ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى لاياقەتلىك تېرىنېرلارغا موھتاج

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى كۈچلۈك، پۇتبول تېخنىكىسى يۇقىرى پۇتبولچىلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەقىقىي مۇنتىزىم مەشىق، سىستېمىلىق تاكتىكا ۋە كوللېكتىپلىق ئېڭى پىشىپ يېتىلگەن، ھازىرقى زامان پۇتبول ئۇقۇمىغا ئىگە، مۇنتىزىم كەسپىي ساپادىن باشقا، پۇتبول ئىزباسارلىرىنى تەربىيىلەشكە ھەقىقىي تۈردە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان لاياقەتلىك پۇتبول تېرىنېرلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئۇچراۋاتقان يەنە بىر رەھىمسىز رېئاللىق.

بۇ نۆۋەت گۇاڭدۇڭغا مۇسابىقىگە بارغان شىنجاڭ پۇتبول كوماندا ئەزالىرىنىڭ گۇاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە 49 سائەت پويىزدا ئۆرە تۇرۇپ قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ، تېرىنېر ۋە مەسئۇللىرىنىڭ بولسا ئايروپىلاندا قايتقانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بۇ نۇقتىنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتتى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ يەرلەشكەن مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر توپچىلاردىن ئامېرىكىدىكى جۈرئەت ۋە گوللاندىيىدىكى ئىلشات ئەپەندىلەر مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە دەل ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ لاياقەتلىك تېرنېرلارغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.