خىتاي پۇتبولچىلىقى مىللىي كەمسىتىشتىن خالىي بولمىغۇچە باش كۆتۈرەلمەيدۇ

0:00 / 0:00

پۇتبول دۇنيادا جەلپ قىلىش ۋە تەسىر كۈچى ئەڭ ئۈستۈن تەنھەرىكەت تۈرى، خىتايمۇ پۇتبول ساھەسىدە باش كۆتۈرۈش ئىرادىسىدىن ئىزچىل يانماي كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەپسۇس، خىتاي پۇتبولچىلىقى كەسىپلىشىش يولىغا ماڭغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىلگىرىلەش بولمىدى. خىتاي كۆزەتچىلەر خىتاينىڭ پۇتبولچىلىق ساھەسىدە ئىلگىرىلىيەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىشىش ئەۋج ئالغانلىقىدىن دەپ كۆرسەتسە، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ سەۋەبنى، خىتاينىڭ خاتا مىللىي سىياسىتى ۋە مىللىي كەمسىتىشىنىڭ پۇتبول ساھەسىدىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىسىنى تاپقان بىر ساھە بولغانلىقىدىن كۆرىدۇ. ھەمدە «خىتاي پۇتبول ساھەسىنى ماھىيەتلىك ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەن، ئىشنى پۇتبول مەيدانىدىكى چوڭ خىتايچىلىقنى، مىللىي كەمسىتىشنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

خىتاينىڭ پۇتبول ساھەسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ياسايدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتى كەلدى، چۈنكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پۇتبول ساھەسىدە زور نەتىجە قازىنىشقا بەل باغلىدى. 3-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىشقا باشلىغان خىتاي مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 3-ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ «دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈش، جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا قاتنىشىش ۋە مۇسابىقىدە يېڭىش» تىن ئىبارەت جۇڭگو پۇتبولىدىن كۈتكەن ئۈمىدى جۇڭگو ئارزۇسى سۈپىتىدە قايتا تەكىتلىنىپ، پۇتبول خىتاينىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم مەسىلىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

خىتاي ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 2-كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋېليام بىلەن كۆرۈشكەندە پۇتبول توغرىسىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىچە، ئىككى تەرەپ ناھايىتى قىزغىن ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. بۇندىن كېيىن كۆپ تەرەپلەردىن (پۇتبولنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك،جۇڭگو پات ئارىدا بەلكىم ئەنگلىيەدە تەربىيىلەش ئۈچۈن كۆپلەپ ئۆسمۈر ئەۋەتىشى مۇمكىنلىكى قىياس قىلىنماقتا.

خىتايدا پۇتبول ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇشقا قاراتقان سىياسەتلەر خىتايدا ئەڭ كۈچلۈك مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. دەرۋەقە، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلاردىكى قويۇق پۇتبولچىلىق كەيپىياتىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان سۆز تېمىسىغا ئايلانغانلىقى ھەممىگە ئايان. پۇتبول ھەرىكىتىدىكى ئۈستۈنلۈك تامامەن كەڭ ئاممىۋى ئاساس ئاساسىدا جارى قىلدۇرۇلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى پۇتبولچىلىق راۋاجلانغان ھەرقانداق دۆلەتتە پۇتبول شۇ دۆلەتتىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئەڭ قىزىقىدىغان تەنتەربىيە تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن پەخىرلىنەرلىك نەتىجىلىرى خىتاي پۇتبولچىلىقىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. پۇتبول مەستانىلىرى بۇ يىلقى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسابىقە مەيدانىدا «جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى شىنجاڭدا» دېگەن لوزۇنكىنى ئېگىز كۆتۈردى.

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى شەنبە كەچ سائەت ئالتىدە باشلانغان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بالىلار تۈرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قەشقەر ئوغۇل بالا توپ كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا رەقىبىنى 8-2 چوڭ نومۇر پەرق بىلەن يېڭىپ، «كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك چېمپىيونى بولۇپ، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىغا بەرگەن لىللا باھاسىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ پۇتبول تەنھەرىكىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يى مەكتەپ پۇتبول تەنتەربىيەسى ھەققىدە توختالغاندا خورسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شۇنچە كۆپ پۇتبول ئىزباسارلىرى پۇتبولغا قىزىقسىمۇ، ئۆرلەپ ئوقۇش بېسىمى، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇزاق مۇددەت سىستېمىلىق تەربىيەلىنەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تالانتى كۆمۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ.»

دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «پۇتبولغا قىزىقىدىغان شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ ئاساسىي ماھارىتى ۋە تاكتىكىسى يۇقىرى ئىكەن، مەيداندىكى ماسلىشىشىمۇ شۇنچە ئەپچىل ئىكەن. ماھارەت تەنتەربىيەسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، سىستېمىلىق، يۇقىرى سەۋىيىلىك تەربىيە ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك تىرېنېر بىر سىستېما بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى كەم بولسا، يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان ئۈمىدلىك مايسا ياخشى ئۆسەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا ئەمدىكى قىلىدىغان زۆرۈر ئىشىمىز تۈزۈلمە، مېخانىزم جەھەتتە ھەم ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ھەم ئۆز-ئارا زىچ ماسلىشىدىغان سىستېمىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، كۈچنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈشتىن ئىبارەت.»

ئۇيغۇر ئېلىدا پۇتبولچىلىق كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە، ئالاھىدە تالانتلىق ماھىرلار كۆپ، پۇتبولغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان ھەم تالانتى بار ئۆسمۈرلەر كۆپ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر پۇتبولچىلار نېمە ئۈچۈن خىتاي پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى بولالمىدى؟ تاللاشنىڭ ئۆلچىمى ۋە تەرتىپى زادى قانداق؟ دېگەن سوئال كېلىپ چىقىدۇ. ئىلگىرى بۇ ھەقتە زىيارەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ داڭلىق پۇتبول ئەزىمەتلىرىدىن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان جۈرئەت زاھىر ئەپەندى «ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرىغا تاللىنالماسلىقى، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى پۇتبولچى تاللاش، باش تېرېنىر تاللاشتىكى چوڭ خىتايچىلىق، ئادىل بولماسلىق، مىللىي كەمسىتىشتەك ئېغىر مەسىلىنى ئاشكارىلايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە تەكلىپى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىنىڭ تەجرىبە رايونىغا ئايلاندۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەنتەربىيە تارماقلىرى يېقىندا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولى ئىسلاھاتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات سىناق رايونى بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن مەكتەپ ئىچى پۇتبولى بەرپا قىلىش، دۆلەت دەرىجىلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىنتايىن ياخشى بەدەن ساپاسى ۋە پۇتبول تالانتىغا ئىگە، تەربىيەلەشنى كۈچەيتكەندە جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئىلغار پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەربىيەلىنىپ چىقىشىدىن ئۈمىد زور.

ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان كەسپىي پۇتبولچى جۈرئەت ئەپەندى خىتاينىڭ پۇتبول ساھەسىدە مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر توپچىلارغا تايانماي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى لى گۇاڭمىڭنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق شىنجاڭدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرى ئەڭ چوڭ ئوكسېگىن سۈمۈرۈش مىقدارى، ئوكسېگىنسىزلىنىش ئىقتىدارى، گېموگلوبېن ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق ئىرسىيەت ساپا كۆرسەتكۈچلىرىدە ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى تەڭ ياشلىقلارنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىدۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرسەتكۈچ سەۋىيىسى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق، پۇتبول ھەرىكىتىگە نىسبەتەن تۇغما ئەۋزەللىكى بار، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغاندا، جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئىلغار پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشتىن ئۈمىد زور.

يېقىندا 2015-يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان 28 كىشىلىك ماھىر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. (دۆلەت ئىچىدىن 25 ماھىر، چەتئەللىكتىن 3ماھىر تاللاندى) بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 9ماھىر چوڭ تىزىملىككە كىردى. جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلىنىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىدىكى 4 مەيدان مۇسابىقىسىنى مېھمان مەيداندا ئوينايدۇ. ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلەر، خىتاي پۇتبول ساھەسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلار تېما قىلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر پۇتبول ئەزىمەتلىرىنىڭ تالانتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ رەقىپلىرىگە كارامىتىنى كۆرسىتىشى ۋە ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈمىدلەر ئېلىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە.