بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيا كۆرۈرمەنلىرىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىمۇ چوڭقۇر ئويلاندۇردى.
پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ بىر ئەل ۋە مىللەتنىڭ باشقا مۇھىم ئىشلىرىغا ئوخشاشلا يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەشكىللىنىش، ئۇيۇشقاقلىق ۋە ئۆز - ئارا ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور جۈرئەت ئوبۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى پۇتبول روھى توغرىلىق مەخسۇس توختالدى.
سوئال: ھۆرمەتلىك جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى، بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بۆلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. مىڭلىغان ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرى پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن بىللە تېلېۋىزور ئېكرانى ئالدىدا ئولتۇرۇپ گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى كۆردى. سىزچە، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى، ئۆزگىچىلىكلىرى ۋە ياراتقان يېڭىلىقلىرى نېمە؟ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر پۇتبول ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىز بۇ ھەقتە قانداق خۇلاسىلەرگە كەلدىڭىز؟
جاۋاب: بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولدى. مېنىڭ ھېس قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا توپ چۈشۈش نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن كۆپەيدى. كوماندا ئەزالىرى ئىچىدە سېرىق ياكى قىزىل كارتا يەپ جازالىنىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايدى. ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىدە ئۇدا يۈگۈرۈش ۋاقتى ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەرگە قارىغاندا ئۇزاردى. پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئۇنىۋېرسال رىقابەت ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. چېمپىيون بولغان گېرمانىيە كوماندىسىدا گەرچە ئارگېنتىنا كوماندىسىدىكى مېسسى، بىرازىلىيە كوماندىسىدىكى نېيمار ياكى پورتۇگالىيە كوماندىسىدىكى رونالدوغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن كوماندا ئەزالىرىدىكى كوللېكتىپچانلىق ۋە ئۆز - ئارا ماسلىشىش جەھەتتە يەنە بىر قېتىم گېرمان روھىنى نامايان قىلدى دەپ ئويلايمەن.
سوئال: تۈركىي تىللىق قېرىنداش خەلقلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا پۇتبولغا نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك ئىنتىلىشكە ۋە ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىنلىققا ئىگە. ھالبۇكى، تۈركىيەدىن باشقا تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر، جۈملىدىن ئورتا ئاسىيا ۋە كاۋكاز رايونىدىكى قېرىنداش ئەللەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 20 نەچچە يىل مابەينىدە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە كىرەلمىدى؟ سىزچە، بۇنىڭدىكى ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر زادى نېمە؟
جاۋاب: ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەممىسى پۇتبولغا ناھايىتى قىزىقىدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ. بولۇپمۇ تۈركىيە كوماندىسى تۈركىي تىللىق قېرىنداش خەلقلەر ئىچىدە ھەممىسىگە ئۈلگە ياراتتى. يەنى 2002 - يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 3 - بولدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ قالدى. ئەمدى ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلسەك، گەرچە ئۇلار مۇستەقىل بولغىلى 20 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كوماندىلىرى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىگە كىرەلمىدى. ئۆزبېكىستان كوماندىسى پەقەت بىر قېتىم ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا 2 - بولدى. ئۇندىن باشقا كۆرۈنەرلىك نەتىجە بولمىدى. ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرنىڭ كوماندىلىرى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتەلىسە، بۇ ئۇيغۇرلارغىمۇ زور بىر ئۈمىد بېغىشلايتتى. ھالبۇكى، يېقىن كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا كوماندىلىرىنىڭ بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ھازىرچە تۆۋەندەك تۇرىدۇ. چۈنكى پۇتبول بىر تەنتەربىيە ھەرىكىتىلا ئەمەس، بەلكى بىر ئەل ۋە خەلقنىڭ مىللىي روھى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۇندىن باشقا، دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە سىستېمىسىمۇ بۇنىڭغا خېلى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سوئال: سىزگىمۇ مەلۇم، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى پۇتبولغا قىزىقىدىغان خەلقلەرگە ئوخشاشلا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى مۇمكىنچىلىك يار بەرگەن شارائىت ئىچىدە كۆردى. ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىردىكى مىللىي تەنتەربىيە تارىخى ئەمەلىيەتتە دۇنيا پۇتبول تارىخىنىڭ 20 - ئەسىردىكى تەرەققىيات مۇساپىسى بىلەن مەلۇم باغلىنىشقىمۇ ئىگە، ئەلۋەتتە. سىزچە، پۇتبولنى خۇددى بوكس تۈرىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىي ۋە يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان بىر ساھە دېگىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭدىكى كونكرېت شەرت - شارائىتلار ۋە مۇمكىنچىلىكلەر زادى قانچىلىك؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار 20 - ئەسىردە غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا پۇتبولغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ۋە ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن. بىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىلا ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ قەشقەردىكى شىۋېت ۋە ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىدىكىلەر بىلەن مۇسابىقە ئوينىغانلىقىنى بىلىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى بىلەنمۇ ماس كەلگەن تەرەپلىرىمۇ بار. ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۆزىگە كەلگەن چەكلىك شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازانغان. ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چەتئەل كوماندىلىرىدا توپ تېپىۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلار ھەر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغاندا ئاجايىپ زور قىزغىنلىق بىلەن مۇسابىقە كۆرىدۇ. مەن ئويلايمەن، ئەگەردە ئۇيغۇرلارغا كىچىككىنە پۇرسەت كەلسىلا پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ھېچ بولمىغاندا، كوستارىكا كوماندىلىرىغا ئوخشاش جان تىكىپ ئېلىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇيغۇرلارغا بۇنداق پۇرسەتلەر نېسىپ بولمىدى. 2002 - يىلى تۈركىيە كوماندىسى مەلۇم نەتىجىلەرنى قازانغاندا، بىرازىلىيە كوماندىسى چېمپىيون بولغاندا ئۇيغۇرلار خۇددى ئۆز كوماندىسىغا ئالقىش ياغدۇرغاندەك ھاياجانلانغان. ئەپسۇس، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كوماندىلىرى ئەمەس. ئەگەردە باشقىلارغا كەلگەن پۇرسەتنىڭ ئوندىن بىرى ئۇيغۇرلارغا بېرىلسە، ئىشىنىمەنكى، ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدە ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەن بۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن!
0:00 / 0:00