكى «ئىقتىسادىي ئامىل»، «سىياسىي ئامىل» ۋە «ئىجتىمائىي ئامىل» قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل «دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۇيغۇرلاردىن ئەلا» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە بۇ ھال بارغانسېرى ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ بۇنىڭدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.