23-ئىيۇن كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن (Josh Rogin) «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە بىر پارچە مۇھىم ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىگە «بايدىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش بىلەن بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ۋە تىجارەتچىلەر ھېلىھەم توختاپ قالماي، بۇ قانۇننىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا قارشى ھەرىكەت قىلماقتىكەن.
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 21-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. مەزكۇر قانۇن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق خام ئەشيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى جازالاشتىكى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك يوللارنىڭ بىرى، دەپ باھالانغان ئىدى.
ھالبۇكى، جوش روگىننىڭ ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، «بايدېن ھۆكۈمىتى ھازىر خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى سىنايدىغان ھەل قىلغۇچ سىناققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتىكى مەسىلە پرېزىدېنت بايدېن بۇ قانۇننى تولۇق يولغا قويامدۇ يوق، دېگەندىن ئىبارەت» ئىكەن.
چۈنكى ۋاشىنگتوندىكى بىر قانچە ئەمەلدار، دۆلەت مەجلىسى خىزمەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جوش روگىنغا دەپ بېرىشىچە، ھۆكۈمەتتىكى بىر قىسىم ئەربابلار ۋە سودا ساھەسىدىكىلەر بۇ قانۇننىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىغا قارشى ھېلىھەم تىركەشمەكتىكەن. ئوخشاش مەنپەئەت گۇرۇپپىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ كىشىلەر ئەينى چاغدا بۇ قانۇننىڭ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ قانۇننىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.
ئامېرىكادىكى ئاقىللار ئامبىرىدىن «ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكېل سوبولىك (Michael Sobolic) بۇ قانۇن ماقۇللانغۇچە قانداق تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان بولسا، ھېلىھەم ئۇنىڭ كېلىمات مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە باغلىنىپ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە، بۇ قانۇننىڭ ئىشقا ياراش-يارىماسلىقى ئاقىۋەتتە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى قانچىلىك دەرىجىدە چىڭ تۇرۇپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا باغلىق، دەيدۇ.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇننى قانداق ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا باغلىق. مەسىلەن، پرېزىدېنت شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا تىجارەت قىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرى ئۈچۈن ئېلان قىلغان تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى. خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرىمۇ بۇ كەچۈرۈمدىن نەپكە ئېرىشىدۇ. بايدىن ھۆكۈمىتى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا شىركەتلىرىنى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› دىكى قارا تىزىملىككە كىرگۈزمىگەن، ئەمما ئۇلار بۇ شىركەتلەرگە مال تەمىنلەيدىغان بىر قانچە تەمىنلىگۈچىنى قارا تىزىملىككە ئالغان. ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلسا، ئۇنداقتا پرېزىدېنتنىڭ تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدىكى قارارىمۇ (خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن) بەرىبىر پايدىسز بولاتتى. ئەمما گەپ ھازىر بايدىن ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى ئۆزىنىڭ كېلىمات مەسىلىسىنى ئوڭشاش ھەققىدىكى كۈنتەرتىپىنى ئىناۋەتسىز قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىجرا قىلامدۇ-يوق؟ مانا بۇ مەسىلىنىڭ تۈگۈنى.»
2021-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىمات مەسىلىسىگە تەيىنلىگەن ئالاھىدە ئەلچىسى ۋە سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىينىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا قارشى لوبىيچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر چىققان ئىدى. خىتاي بىلەن كېلىمات مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشنى ئالدىنقى پىلانغا قويغان بۇ شەخس، دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوچۇق تىلغا ئېلىپ: «خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىمات كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك» دېگەن ئىدى. ئۇ ھەتتا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قۇياش ئېنىرگىيە تاختىلىرىنىڭ پاكىزە ئېنىرگىيە بازىرىنى جانلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ: «ھايات دائىم قىيىن تاللاشلارغا تولغان بولىدۇ، بولۇپمۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە دائىم مۇشۇنداق تاللاشلار بولىدۇ. . . ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى، بىز ياشاۋاتقان بۇ پىلانېت چوقۇم قوغدىلىشى كېرەك،» دېگەن.
ھالبۇكى، جوش روگىننىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، بۇ يىل بايدېن ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەت كېلىمات مەسىلىسىلا ئەمەس ئىكەن. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بايدېن دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنىڭ سان جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشىغا ۋە ھەتتا ئۆزىنىڭ قايتا سايلىنىشىغا تەھدىت سالىدىغان ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلدى. بۇ ئاقساراينىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئاقساراي سودا مىنىستىرلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەكشۈرۈشكە قارىماي جىددىي قارارنامە ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدا ئىشلەپچقىرىلغان ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيە تاختىسىغا 24 ئاي تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلدى.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى قانۇندا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق ماتېرىيالنى ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەر ناھايىتى كۈچلۈك ئىسپاتلار بىلەن ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىمىغۇچە تۇتۇپ قالىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكادىكى بىر قىسىم شىركەتلەر بۇ قانۇننىڭ تەلىپىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكىدىن شىكايەت قىلماقتىكەن، چۈنكى ئۇلار خىتاي ئۆز زاۋۇتلىرىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقتىن تەلەپ قىلىنغاندەك ئىسپاتنامە كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس، دەيدىكەن.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى، دوكتور سوفى رىچاردسون بولسا بۇ شىركەتلەرنىڭ بۇنداق دەپ ۋايسايدىغان يولى يوقلىقىنى، چۈنكى ئۇلارغا بۇ ھەقتە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى:
«بۇ شېركەتلەر قانۇن چىقىشتىن ئىلگىرىمۇ ۋايسىغان، قانۇن چىققاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ‹بىز بۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق› دەيدىغان ھېچقانداق سەۋەبى يوق. بۇ قانۇن چىققۇچە بولغان ئۇزۇن ئارىلىقتا ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە نۇرغۇن-نۇرغۇن شىركەتلەر بىلەن، ھەتتا مەن ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان شىركەتلەر بىلەن كۆرۈشتۇق ۋە ئۇلارغا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان تەمىنلەش زەنجىرلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدۇق. ئۇلار بۇ قانۇننىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىز مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى دەيدىغان گېپى راست بولسا، ھازىر دەل ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان پەيتى كەلدى.»
جوش روگىنمۇ ماقالىسىدە ئوخشاش نوقتىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن: «شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئەگەر بۇ قانۇن يېزىلغىنى بويىچە ئىجرا قىلىنسا، پاختىدىن تارتىپ توكلۇق ماشىنىلارغىچە بىر نەچچە ساھەدە قىسقا مۇددەتلىك قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چقىرىدۇ. ئەمما قانۇننىڭ كۈچىمۇ دەل مۇشۇ يەردە. بۇ شىركەتلەر ئەگەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلانمىغۇچە، ھەرىكەتكە ئۆتمەي يۈرىۋېرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا دۆلەت مەجلىسى بۇ ئىشقا قول تىققان.»
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قانۇننىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر قانۇن ئەگەر تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلمىسا، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. گەرچە ھازىر بۇ قانۇننىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلار بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكادا خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە باغلىنىپ قېلىشنىڭ قانچىلىك زور خەۋپسىزلىك يوچۇقى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەرمۇ كۆپەيدى. شۇڭا بۇمۇ بىر پايدىلىق ئەھۋال.»
دەرۋەقە، جوش روگىن ماقالىسىدە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ پەقەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسزلىكىگە تاقىشىدىغان بىر جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنى بىر تەرەپكە قويۇپ تۇرايلى، خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە بازارغا قاراپ ھەق بېرىدىغان ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيىسى شىركەتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە تايىنىپ قېلىشىنىڭ زور بىر دۆلەت خەۋپسىزلىك يوچۇقى ئىكەنلىكى بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتىدۇ. خىتايدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتى زاۋۇتلىرىنىڭ ئاساسەن كۆمۈر ئىشلىتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، خىتايدىن قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسىنى ئىمپورت قىلىش كېلىمات ئۆزگىرىشىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز دېيەرلىك. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى تەنقىدنى پەسەيتسە، بېيجىڭنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئويلاشمۇ ئىنتايىن ساددىلىقتۇر.»
سوفى رىچاردسون خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر قانۇن ئىشقا كىرىشكەن ئىكەن، ئۇنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ قانۇن بۇ ھەپتە بېشىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشكەن ئىكەن، ئۇ ھالدا پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدەك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، بەلكى بۇ قانۇننى ۋۇجۇتقا چىقارغان بارلىق دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىمۇ بۇ قانۇننىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنغان ياكى قىلىنمايۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇنى شىركەتلەرنىڭ زىيىنى ياكى ئامېرىكا ئىقتىسادى دەپ تۇرۇپ مۇزاكىرىگە قويۇشنىڭ ئورنى يوق. بۇ قانۇننىڭ كۈچىمۇ دەل شۇ يەردە ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئېلان قىلىنغان ئىكەن، تولۇق ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.»
جوش روگىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» دىكى ماقالىسىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: «تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بۇ ھەپتە يېڭى قانۇننى يولغا قويۇشقا ۋە ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەرنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. دۆلەت مەجلىسى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ. ئەگەر ئاقساراي خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سانائىتىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى بوشلۇق بىلەن تەمىنلىسە، ئۇ ھالدا ھازىرغىچە قىلىنغان پۈتۈن تىرىشچانلىقلار بىكارغا كېتىدۇ. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىدۇ.»