ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە قانداق ئۇسۇلدا مەلۇماتلىق قىلالايدۇ (1)

0:00 / 0:00

ياش-ئۆسمۈرلەرگە ۋە بالىلارغا ئۆزى تەۋە توپلۇق ياكى ئائىلىسى ئۇچرىغان ھەر قانداق تراگېدىيەنى توغرا يوسۇندا ئاڭلىتىش ئاسان ئەمەس. بولۇپمۇ مىللەت سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردە ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى ئەۋلادلىرىغا بىلدۈرۈش مەسىلىسىدە ئورتاق رىقابەتلەرگە ئۇچرىماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى تىل ۋە مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا يەنە بىر مەسىلە قويۇلدى. بۇ بولسىمۇ چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈۋاتقان بالىلىرىنىڭ «نېمە ئۈچۈن بوۋام-مومامنى كۆرەلمەيمىز؟ ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرايدۇ؟ بىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بارالمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرالمايمىز ؟. .» ۋەھاكازالار.

بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھازىرمۇ شىددەتلىك داۋام قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇش بىلەن تەڭ ئۇنى توختىتىشقا ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلالماسلىقتىن ئۈمىدسىزلىك ۋە بېسىم ھېس قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا ئۇنۇملۈك ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئاڭلىتىشتا، ياكى ئۇلارنىڭ يۈزلىگەن نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن سوئاللىرى ئالدىدا گاڭگىراپ قالماقتىكەن.

ۋىرجىنىيەدىكى «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈرەييە قەشقىرى خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە بالىلارنىڭ سوئاللىرى ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ سوئاللار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىزاھلاشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، خىتاينىڭ سىياسىتى، چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنىڭ تەقەززاسى دېگەندەك مۇرەككەپ نۇقتىئىنەزەرلەرگە چېتىلىدىغان كەڭ دائىرىدە ئۇچۇرلارنى بېرىشنى كۈتىدىغان بولغاچقا، ئۆگەتكۈچىلەردىن ئەتراپلىق، سالماقلىق ۋە ھوششارلىقنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

سۈرەييە خانىمنىڭ كۆزىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ۋاسىتىلىك قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ۋە مىللىتى، ئۆز ئائىلىسى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى باشقىلارغا ۋە ياكى مەتبۇئاتلارغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئادالەت تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما شۇلار ئارىسىدىمۇ روھىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر توپلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېچ بولمىسا ئۆز پەرزەنتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوئۇمۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ تۇغدۇرىدىغان روھىي ئازابلاردىن خالى قىلىش ياكى يامان پسىخىكىلىق تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىش يۈزىسىدىن، يوشۇرۇشنى توغرا كۆرگەنلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدىكەن.

غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى بولۇپ 4 ئائىلە ئەزاسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ھازىرمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئوخشاشلا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەتقىقات خادىمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى. ئۇنىڭ چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان پەرزەنتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى پائالىيەتلەردىكى ياش ئاكتىپلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇ «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىزمۇ ئوخشاشلا روھي قىرغىنچىلىئىقا ئۇچرۋاتىمىز» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بالىلاردىن ئىرقى قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ «مېنىڭچە، پەقەت ئۆزلىرى بۇ زۇلۇمنى پسىخىكا جەھەتتىن توغرا قوبۇل قىلالمىغان ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغان ئاتا-ئانىلارلا بۇنى بالىلارغا بىلدۈرۈشنىڭ ئۇلارغا روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بالىلار ھەر خىل شەكىللەردە بۇنى ئۆگىنەلەيدۇ» دېدى.

توققۇز يىلدىن بۇيان ئانا-تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇۋاتقان سۈرەييە خانىمنىڭ قارىشىچە، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشىنىش، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە مىللىتى ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئائىت دەرسلەرنى ئۆگىتىش تولىمۇ مۇھىم ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمما ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا «ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىسى» دىن ئىبارەت قىيىن ۋە سەزگۈر تېمىنى سۆزلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىلىكلىرىنى ئاڭلىتىشتا ئىرقچىلىق ياكى مىللىي ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ياكى خاتا چۈشەنچىسى بېرىپ قويۇشتىن پەخەس بولۇپ، ناھايىتى ئېھتىياتچان، سەزگۈر بولۇپ، ئىلمىي، پاكىتلىق، ماتېرىيال مەنبەلىرىگە تايىنىشقا دىققەت قىلماقتىكەن.

ئەمما ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى بالىلارغا ئۆگىتىش مەسىلىسىدە، ئوقۇغۇچىلارغا بىرلىككە كەلگەن ماتېرىيال ياكى بالىلارغا مۇۋاپىق ساغلام قوللانما بولماسلىقتەك قىيىنچىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئانا-تىل مەكتەپلىرىگە ئورتاق تەقەززالىق مەسىلە بولماقتىكەن.

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئوقۇتۇش مائارىپچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۈچۈنمۇ بىر قىيىن ۋەزىپە.

زۈبەيرە خانىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى بىلدۈرۈشتە ئۇلارنى خىتاينىڭ ئادالەتسىزلىكىگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغان ۋە بۇ خىلدىكى ئىنسانىي ھوقۇق، ئىجتىمائىي ھوقۇق ۋە سىياسىي ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشقىلارغا ئاڭلىتىشتا ھايات قالغۇچىلارنىڭ، ئاشۇ لاگېر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەنلەرنىڭ گۇۋاھلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىرچانلىققا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە ياكى جازا لاگېرلىرى قۇربانلىرى ئائىلىسى ئۇچرايدىغان پسىخىكىلىق زەربىلەر ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ھەم ئۇلارنىڭ بۇنىڭ تەسىرلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا لاگېر شاھىتلىرى ئەمەلىي ھايات تەجرىبىلىرىگە ئىگە ئەلۋەتتە. پارىژدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى، ئۆزىنىڭ ئۈچرىغان زىيانكەشلىك ۋە ۋەھشىي مۇئامىلىلەرنى قىزلىرىدىن يوشۇرمىغانلىقىنى ھەتتا ئۇنى ھازىرغىچە ھەر پۇرسەتتە تەكىتلەپ ھېكايە قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۇ ئاتا-ئانىلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بالىلارنى ئايىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىتىنى ئۇلاردىن يوشۇرغان بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ بىزگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتلىرىنى ئۇنتىماسلىقىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە پەرزەنتلىرىمىزنى خىتاينىڭ شۇ خىل يالغان تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ئۇلارغا توغرىسىنى، ھەقىقىي ئەھۋالنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك».