بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپادىكى نەچچە ئونلىغان كۇتۇپخانىلار ۋە مۇزېيلاردا تارىختىكى ئۇيغۇر ئۇستىلار، كاسىپلار، خەتتاتلار ھەمدە كاتىپلار تەرىپىدىن يېزىلغان ياكى قولدا كۆچۈرۈلگەن يۈزلىگەن ھۈنەر-كەسپ رىسالىلىرى ساقلانماقتا. ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ۋاراقلىرى سارغايغان، سىياھلىرى سۇسلاشقان، مۇقاۋىلىرى تىتىلغان بۇ قىممەتلىك رىسالىلەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخ جەريانىدا ياراتقان مول مەزمۇنلۇق خەلق بىلىمىنى، كوللېكتىپ ئىجادىيەت قۇۋۋىتىنى، ھۈنەر-كەسپ ساھەسىدىكى ئىختىرالىرىنى، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس كەسپچانلىق روھىنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا.
«رىسالە» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستېمال جەريانىدا يۈكلەنگەن مەنىسى- كەسپلەر قوللانمىسى ياكى ھۈنەر-كەسپلەر ھەققىدە يېزىلغان باياننامە دېگەنلىكتۇر. رىسالىلەر ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشى ۋە كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان يازما يادىكارلىقتۇر.
ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان شۇغۇللىنىپ كەلگەن تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەسپى پائالىيەتلىرى جەريانىدا، ئۆزىگە خاس ھۈنەر - كەسىپ تېخنىكىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇل - تەرتىپلىرى ۋە ھۈنەر-كەسپ تۈرلىرىنى بەرپا قىلغان، شۇنداقلا ئۇنى ئىزچىل تۈردە بېيىتىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ھۈنەر-كەسپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن، شۇ كەسپلەرنىڭ ئۇستىلىرى مەخسۇس رىسالە يېزىپ قالدۇرغان. رىسالىلەر قولدا يېزىلىپ ۋە كۆچۈرۈلۈپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ساقلىنىپ كەلگەن.
ئادەتتە رىسالىلەرنىڭ ھەجىمى قىسقا، تىلى ئاددىي، مەزمۇنىدا كەسپىي بىلىملەر ۋە ئالاھىدىلىكلەر ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. ھۈنەر-كەسپ رىسالىلىرى ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولىدۇ. شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسپ رىسالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 13 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 9 سانتىمېتىر كېلىدىغان خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان.

رىسالىلەرنىڭ ھەجىمى قىسقا بولۇشىغا قارىماي، شۇ كەسپكە دائىر ناھايىتى مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. رىسالىلەردە مەلۇم بىر ھۈنەر ياكى كەسىپ توغرىسىدىكى قائىدە-تەرتىپ ۋە شۇ كەسىپتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاق ئۆلچىمى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ھەر بىر كەسىپنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت رىۋايەتلەر، كەسىپنىڭ ھىماتچى پىر-ئەۋلىيالىرىنىڭ ئىسمى، ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىسمى، كەسىپنى ئىجرا قىلىشتىكى تەرتىپ-قائىدىلەر ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەھكام-مىزانلار بىر-بىرلەپ بايان قىلىنىدۇ. رىسالىلەردە كەسپىي بىلىم بېرىش، كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىتىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ھۈنەر-كەسپكە دائىر دىنىي ئىلىملەردىن ساۋاق بېرىشمۇ مۇھىم مەزمۇن قىلىنىدۇ. بىر قىسىم رىسالىلەرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى سوئال-جاۋاب شەكلىدە بولۇپ، شۇ كەسىپنى ئىجرا قىلىش ۋە بېجىرىشتە ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە ئايەتلەرمۇ بايان قىلىنغان بولىدۇ.
ھۈنەر-كەسىپ ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئەنئەنىسى ۋە تۇرمۇش ئەنئەنىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان خەلق بىلىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ رىسالىلىرى شۇ خىل ھۈنەر-كەسىپنىڭ تارىختىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ. ھۈنەر-كەسپ رىسالىلىرى يەنە تارىخىتىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە شۇ كەسپلەرنىڭ خارابلىشىش ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە ھەم تەتقىق قىلىشتا زۆرۈر قوللانمىدۇر.
ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسپ رىسالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلەردە يېزىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا قويۇق ئىسلامىي تۈس ئەكس-ئەتكەن بولىدۇ. رىسالىلەردىن ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى ئىزىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. رىسالىلەردە يەنە ئۇستازلار ھۈنەر-كەسپلەرنىڭ پىرلىرى ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كەسىپكە سادىق بولۇش، ۋاپادارلىق، سەمىمىيلىك قاتارلىق پەزىلەتلەرنى يېتىشتۈرۈش تەكىتلەنگەن بولىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار رايونىدا تارقالغان رىسالىلەرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە يېتىپ كەلگەن نۇسخىلىرىنى ئومۇمەن قوليازما نۇسخا، تاش باسما نۇسخا ۋە يېڭى مەتبە نۇسخىسى دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. رىسالىلەر تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىرلىرىغىچە قولدا يېزىلىپ ۋە كۆچۈرۈلۈپ كېلىنگەن. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا تاشباسما تېخنىكاسى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان مەزگىللەردە رىسالىلەرنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمى تاشباسمىدا بېسىلىپ تارقىتىلغان، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن باشلاپ رىسالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى مەتبەدە بېسىلىپ تارقىلىشقا باشلىغان. ئەمما مۇشۇ مەزگىللەردىمۇ بىر قىسىم رىسالىلەر يەنىلا قولدا كۆچۈرۈلۈپ تارقىتىلغان ئەھۋاللارمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن يىغىۋېلىنغان ھۈنەر-كەسىپ رىسالىلىرىنىڭ سانى ۋە تۈرلىرى ھەققىدە ئېنىق بىر ئستاتىستىكا بولمىسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئەللىرىدىكى مۇزېيلار، كۇتۇپخانىلارنىڭ كاتالوگلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندە، 40 نەچچە خىلدىن كۆپرەك ھۈنەر-كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈزلىگەن رىسالىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ رىسالىلەر «تۈگمەنچىلىك رىسالىسى»، «قاسساپلىق رىسالىسى»، «باپكارلىق رىسالىسى»، «ناۋايلىق رىسالىسى»، «دېھقانچىلىق رىسالىسى»، «بوياقچىلىق رىسالىسى»، «تۆمۈرچىلىك رىسالىسى»، «ياداچىلىق رىسالىسى» (يامغۇر تىلەش رىسالىسى)، «سودىگەرچىلىك رىسالىسى» قاتارلىق ھۈنەر-كەسىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىگە ئائىت كەسىپ قوللانمىلىرىدىن تەركىب تاپقان.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر قىسىم ياۋروپالىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر، مىسسىيونېرلار، ساياھلار ۋە شەرقشۇناسلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن، يەركەنت، قۇمۇل ۋە تۇرپان قاتارلىق شەھەرلىرىدىن ئۇيغۇر چاغاتاي تىل-يېزىقىدا يېزىلغان زور بىر تۈركۈم قوليازمىلارنى ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىم ھۈنەر-كەسپ رىسالىلىرىمۇ ساقلانماقتا. شىۋېتسىيەلىك تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ، گېرمانىيەلىك شەرقشۇناس مارتىن خارتمان ۋە رۇسىيەلىك ئولدېنبۇرگ قاتارلىقلارنى رىسالىلەرنى توپلاشتا كۈچ چىقارغان كىشىلەر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىن توپلاپ ئېلىپ كەتكەن قوليازمىلار، بولۇپمۇ ھۈنەر-كەسپ رىسالىلىرى كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە ئىلىم ساھەسىدە رىسالىلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە شارائىت ھازىرلىغان.
نۆۋەتتە ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسىپ رىسالىلىرى تەتقىقاتى خېلى چوڭقۇر ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا ھۈنەر-كەسپ رىسالىلىرىنىڭ تىرانسىكرىپتسىيەسى (ئوقۇلۇشى)، تېكىستى، قۇرۇلمىسى، مەزمۇنى، تىلى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت قاتلىمى قاتارلىق نۇقتىلاردىن كۆپلىگەن تەتقىقاتلار قانات يايماقتا. بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار تۈركىيەدىمۇ قىزىقىش قوزغاۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە نەۋشەھىر ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسپ رىسلالىرىنى مەنبە قىلغان ھالدا، 2018-يىلى جەمئىي سەككىز پارچە رىسالە تەتقىقاتى كىتابىنى نەشر قىلغان.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان ھۈنەر-كەسپ رىسالىلىرى شېۋېتسىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىقلار كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ساقلانماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتىتى كۇتۇپخانىسى، شىۋېتسىيە ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى كۇتۇپخانىسى، گېرمانىيە بېرلىن براندبۇرگ تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسى، فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۇتۇپخانىسى، بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى، ياپونىيە تويو بۇنكو كۇتۇپخانىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ش ئۇ ئا ر قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۈتۈپخانىسى قاتارلىق جايلاردا، شۇنداقلا بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ قولىدا ساقلانماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ رىسالىلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تەرەققىياتى ۋە كەسىپلىشىشىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم مەنبە بولۇپ ھېسابنىلىدۇ. رىسالىلەر يەنە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئۇنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۈنەر-كەسىپلەر بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رىسالىلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا بەرپا قىلغان خەلق بىلىملىرى، يەنى ھۈنەر-تېخنىكا، كەسپ تۈرلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى چۈشىنىشتە، تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەسپىي ساھەلەرنى ئىپادىلەش ھەم كەسپىي ئاتالغۇلارنى ياساش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم مەنبەدۇر.
***
مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.