ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە قانداق ئۇسۇلدا مەلۇماتلىق قىلالايدۇ (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.03.17
belgiye-5-fewral-olimpik-qarshi-namayish-2.jpg 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 5-فېۋرال، بېلگىيە.
Photo: RFA

پىسخولوگ، دوكتور نېچاما خانىم، ئامېرىكىدىكى تەجرىبىلىك پىسخىكىلىق داۋالاش يېتەكچىسى ۋە پىسخىكا ئانالىزچىسى. ئۇ ئائىلىدىكى مۇناسىۋەت، بالىلار ۋە چوڭلارغا ئۆلۈم ۋە يوقىتىشنىڭ كەلتۈرىدىغان پىسخىكىلىق ئازابلىرىغا تاقابىل تۇرۇش، ئاياللار ۋە بالىلارنى داۋالاش قاتارلىق جەھەتتە كەسپىي ژۇرناللاردا نۇرغۇن پىسخىكا ئانالىز ماقالىرىنى يازغان.

دوكتور نېچاما لىس-لېۋىنسوننىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان «بوۋا-مومىسى ئۆلگەندە: بىر بالىنىڭ ئۆزىنىڭ پائالىيەت دەپتىرى»، «ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق كىتاپلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ۋە يەنە دۆلەتلىك يەھۇدىي كىتاب مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا خالس ياردەم بېرىشنى ئادەت قىلغان نىچاما خانىم، يېقىندىن بۇيان يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا كەلتۈرىۋاتقان زەخمەتلىرىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئۈچۈن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى قىلماقتا.

نېچاما خانىم بۈگۈن، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە قانداق ئۇسۇلدا مەلۇماتلىق قىلالايدۇ ؟ دىگەن تېمىدىكى تېلىفون زىيارىتىمىزنى خوشاللق بىلەن قوبۇل قىلدى.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك دوكتور نېچاما خانىم، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا ئوخشىمىغان تەسىر ۋە زىيانكەشلىكلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا بالىلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنىمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. قانداق قىلغاندا بالىلارغا بۇ ھەقتە توغرا ۋە ئاسان ئۇسۇلدا سۆز ئاچقىلى بولىدۇ؟

دوكتور نېچاما: ئەڭ ئاۋال شۇنى تەكىتلىشىم كېرەككى، مەيلى ئۆلۈم ياكى ياراتقۇچى ۋە ياكى ھەر قانداق بىر مۇھىم مەسىلىنى بالىلارغا چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، ئۇنى بىرلا قېتىمدىلا بالىلارغا بىلدۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.

بۇ تەربىيەنى خۇددى بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىش جەريانىغا ئوخشاش تەدرىجى ۋە شۇنداقلا بالىلارنىڭ ياش پەرقى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا قاراپ ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. بالىلارمۇ بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بەزى بالىلار ئالاھىدە نازۇك، بەزىلىرى سەزگۈر كېلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ ھەقتىكى ئاڭنىمۇ، بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ھەممىدىن مۇھىمى مەيلى ئائىلىڭىز، مەيلى دۆلەت ياكى ئەتراپىڭىزدىن بولسۇن ياخشىلىق قىلىشنى ئادەت قىلغان ئىنسانلارنى مىسال قىلىش ئارقىلىق، بالىلارغا دۇنيادا يەنىلا ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرۈش زۆرۈر. خۇددى ياخشى ئىنسانلار بولغىنىدەك بەزىدە يامان كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى، بەزىدە ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن پەرقلىق بولۇشىنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يامانلىق قىلىدىغانلىقىنى ھەتتا ئۇلارغا نەپرەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆلتۈردىغانلىقى، بۇ رەھىمسىزلىكنىڭ قاتىللىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈمىز. شۇنداقلا ئەگەردە بىر توپ يامان كىشىلەرنىڭ، باشقا بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىپ ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىۋېتىشنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلەيمىز.

مۇخبىر: بالىلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەلۇمات بېرىش جەريانىدا ئۇلارغا تارىختا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلاردىن مىسال ئېلىش مۇۋاپىق ئۇسۇلمۇ؟

دوكتور نېچاما: بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ھادىسىلەر يۈز بەرگەندە، ياكى شۇ ھەقتىكى سوئاللارغا توغرا كەلگەندە تارىختىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تراگىدىيىلەرنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە بالىلار ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش ۋە ئۆلۈم ۋەقەلىرىنى ئاڭلىشى مۇمكىن، نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىدەك سوئاللارنى سورىشى مۈمكىن. بۇ توغرۇلۇق گەپ-سۆز بولغان پەيت، دەل بۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق پۇرسىتى دەپ قارايمەن. بەلكىم ئۇلارغا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئوخشىمىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئىرقىي قىرغنچىلىقنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مىللىي، ئېتنىك، ئىرق ياكى دىنىي گۇرۇپپىنى يوقىتىش (پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن) نىيەت بىلەن قىلىنغان ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرگىلى بولىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئېنقلىما بىلەن تەڭ شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىدەك تارىختىمۇ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان، رىۋاندا، سۈرىيە، يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا جايلاردىمۇ قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

مۇخبىر: بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلار كىچىك ياشتىكى بالىلىرىنىڭ بوۋا مومىسىنى نېمە ئۈچۈن كۆرەلمەيدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ياكى ئۇ جايدا ئىقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىۋاستە دىيىشى كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ بۇ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنىڭ باشقا بىر ئۇسۇلى بارمۇ؟

دوكتور نېچاما: بەلكىم بالىلار بوۋا مومىسىنىڭ، تاغا ۋە ياكى ھاممىلىرىنىڭ نەدىلىكىنى سورىشى مۈمكىن بۇ چاغدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بەك كىچىك ياشتىكى بالىلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلدۈرۈشنىڭ رزۈرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمەن. ئۇلار خىتايدىكى ئەسكى ئادەملەرنىڭ بوۋا مومىلىرىنى تەس كۈنگە قويۇۋاتقانلىقىنى بىلسە يېتەرلىك. لېكىن بىۋاستە ھالدا ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەقىقدە سۆز ئېچىش مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇلار بىر ئاز چوش بولغاندا ياكى بۇ ھەقتە سوئال سوراشقا باشلىغان ۋاقتىدا گەپ ئېچىشقا بولىدۇ.

مۇخبىر: سىزنىڭچە بالىلارغا بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق شارائىت ياكى پەيتى قايسى؟

دوكتور نېچاما: مەلۇم بايرامنى تەبركلىگەن چاغلار، خاتىرە كۈنلەر، ئۇيغۇرلار ئەئۈچۈن ئالاھىدە ھېيت-بايراملار ياخشى پەيتلەردۇر، ئائىلىدە تېلىۋىزىدە كىنو ياكى شۇنداق مۇناسىۋەتلىك ئېچىنىشلىق مەلۇم ۋەقەلىكلەرنى كۆرۈۋاتقاندا، بالىلار بۇ ھەقتە سورىغاندا، بالىلارغا قىرغىنچىلىق ھەققىدە چۈشەندۈرۈشنىڭ ياخشى پەيتى دەپ قارايمەن.

مۇخبىر: ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىقنى سۆزلىگەنگە بالىلا قانداق ئوخشىمىغان رىاكسىيەلەرنى قايتۇرۇشى مۈمكىن؟

دوكتور نېچاما: بالىلارنىڭ بۇنىڭغا رىاكسىيەسى پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك. بەزى بالىلار پەقەتلا پەرۋا قىلماسلىقى ئاڭلىماسلىققا سېلىشى مۇمكىن، بەزىلىرى ئىنتايىن بىئاراملىق بولۇشى، يىغلىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر قورقۇشى مۇمكىن ئەگەر ئۇنى بالىلارنىڭ ئاڭلىغىلى كەلمىسە، ئۇنىڭغا زورلاپ سۆزلەشنى توختىتىش لازىم. بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم.

مۇخبىر: مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا، ئىرقى قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارغا ئاشۇنداق زۇلۇم قىلغۇچىلارغا قارشى چىقىش، ئادالەتنى، ھەقنى ياقلاش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈشكە بولامدۇ؟

دوكتور نېچاما: بالىلارنى ھەقسىزلىكە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ تەربىيەنىمۇ ئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلارغا ماس ھالدا تەدرىجى ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەكتەپتە ئۇلار بىرىنىڭ ئىرقى تىلى ۋە باشقا جەھەتتىن پەرقى بولغانلىقى ۋە ياكى كۆچمەن بولغانلىقى ئۈچۈنلا كەمسىتىشكە، يمان مۇامىلىگە ئۇچرۇشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى، مۇبادا بىرىنىڭ شۇنداق ھەقسىز مۇامىلىگە ئۇچرىغىنى كۆرگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ھىمايە قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقى ھەققىدە تەربىيىلەش مۇمكىن. ئۇلار سەل چوش بولغاندا بولسا بۇ خىل ھەقسىزلىكلەرنى توسۇش ئۈچۈن خەت يېزىش ياكى نامايىش قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش مۇمكىنلىكى ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

نىچاما خانىم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇقۇمى ھەققىدىكى ئېنىقلىما ۋە تەپسىلاتلارنى ئەتراپلىق ئۆگىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىش مۇھىملقى ھەققىدە ئايرىم توختالدى.

دوكتور نېچاما: تولۇقسىز ئوتتۇر مەكتەپ تولۇق ئوتتۇر مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى ھەققىدىكى بىلىملەرنى بېرىش ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئۇچۇرلارنى ئۈگۈنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر ئەتراپلىق ماتېرىياللارنى ئىزدىنىپ كۆرۈپ ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشىنىشكە يول قويۇش، ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ھازىرقى زامان تارىخىدىكى قوللىنىشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھۆججەتلەردىن ئۆگىنىشىگە ئىمكانىيەت بېرىشى لازىم.

بالىلاردىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى يوشۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى قورقۇنچ ئىچىدە، ياردەمسىز ھالدا گاڭگىرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. بالىلارنىڭ يېشىغا مۇۋاپىق قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

مۇخبىر: سىزنىڭ خىزمەت تەجىربىڭىزدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەقىقدە سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن بالىلار بېسىم ھېس قىلغانلىقى ياكى پىسخىلوگىيىلىك مەسىلە كۆرۈلگەن ئەھۋاللارنمۇ ئۇچراتقانمىدىڭىز؟

دوكتور نېچاما: مەن ھېچ بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سزۈلىگەنلىكى ئۈچۈن بېسىم پەيدا قىلغان ياكى مەسىلە كۆرۈنگەن ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. بۇ سوئال مەن چوڭ قىرغىنچىلىققا ئائىلە ئەزالىرى ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدى ئاىلىلىرىدىن ئەڭ كۈپ ئاڭلىغان سوئالنىڭ بىرى. بۇ يەردە ئۇلار ئاڭلاشقا تېگىشلىك ۋە مۇھتاج بولغىنى بوۋا-مومىلىرىنى يوقۇتۇش ھەققىدىكى ھېكايىلەردىن كۆرە ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇر. بالىلارغا نىسبەتەن ھەممىدىم مۇھىمى ئاتا-ئا ئانىلىرىنىڭ بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىققا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى، يەنى ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى ھەرىكىتى. ئاتا-ئانىلارنىڭ داۋاملىق تۈردە بېسىم ئىچىدە، چۈشكۈن يۈرۈشى، ياكى داۋاملىق ئاچچىغلىنىشى، بالىلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بەكرەك زەخمىلەندۈرىدۇ.

مۇخپىر: دوكتور نىچاما، سز بايا ئېيتقاندەك، ئەگەر بالىلار، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىسا ياكى ئاڭلاشقا قىززىقمىسا قانداق قىلىشى كېرەك؟

دوكتور نېچاما: ئەلبەتتە ئىرقى قىرغىنچىلىقتەك جىددي مەسىلىگە قارىتا بالىلارنىڭ پەرۋاسىز بولۇۋېلىشى، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى ئاچچىقلاندۇرىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئىنكاسى يۈزىسىدىن «سەن نىمە دىگەن يارامسىز؟! مەن سېنىڭ يېشىڭدا لاگېرغا قامالغان ئىدىم. سەن قانداقسىگە بۇنداق پەرۋاسىزلىق قىللالايسەن؟» دىگەندەك ئېغىر سۆزلەر بىلەن ئەيپلىسە خاتا بولىدۇ. گۇناھنى بالىلارغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ بۇ ئىنتايىن زىيانلىق. بالىلارنى گۇناھكار ھېس قىلدۇرۇش ئۇلارغا ئېغىر روھي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش لازىم. ئائىلە ياكى جامائەتنىڭ ۋەھىمىسى باشقا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلاردىنمۇ چوڭ دەپ پەرەز قىلىشقا بولمايدۇ.

مۇخبىر: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارمۇ بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ تەسىرىدە ئوخشىمىغان پىسخىكىلىك روھي بېسىملارغا ئۇچرىماقتا، بۇ زۇلۇمنىڭ تەسىرىنىڭ بىر ئەمەس بىر قانچە ئەۋلاتقىچە داۋام قىلىشى مۈمكىن، سىزنىڭ بىلگىنىڭىزدە، يەھۇدى ئائىلىرى ئۇلار ئۇچرىغان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئېلىپ كەلگۈسى يامان تەسرلىرىدىن قۇتۇلۇش ياكى ئۇنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن قانداق يول تۇتقان ؟

دوكتور نېچاما: شۇنداق، بىز تەتقىقاتلىرىمىز داۋامىدا ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قانچە ئەۋلاتقىچە تەسر كۆرسىتىدىغانلىقىنى يەھۇدى خەلقىنىڭ ھاياتىدىن كۆرۈۋاتىمىز. ھەقىقەت شۇكى، گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىۋاستە باشتىن ئۆتكۈزۈپ ھايات قالغانلاردا كۆرۈلىدىغان ئومۇمىي ئەھۋل، ئۇلار باڭقىلارنىڭ ھالەك قىلىننىپ ئۆزىلىرىنىڭ بولسا ساق قالغانلىقىنى ئەيپلەيدۇ، ئەمما بالىلارغا بۇ گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنى مىراس قىلماسلىق كېرەك. يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوق، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

يەھۇدى ئائىلىلىرى بالىلىرىغا ئىرقىر قىرقىىنچىلىقتىن ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى ھاياتىنى قەدرلەپ، ياخشى ياشاش ئىكەنلىكىنى سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار ئەۋلاتلىرىغا، گېتلىرنىڭ مەقسىدى يەھۇدىلارنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىش، ھالەك قىلىش ئىدى. ئەمما ئۇلار بىزنى ھالەك قىلالمىدى. ھ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىشنىڭ يولى ئۇنى مەقسىدىگە يەتكۈزمەسلىك ۋە تېخىمۇ ياخشى ياشىشىمىز كېرەك دەپ، چۈشەندۈرۈش ئەنئەنىسى بار.

نېچاما خانىم ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىمۇ پەرزەنتلىرىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىتىش ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇلارنى بۇ زۇلۇمنىش ۋاستىلىق تەسرلىدىن قوغدىغان ھالدا يەھۇدىلارنىڭ تەجىربىسىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەقىقدە مەسلىھەت بېرىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى.

گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتىئۇيغۇرلارغا ھازىرغىچە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختاتمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار، مۇھاجىرەتتە ئۈسۈپ يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىگە خىتاينىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرش رقىلىق، ئۇلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم.

ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايدا ناھايىتى بىخەتەر ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى، بىرلىكتە مەسچتلەرگە بارالايدىغانلىقى، بايراملارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقى ھەقىقدە كۆپرەك سۆلەپ تۇرۇشى، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەقسىدىگە يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن سېنىڭ قىللايدىغىنىڭ ھئىشىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشاشقا تىرىشىش دەپ جاسارەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى زۈرۈردۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.