ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەرخىل ناملاردا قوبۇل قىلىنىۋاتقان ساقچىلار قوشۇنىنىڭ غايەت زور «ئامانلىق كۈچلىرى» بولۇپ تەشكىللىنىشى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» نىڭ شەكلىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تىبەت رېتسېپىنىڭ سىناق قىلىنىشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەر كۆپىنچە ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالنى 2016-يىلى ئاۋغۇستتا ئۇيغۇرلار دىيارىغا بىرىنچى قول ھۆكۈمران بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن چېن چۇەنگونىڭ سىياسىي تەدبىرلىرىگە باغلاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. چېن چۇەنگو تىبەت ئاپتونوم رايونىدىن ئۇيغۇرلار رايونىدىكى پارتىيە سېكرېتارلىقىغا ئالماشقاندىن بۇيان يولغا قويغان ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى «مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەت يارىتىشتا ساقچىلار قوشۇنىغا تايىنىش» بولدى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر توپلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ تەدبىر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدا جەمئىي 84 مىڭ كىشىلىك ساقچى خىزمەت ئورنى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن، بۇ بولسا ئۆتكەن ئون يىلدا بېرىلگەن مۇشۇ خىلدىكى ئېلانلارنىڭ يىغىندىسىدىن 50% كۆپ بولغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى»نىڭ شەنبە (12-ئاۋغۇست) سانىغا بېسىلغان مەخسۇس تېمىدىكى ماقالە ئەنە شۇ ساقچى پونكىتلىرى ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى تەرەققىيات ئەھۋالىغا بېغىشلانغان.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ساقچىلار قوشۇنىدىكى بۇ خىل «غەيرىي» ئېشىش ھادىسىسىنى «ئىسلام ئەسەبىيلىكى ۋە تېررورلۇقى» غا زەربە بېرىشنىڭ ئېھتىياجىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنسا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد بېسىمى ۋە تەڭسىز مىللىي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ.
گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادريان زېنز بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ پىكرىچە، «چېن چۇەنگو كەلگەندىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى› نى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدا ساقچى قوشۇنىغا غايەت زور ساندا خادىم قوبۇل قىلىش بولغان.» ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئېلان قىلىنغان خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» غا ياردەمچى ساقچى، ساقچى ياكى ئالاھىدە ساقچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا مىڭغا يېقىن «ساقچى پونكىتى» كۆپەيتىپ سېلىنغان بولۇپ، ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئومۇملىشىپ بولغان بۇ ساقچى پونكىتلىرى ئاساسەن نەچچە يۈز مېتىردا بىردىن جايلاشقان ئىكەن.
ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ تەدبىر ئەمەلىيەتتە چېن چۇەنگو تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى بولۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا، يەنى 2011-يىلىدىن باشلاپ تىبەت رايونىدا يولغا قويۇلغان ھەمدە خىتاي ئاخباراتلىرىدا «ئۆچمەس چىراغ» دەپ مەدھىيىلەنگەن. ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ ئۇيغۇرلار دىيارىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆزىنىڭ تىبەت رايونىدا سىناقتىن ئۆتكەن تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولغان «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» بەرپا قىلىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىشكە كىرىشكەن. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بېرىلگەن ئالاقىدار خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرىنىڭ تاملىرى سېمونتتىن ياسىلىپ، ئوق ئۆتمەس «ئىستىھكام» شەكلىنى ئالغان. ئەمما ئادريان زېنزنىڭ پىكرىچە، بۇنداق زور ساندا ساقچى قوبۇل قىلىش ھەممىدىنمۇ بەكرەك مۇنتىزىم ساقچى ۋە ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنىڭ چىقىمىنى تېجەشنى نىشان قىلغان ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (يەنى چېن چۇەنگو) تىبەتتىكىگە ئوخشاش ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىشنى ئىستەيدىكەن، ئۇنىڭغا مۇشۇنداق قىلماي باشقا ئامال يوق. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە قوللانغان ئىستراتېگىيىسى بەكمۇ ‹چېچەنلەرچە› ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇنىڭدا ئۇ چىقىمنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلماقچى بولغان ساقچىلارنى ۋاقىتلىق خادىم شەكلىدە قوبۇل قىلدى. يەنە بىر ياقتىن بۇ خىزمەت ئورۇنلىرى ھەقىقىي مەنىدىن دۆلەت پۇقرالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان باشقا ساھەلەر ۋە تۈرلەرگە زادىلا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇ خىزمەت ئورۇنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن رەسمىي بولمىغان خىزمەت توختاملىرى ئارقىلىق تولدۇرۇلىدۇ. بۇ ساقچى خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ بەزىلىرى دەرۋەقە پۇقرالار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققانلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆمرىدە ئۇنداق ئىش دېگەنلەرنى قىلىپ باقمىغانلار. شۇڭا مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ بۇنچە كۆپ ‹مۇلازىمەتچى› ساقچىلارنى يىغىۋېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى جايىدىلا قويۇپ قويغان بولسا بولۇۋېرەتتى. يەنە كېلىپ بۇ قوبۇل قىلىنغان ساقچىلارغا بېرىلىدىغان پاراۋانلىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇنچە كۆپ سىياسەتلەرمۇ يوق. بۇ بولسا يەنە بىر ياقتىن بۇ خىل ساقچى قوبۇل قىلىشنىڭ تەننەرخىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ. رايونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىشىشتىكى پەرقىگە ئاساسەن بەزى رايونلاردا راستىنلا مۇشۇنداق ساقچىلار قوشۇنىغا نىسبەتەن بىر ئېھتىياج بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ خىلدىكى رايونلاردا بۇ جەھەتتە ئادەم كۈچى كەملىك قىلسا، ئۇلار ياردەمچى ساقچى دېگەنلەرگە بىرئاز يۇقىرى مائاش بېرىپ، بۇ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى يۇقىرىراق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. خۇددى بىز كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، شىمالدىكى شىخەنزە شەھىرىدە ئىشلەۋاتقان ساقچىلارنىڭ مائاشى جەنۇبتىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا ئىشلەۋاتقان ساقچىلارنىڭ مائاشىدىن خېلىلا يۇقىرى.»
يېڭى دېھلىدا ئولتۇرۇشلۇق فىرانسىيەلىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست، تىبەتشۇناس كلاۋدى ئارپى (Claude Arpi) چېن چۇەنگونىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇنچە زور ساندا ساقچى قوشۇنى بەرپا قىلىپ چىقىشىنى باشقا نۇقتىدىن باھالايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، چېن چۇەنگونىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى پەقەت ئۇ تىبەتنىڭ پارتىيە سېكرېتارى بولغان مەزگىلدە نەچچە يىللاپ سىناق قىلىنغان «تىبەت رېتسېپى» نى يېڭىۋاشتىن ئىجرا قىلغانلىق ئىكەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭدىكى مەقسەتلەرنىڭ بىرى، خىتاي ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» دا ئۇيغۇرلار بۆلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ئورۇن سانىلىدىغانلىقى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «چېن چۇەنگو شىنجاڭنى ‹تىنچلاندۇرۇش› قا ماڭغاندا ‹تىبەت رېتسېپى› نى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان. بۇ يېڭى ۋەزىپە شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلنىڭ ئۆسكەنلىكىلا ئەمەس، يەنە بىر سىناق. چۈنكى، ئادەتتە شىنجاڭنىڭ پارتىيە سېكرېتارلىرى سىياسىي بيۇروغا ئەزا بولىدۇ. ئۇ مۇشۇ يوسۇندا شىنجاڭنى تىنچلاندۇرالىسا، بۇنىڭغا جاۋابەن ئاشۇ ئورۇنغا ئېرىشىدۇ. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىبەتتە كۆپ قېتىملاپ سىناق قىلغان ‹ئاسماندا تور، يەردە قاپقان› دېگەن ئۇسلۇبىنى ساقچى قوشۇنى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.»
ئادريان زېنزنىڭ پىكرىچە، «ساقچى كۆپ بولسا جەمئىيەت بىخەتەر بولىدۇ» دەپ قاراش تولىمۇ بىر تەرەپلىمە پىكىر بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇش-بولماسلىقى ساقچىلارنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان ئەھۋال ھازىر مىڭلاپ خىزمەتكە ئېلىنىۋاتقان مۇشۇ ياردەمچى ساقچىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى چارلاش، نازارەت قىلىش، شۇنىڭدەك كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇنداق زور ساندا ساقچى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش»نىڭ مۇمكىنچىلىكى بەكمۇ كىچىك، دەپ قارايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىلەرگە باشقا بىر نۇقتىدىن قاراشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە، نۇرغۇنلىغان خىتاي پۇقرالىرى بۇ خىلدىكى ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەسىلەن، لاسا شەھىرىدە ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىت› لىرى نۇرغۇن جىنايەتلەرنى، مەسىلەن، يانچۇقچىلىق ياكى باشقا ئۇششاق-چۈششەك جىنايەتلەرنى راۋۇرۇس ئازايتتى. بۇنىڭ بىلەن لاسا ناھايىتى بىخەتەر شەھەرگە ئايلاندى. ئىشىنىمەنكى، بەزى تىبەت زاتلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ. ئەمما مىللىي زۇلۇم، بولۇپمۇ بۇ خىل سىستېمىدا تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار نۇقتىلىق نىشان قىلىنسا، ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرى ھەرقاچان تەكشۈرۈلۈپ تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھەرقاچان سوئال-سوراققا دۇچ كېلىپ تۇرسا، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قەدەمدە بىر تەسىس قىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈپ تۇرسا، بۇ خىل بېسىم مۇھىتى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگىمۇ يۈكلەنسە ئۇ ھالدا نۇرغۇنلىغان كىشى مۇشۇنداق ساقچى پونكىتلىرىغا يوللىنىپ كېتىپ قالىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ ئىجتىمائىي تەدبىر دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ھال، شىنجاڭدا تىبەتتىكىدىنمۇ بەتتەر شەكىلدە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بوۋاقلارنىڭ ئىسمى، ساقال-بۇرۇت، ياغلىق، يەنە جۈمە كۈنلىرى جەزمەن خىزمەت قىلىش دېگەندەك چارە-تەدبىرلەر ئەمەلىيەتتە ئامانلىق ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان قايتۇرما زەربىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز مۇئەييەن دەرىجىدە مەنپەئەتلىك بولغان ياكى مەنپەئەتلىك بولىدىغانلىقى روشەن بولغان بۇ خىل ‹ئامانلىق›نىڭ ئاللىقاچان كۆپلىگەن چاتاقلارنى تېرىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز، يەنى ئۇنىڭ ناھايىتى زور بولغان بىر يوشۇرۇن خەتەرگە ھامىلىدار بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر› ئارىسىدا بىر قايتۇرما زەربىگە ئورۇن راسلاۋاتقانلىقىنى بىز تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.»
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى قەشقەردە ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، دائىملىق يانفون تەكشۈرۈش ياكى شەخسلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. يەرلىك ئاھالىلەر بولسا مۇخبىرغا «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» نىڭ ھەقىقەتەنمۇ «قۇلايلىق» ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر «ئامانلىق»تىن باشقا ھېچنەرسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.
0:00 / 0:00