مىڭلارچە ئۆلۈم ۋىدىيولىرى-خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جىمجىت يوقىتىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىمۇ؟

مۇخبىرىمىز گۆلچېھرە
2021.06.16
imoji-yilname.jpg بۇ سۈرەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تاقىلىۋاتقان ئېموجىلاردىن بىرىدىن كەسىپ ئېلىنغان سۈرەت.
Photo: RFA

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىرقانچە غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىشى بىلەن گەرچە ئۇ مەزكۇر مەسىلىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تەقىبلەش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرىنى قوللانسىمۇ، لېكىن ۇيغۇرلار يەنىلا بار ئىمكانىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەقىل گۇرۇپپا ۋە ئەركىن ئاخباراتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىگە يول قويۇش تەرەپلىرىگە قارىماي، خىتاي يەنىلا ئۆزىنىڭ «بەختىيار شىنجاڭ» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر مەزگىلدە، تىك-توك قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقالغان بىرقىسىم سۈرەت ۋە ياكى ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ كۆرسەتمەكتە.

خۇددى ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىغان ئېچىنىشلىق ئۇنسىز نىدالار، ئىموجىلىق ۋىدىيولارغا ئوخشاش، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈم يېتىم ھادىسىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قىسقا ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلىرى كۆپلەپ تارقالماقتا. بۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ ئازابلىق يىغلاۋاتقان، بەزىلىرىدە ئۆلگۈچىنىڭ سۈرەت ياكى قىسقا سىن كۆرىنىشىگە 2016-يىلىدىن 2021-يىلى يېقىنقى كۈنلەرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتلار يېزىپ قويۇلغان ھەم ئېچىنىشلىق ناخشا ياكى مۇزىكا كىرگۈزۈلگەن كۆرۈنۈشلەر ئورۇن ئالغان بولسا، يەنە بەزىلىرىگە «جەننەت شۇنداق گۈزەل جايمۇ؟ بىر كەتكەنچە كەلمىدىڭ» دېگەن سۆز كىرىشتۈرۈلۈپ، سۈرەتتىكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن تېخىمۇ ئېنىق بېشارەت بېرىلگەن.

گەرچە كۆپ قىسىم ۋىدىيولاردا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ئىسىم ياكى ئورنى يېزىلمىغان بولغاچقا، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلىشى ۋە دەلىللەشىگە ئىمكانسىزلىق تۇغۇلماقتا.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا فەيسىبوك قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان تاراتقۇلاردا «بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىك تىزىملىكى» تېمىسىدا تارقىتىلىۋاتقان بۇ خىل ئۆلۈم-يېتىم ئۇچۇرلىرى 22-سانغا ئۇلاشتى. بۇلارنىڭ ھەر بىر سانىدا بەش ئالتىدىن شۇنداق ۋىدىيولارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بىر يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ فەيسىبوك بېتىدە «بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىك تىزىملىكى» دېگەن تېما ئاستىدا، بۇ خىلدىكى تىك توك ئارقىلىق تارقالغان ئۇچۇرلارنى يىغىپ تارقىتىپ كېلىۋاتقان نۇر خېنىمنىڭ بۇ ۋىدىيولارغا يازغان سۆزلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابىنى ۋە تۆلەۋاتقان بەدەللىرىنىڭ چېكى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس. ئۇ مۇنۇلارنى يازغان: «كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىردەك مانا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىت ئاساسىدىكى ۋىدىيولار شۇنچە كۆپ بولدى. ئەمما مۇھاجىرەتتە بىرمۇ تونۇشى يوق دېگەن گەپ، دېمەك چەتئەلدە تونۇشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىگە تاشلانمىغان، چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا قاماق جازاسىغا كېسىلمىگەن، بۇلار پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرۈلۈپ يوقىتىلغان.»

ئۇ يەنە مۇنداق يازغان: «بۇ بۈگۈنكى يوقىتىش ئەمەس، بۇ دادىللىرىمىز تۇغۇلۇپ ئەقلىگە كەلگەندە مانا مۇشۇنداق يوقىتىش بار ئىكەندۇق، پەقەتلا بىزنىڭ تارىخى ۋەقەلىكلەرنى بىلمەي قالغىنىمىز بار، بارىن ۋەقەسى، يەكەن ۋەقەسى، ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىزگە تونۇشلۇق، بىراق بۇنداق چوڭ كىچىك ۋەقەلىك ھەر شەھەر، ھەر ناھىيە، ھەر يېزىلاردا بولۇپ تۇرغان، پەقەت بىزنىڭ بىلمەي قالغان يېرىمىز بار، خىتاي ھەر قانداق ۋەقەنى ئۈن تۈنسىز باستۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەن تاكى 2017-يىلغا قەدەر».

بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ تەتقىقاتچى ۋە ئاخباراتچىلاردا دىققەت قوزغىتىش ئارزۇسىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقالغان ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرلەۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ خىل ئۇچۇرلارغا ئۇلانغان ئىنكاسلاردا مۇنداق يېزىلغان: «ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى بەكلا ئېغىر، جىمجىت يوقىتىش داۋاملاشماقتا. بىزنىڭ پەلەستىنگە ئوخشاش ئۆز ئەھۋالىنى دۇنياغا سۆزلەيدىغان مېدىيارىمىز يوق، مۇخپىرىمىز يوق. قېرىنداشلىرىمىز مانا مۇشۇنداق بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلۈپ دۇنيانىڭ خەۋەرسىز قايتىش قىلماقتا. ئاۋازى بوغۇلغان قېرىنىداشلىرىمنىڭ ئاۋازى بۇلۇڭ»

دەرۋەقە بۇ خىل ئۇچۇرلار مۇتەخەسسىس ۋە كۈزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلاردىن ھېنرى شاجاۋىسكى بۇ ئېچىنىشلىق ۋىدىيولارنىڭ ھەر بىرىنى بىر پاكىت دەپ قاراش كېرەك دېگەن كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋىدىيولارغا قارايدىغان بولساق بەكمۇ ئېچىنىشلىق، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئازابلىرى ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارغا دىققەت قىلىۋاتقان مەيلى تەتقىقاتچى ياكى ئاخباراتچىلار ئۈچۈن بولسۇن بۇ خىل ئۇچۇرلار بەكمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بۇخىل ئۇسۇللاردا تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلدى. بىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايۋاتقان بۇنداق بىر شارائىتتا، بۇ ئىسپاتلار تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى ئۇلار شۇنچىلىك قىيىن ۋە خەتەرلىك شارائىتتا تۇرۇپمۇ بۇنى بىزنىڭ كۆرۈشىمىزنى، ئاڭلىشىمىزنى ئۈمىدىدە تەۋەككۈل قىلغان. ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا بىز ھېچ بولمىغاندا بۇنى ئاڭلىيالىدۇق، بۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇرلاردىن ئاڭلىيالايدىغان بىردىن بىر ئاۋاز. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۇلار تاشقى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئاۋازلارغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز زۆرۈر، بۇ ئۇلارنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، بىزگىچە يەتكۈزەلىگەن گۇۋاھلىقى. بۇنى تەتقىقاتچىلار ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش كېرەك».

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپىنىڭ قۇرغۇچىسى بەختىيار ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقالغان بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ئىزچىل يىغىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئۇچۇرلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ رېئاللىقىنى بىۋاسىتە يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان ئىنتايىن قىممەتلىك پاكىت دەپ قاراشقا بولىدىكەن. لېكىن بۇ ۋىدىيولاردىكى كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، چەتئەلدىمۇ بۇ ئىنسانلار ھەققىدە تونۇشلۇق بەرگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ چىقماسلىقى، بۇ خىل ئۇچۇرلارنى گۇۋاھلىق ئورنىدا ئىشلىتىشكە چەكلىمە پەيدا قىلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.