مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى نېمە دەيدۇ؟

0:00 / 0:00

تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە مۇھاجىرەتكە كۆچۈشى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ھەسسىلەپ ئارتىپ بېرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەرگە مۇساپىر بولۇپ كۆچۈش دولقۇنى تېخىمۇ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. ھازىر قازاقىستاندىن قالسا تۈركىيە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، بېلگىيە، كانادا، فىرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى بىرىنجى ئەۋلات ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدىن ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ چىققان بالىلىرى ۋە ياكى چەت ئەلدە تۇغۇلغان پەرزەنتلىرى ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ياكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردىن بىر تۈركۈم ئىختىساسلىق ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار يېتىشىپ چىقىشقا باشلىغان.

گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق 18 ياشلىق شاھنۇر قاسىم، كانادادا تۇرۇشلۇق 15 ياشلىق مەھلىيا چەتىنكاياغا ئوخشاش ئۇيغۇر ياشلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى مەكتەپلەردە ياخشى ئوقۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ساۋاقداشلىرىغا ۋە شۇ يەردىكى يەرلىك خەلققە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقى قىرغىنچىلىقى» نى ئاڭلىتىشقا باشلىغان. ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنى ئاڭلاتقان ۋىدىيولارنى ئىشلەپ تارقىتىش ئارقىلىق، چەت ئەللىك ياشلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتقان.

بۇ ياش قىزلار رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار: «بىز چەت ئەللەردە، ئەركىن دۇنيادا چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەسلى ۋەتىنىمىزدە ئەركىن نەپەس ئالالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشنى تاللىدۇق، بۇ بىزنىڭ بىزنىڭ بۇرچىمىز،» دەپ قارايدىكەن. سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىدا بولغاي.