ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلىنىڭ بېشىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە مەخسۇس قارار ئالغاندىن كېيىن كانادا پارلامېنتىمۇ تېزدىن بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە كۆپ قاتلاملىق كونتروللۇق تەدبىرلىرىنى «ئىرقىيي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان رېئاللىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ ساھەگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن «خەۋەرلەر مۇنبىرى» ئاگېنتلىقى 1-ئاۋغۇست كۈنى مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىدى. بۇنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە ئۇلار بىر قىسىم لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى.
رىياسەتچى نىما رايان ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، بۇھەقتىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى نۆۋەتتە مىليونچە كىشى قامالغان، دەپ قارىلىۋاتقان لاگېرلاردىن ئامان چىققان شاھىتلاردىن ئاڭلاشنى تەكلىپ قىلدى. ئالدى بىلەن لاگېرلارنىڭ بىرىدە مۇنتىزىم ھالدا ئوقۇتقۇچى بولغان قەلبىنۇر سىدىق لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى دۇچ كېلىدىغان زىيانكەشلىكلەر ھەمدە جىنسىي خورلۇق ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن قاسىم مەسىموفنىڭ تەرجىمانلىقىدا قەلبىنۇر سىدىق بۇ جايدىكى ئۆلۈم، خورلۇق ۋە زىيانكەشلىكتىن باشقا يەنە قىز-چوكانلارنى تۈرلۈك تېببىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پەرزەنت كۆرەلمەس قىلىۋېتىش قىلمىشىىنىڭمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى چەكلەش ھەمدە ئۇنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيمەس قىلىپ قويغانلىقىدەك قىلمىىشنى شەرھلەپ بەردى.
بۇ ھەقتىكى يەنە بىر گۇۋاھچى ئۆمەر بېكئالىي بولۇپ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ لاگېردا بېشىدىن ئۆتكەن جىسمانىي قىيناقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆزى كۆرگەن ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەرلىرىنىڭ جىسمانىي قىيناقلار نەتىجىسىدە قانداق نابۇت بولۇپ كېتىدىغانلىقى، بۇ جايدىكى ئۆلۈم-يىتىم ۋە زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مەنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزى بۇ جايدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن بۇيان بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىس-بۇسىنى چىقارماي ئادەم ئۆلتۈرۈش» بىلەن قانداق مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچى نىما رايان خانىم كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن گارنېت جىنيېس ئەپەندىنى ئېكرانغا تەكلىپ قىلدى. پارلامېنت ئەزاسى گارنېت جىيېس بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ھازىرغىچە كانادا پارلامېنتى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەر بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەخسۇس قارارمۇ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللانغان. ئەمما كانادا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە تېخى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. شۇنداقتىمۇ پارلامېنت ئىزچىل ھۆكۈمەتكە بۇ مەسىلە توغرىسىدا بېسىم قىلماقتا ئىكەن. ئەمما ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى رەسمىي قارارى ئوتتۇرىغا چىقماي تۇرۇپ، دائىر بىرقاتار كونكرېت ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلغىلى بولمايدىكەن.
گارنېت جېنىېسنىڭ پىكرىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغانىكەن، ئۇنىڭ ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان پەۋقۇلئاددە شارائىتتا بۇنى ئاشكارا تەن ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. بۇ كانادا ھۆكۈمىتى ھازىر قىلالايدىغان بىرىنچى ئىش ئىكەن. ئىككىنچى ئىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق بولغان تەمىنات زەنجىرىدىن كېلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشىگە قارشى تەدبىرلەرنى ئېلىشمۇ بۇنىڭدىكى مۇھىم چارىلەردىن ھېسابلىنىدىكەن. گەرچە كانادا ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقىپ، بۇ ھەقتە بىرەر ئەمىلى ھەرىكەت قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىغا پاناھلىق بېرىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىش ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى رەسمىي قارارنىڭ ئېلىنىشىغا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھەلەرگە چېتىشلىق كۆپلىگەن سەۋەبلەر بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ھۆكۈمەتتىكى بىر قىسىم لىبېرال زاتلارنىڭ خىتاينى رەنجىتىپ قويماسلىق تەشەببۇسى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ جەھەتتە ھازىر مۇمكىن بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم قەدەم ھەرقايسى جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا قىلىشى ئىكەن. جۈملىدىن كانادا ئىستېمالچىلىرى بازارلاردىكى پەمىدۇر قىيامىغا ئوخشاش قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان شەيئىلەر ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمىتىنى زالىمغا يانتاياق بولماسلىققا دەۋەت قىلىشىمۇ مۇھىم ئىكەن.
كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنىڭ ئېلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى، كانادا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رىقابەتچى نامزاتى مايكىل چوڭ ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە مۇھىم سۆز قىلدى. . ئۇ «نۆۋەتتە كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئېلىشتا قانداق ئىسپاتلارغا ئىگە؟» دېگەن سوئالغا قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى، ئاقىللار ئامبىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە ئىلمىي دەلىللىرى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى نامايان قىلغان ماددىي ئىسپاتلار ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك بەرمەيدىكەن. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدىن كاناداغا ئىمپورت قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغاچقا بۇ قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى يەنىلا ئىمپورت قىلىنماقتىكەن. شۇڭا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىىي ھالدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھەمدە بۇنىڭغا قارشى رەسمىي شەكىل ئالغان تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشى ئەڭ مۇھىم ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىشنى ئارقىغا سۆرەۋاتقان بولسىمۇ، كانادا پۇقرالىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى بارغانسېرى چىڭىغا چىقماقتا ئىكەن. «يەرشارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە كانادانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چېركاۋلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىغا قارىتا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى كەسكىن ئەيىبلىگەن. بەزىلەر مۇشۇ خىلدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ چۇقانلىرى يۇقىرى پەللىسىگە چىقىۋەرسە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە رەسمىي قارار ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتىكەن.