9-يانۋار كۈنى يەنى گۇمىدا قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسى، خوتەن خانئېرىق ساقچىخانا خادىمى 34 ياشلىق سەمەت ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلىشىدا ساقچىلار سەمەت ئابدۇكېرىمنىڭ چارچاشتىن ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئېنىقلىشىدا ئوخشاش ساقچىخانىنىڭ يەنە بىر خادىمى ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ باشلىق ئابدۇغېنى زاكىر بولسا، بۇ تېمىدا تېلېفون زىيارىتى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خانئېرىق ساقچى خادىمى سەمەت ئابدۇكېرىمنىڭ 9-يانۋار كۈنى ئۆلگەنلىكى ئەڭ ئاۋۋال ساقچىلارنىڭ بىر ئۈندىدار توپىدا ئاشكارىلانغان. ئۇ ئۇچۇردا ئۇنىڭ چارچاشتىن ئۆلگەنلىكى يېزىلغان ۋە ساقچى خادىملىرى ئۇنىڭ چارچاشتىن ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەن، ئەمما قايسى ئىشتا قانداق چارچىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدا، مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ يەنە بىر خادىمى ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز بۇ ئىككى خىل چۈشەندۈرۈشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خانئېرىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئابدۇغېنى زاكىرغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ بۇ تېمىدا تېلېفون زىيارىتى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەد ئەپەندى سەمەت ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق بىر ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. پەرھات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇقىملىقنى ئەمەلدارلارغا ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلماقتا ۋە بۇ تۈزۈم قاتلاممۇ-قاتلام ئەمەلىيلىشىپ ساقچىلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا. بولۇپمۇ بۇ بېسىم ئۇيغۇر ساقچىلارغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تاقاشماقتا. پەرھات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قانۇن ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار گەرچە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مىللىي ئاڭ ۋە ھېسسىياتىنى يوقاتقان ئەمەس؛ ئۇلار ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەقسىزلىقنى، بولۇپمۇ كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرىگە قارىتا تەھدىتنى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ كۆرۈۋاتقان ۋە ھېس قىلىۋاتقانلار؛ شۇڭا رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر ساقچىلىرىنى ۋىجدانىي جەھەتتىن ئازابلىماقتا. سەمەت ئابدۇكېرىم بەلكىم ئەنە شۇلاردىن بىرى.
پەرھات ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ نۆۋەتتە ساقچى قاتلىمىدىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى، دائىرىلەرگە نىسبەتەن ئىشەنچسىزلىكى سەۋەبىدىنمۇ، ئۇلار ئۆز ئورۇنلىرىدا چەتكە قېقىلماقتا، ھەتتا بەزىدە خورلۇققا ئۇچرىماقتا دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن خانئېرىق ساقچىخانىنىڭ خادىمى سەمەت ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە پەرەزلەرنى ئاڭلاڭلار.