ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: «‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر روھىنى ‹تەربىيەلەۋاتىدۇ›!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيىلەردە كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان ھاكىممۇتلەق مۇئەسسەلەرنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر مۇئەسسەلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزى تەپسىلاتلار رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا ئايدىڭ بولغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا جامائەت بۇ خىل مەركەزلەرنىڭ سان جەھەتتىكى كۆپلۈكى ۋە ئۇنىڭغا سولىۋېلىنغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار بولۇشىغا ئاساسەن «بۇ خىلدىكى ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولماقتا» دېگەن چۈشەنچىگە كەلمەكتە.

بۇ خىلدىكى ئەندىشىلەرنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. بىز بۈگۈن ۋاشىنگتون شەھىرىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ۋە پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىمنى رادىيومىزغا تەكلىپ قىلىپ، مەخسۇس مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.